توپ ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

توپ - ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى ئاساسەن قىزلار ئوينايدۇ.  ئۇيغۇر قىزلىرى توپنى ئۆزلىرى ياسايدۇ. ئۇلار قۇرۇغان شاپتۇل ئۈچكىسىگە پاختا يىپىنى يۆگەپ ئالمىدەك بولغاندا ئۈستىنى ھەر خىل گۈللۈك يىپلار بىلەن تورلاپ بېزەيدۇ. بۇنداق توپ يەرگە ئۇرۇلغاندا تېز ئۆرلەيدۇ ۋە توپ ئىچىدىكى شاپتۇل ئۈچكە مېغىزى شىرىقلىغان بىر خىل ئاۋاز چىقىرىپ دىققەتنى جەلىپ قىلىدۇ. توپ ئويناش ئۇيغۇرلاردا بالا ئۆمىلىگەندىن باشلىنىدۇ. (1) بالا ئۆمىلىگەندە ئاتا - ئانىلار توپنى دومىلىتىپ بالىنىڭ ئۆمىلەش ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. (2) بالا تۇرغاندا، بالىغا مېڭىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن توپنى دومىلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالا توپقا قىزىقىپ تېز مېڭىشقا ئادەتلىنىدۇ. (3) بالىنڭ تىلى سۆزگە راۋانلاشقاندا، چوڭلاردىن بىرى <بىر، ئىككى، ئۈچ> دەپ توپنى يەرگە ئۇرۇپ سانايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالا ساناققا ئۆگىتىلىدۇ ۋە توپنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئۆرلىشىگە قاراپ كۆزى چېنىقىدۇ. بۇلار ھەممە ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئومۇملاشقان ئادەت، يۇقىرىقىلار بىلەن چېنىققان بالا مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، مۇستەقىل توپ ئويناش باسقۇچىغا كۆچىدۇ. بۇ چاغدا، بىر قانچە قىز بالا بىرلىشىپ شەرتلىك توپ ئوينايدۇ. ئۇنىڭ قوشاقلىرى مۇنداق: ئىككى سەككىز ئون ئالتە، ئون ئالتىنى كىم يادى. ئاكام بىلەن مەن يازدىم، ئىشەنمىسەڭ سوراپ باق، ھەسەل ئېلىپ يالاپ باق. ئۇنىڭدىن كېيىن <لام - جىم> دەپ ئوينىغۇچى توپنى تۇتۇۋېلىپ جىم تۇرىدۇ. باشقىلارمۇ گەپ سۆزسىز مىدىر قىلماي تۇرۇشى شەرت. كىم خىلاپلىق قىلسا ئويۇندىن قالىدۇ ياكى ئالقىنىغا بىر - ئىككى شاپىلاق يەيدۇ. تېخى ياتلىق بولۇش يېشىغا يەتمىگەن قىزلار ئارىسىدا بۇ خىل توپنى ناخشا - قوشاقنىڭ رىتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئويناش ئادىتى ئومۇملاشقان. ئويۇننىڭ شەرتى سۈپىتىدە، توپنى قاچۇرماسلىق، قوشاق ئوقۇغاندا دۇدۇقلىماسلىق، قوشاق توپنىڭ ئۆرلەش - چۈشۈشىگە ماسلىشىپ ئېيتىلىش، بولمىسا ئويناش نۆۋىتىدىن قېپقالىدۇ. توپ ئويناش ماھىرلىرى قوشاقنى ياخشى ئېيتىش ئۈچۈن، توپنى ئالىقان بىلەن يەرگە ئۇرۇپ ئۆرلىگەندە قول دۈمبىسىدە توختىتىپ سىيرىلدۈرۈپ ئالىقانغا چۈشۈرۈپ قايتا يەرگە ئۇرىدۇ. خەلق ئارىسىدا <توپ قوشىقى> نىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، بىر قەدەر ئومۇملاشقانلىرى مۇنداق ئېيتىلىدۇ: چىڭچى، بۇغدايچى، خەمىكى دوغدايچى. كېچىلەپ زوۋانى قوي، زوۋىنىڭ قايسى قىزى. ئەڭ كىچىك ۋاپا قىزى، ۋۇپىنى ۋاپا دېمەڭلار. ۋۇپىل يالغانچى بولۇر، ۋۇپزىن كۆرە بوۋاڭنى تاپ. بوۋا بەك ياخشى بولۇر."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]