تور (ئىنتېرنېت)

ئورنى Wikipedia

تور (ئىنگ: Internet، خەنچە: 互联网) خەلقئارادا ئىنتېرنېت ئاتى بىلەن تونۇلغان ۋە تور بىلەن تور ئارىسىدا باغلىنىش قۇرغان پەۋقۇلئادە تور. ئىنتېرنېت سۆزلۈكى ئۇيغۇرچەدە ئومۇمىي تور دېگەن مەنىدە بولۇپ، كۆپىنچە تور دەپ ئىشلىتىلىدۇ.

تور خەرىتەسى. ھەر بىر سىزىق IP ئادرېسىنى كۆرسىتەدۇرغان ئىككى تۈگۈن (node) ئاراسىندا سىزىلغاندۇر. سىزىقلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى IP ئادرېسلەرى ئارىسىدا كېچىكىشنى تەمسىل قىلىدۇ. بۇ سىزىق C تورلارنىڭ تەخمىنەن 30% ىنى تەمسىل قىلىدۇ. رەك كودلىرى، سىزىقلارنىڭ RFC 1918 كودلارىنى تەمسىل قىلىدۇ.

تور، كۆپ پروتوكوللۇق بىر تور بولۇپ بىر بىرىگە باغلىق كومپىيوتېر تورىنىڭ تامامى سۈپىتىدە ھەم تونىلىدۇ. مىڭلىغان ئاكادېمىك ۋە تىجارى تور بىلەن دەۋلەت ۋە ئەركىن كومپيوتېر تورىنىڭ بىر بىرىگە باغلانىشى بىلەن تەشكىل قىلىنىدۇ. كومپىيوتېرلار ئاراسى ئۇچۇر تۈرلۈك پروتوكوللارغا كۆرە قاچلانما ھالدە يۆتكىلىدۇ. ئىنتېرنىت ئۈستىدە ئېلېكترونىك پوچتا ۋە بىربىرىگە باغلىق بەتلەردەك كۆپ خىل ئۇچۇرلار ۋە خىزمەتلەر باردۇر. تور مۇھىتىدا ھەرخىل ئۇيۇنلار ئويناشقىمۇ بولىدۇ.

ئىنتېرنېتنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا تارقىلىشى 1997 — 2012

ئىنتېرنېتنىڭ يىلتىزى، ھاياتقا چىدامچان، ساغلام ۋە ئۆزگىچە بىر كومپيوتېر تورى قۇرۇشنى ئىستىگەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتى تەرەڧىدىن 1960- يىلىدىكى تەتقىقاتلارغا ئۇلىشىدۇ. 1980- يىللاردا دۆلەتلىك ئىلىم ۋەقڧى (ڧوندى) تەرىپىدىن يېڭى بىر ئا ق ش ئومۇرتقىسىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن توپلانغان مەخسۇس ڧوندلار، دۇنيا مىقياسىدا ئىشتىراك ۋە نۇرغۇن مەخسۇس تورنىڭ بىرلىشىشىگە سەبەب بولغان. 1990- يىللاردا خەلقئارالىق بىر تورنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ئىنتېرنېت، زامانەۋىي كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىدا ئورۇن ئېلىشقا مۇۋەڧڧەق بولغان.