تېھران

ئورنى Wikipedia
تېھران


تېھران (فارسچە: تهران) بولسا ئىران دىكى بىر شەھەر، تېھراننىڭ2006-يىلقى سىتاتىكىىسىدا 7،705،036 نوپۇسىبار، 686 كم² دائىرسىدا نوپۇس جايلاشقان، شىمالى كەڭلىك 35.41°، شەرقى ئۇزۇنلۇك 51°25.

ئىراننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. غەربىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر. تېھران ئىلبورس تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز ئېگىزلىكى 1220 مېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 8 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ )1984(. تېھران ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادى 9 - ئەسىردە رېي شەھەرلىك بىرلەشمىسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1788 - يىلى كاجار پادىشاھلىقى بۇ جاينى پايتەخت قىلىپ تېھران دەپ نام بەرگەن. تېھران پارس تىلىدا پاك جاي، پاكىز شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەھەردە كاجار پادىشاھلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان قەدىمىي ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ. تېھران ئىراننىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ يېرىمى توپلانغان، ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايغا توقۇمىچىلىق، شېكەر، تاماكا، ئەينەك، فارفور، سېمونت، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل، نىفىت ئايرىش، ھەربىي قورال - ياراق ياساش، گىلەم توقۇش، يىپەكچىلىك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى مەركەزلەشكەن. ئىران ھۆكۈمىتى تېھران شەھىرىگە سانائەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلىشىپ ئېغىر بۇلغىنىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېھران شەھىرىنىڭ 120 كىلومېتر دائىرىسى ئىچىدە زاۋۇت - فابرىكا قۇرۇشنى چەكلىدى.

تېھران ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئارىلىقىدىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە نۇقتىسى، ئىراننىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يول تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۆلەتنڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە سوزۇلغان تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى بار. شەھەردە يەنە چوڭ خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار."