جامىس جويىس

ئورنى Wikipedia

جامىس جويىس (James Joyce1882- 1941)

جامىس جويىس ئېرلاندىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى، ئاڭ ئېقىنى پروزىچىلىقىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. ئۇ ئېرلاندىيىنىڭ پايتەختى دۇبلىندا تۇغۇلغان . دادىسى باج ئىشلىرى ۋالىيسى بولغاچقا، دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى خېلى ياخشى بولغان. 1891-يىلى دادىسى سىياسى سەۋەپ تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلسى خارابلىشىپ، رەنىگە قۇيۇش ۋە قەرز ئېلىشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرگەن. جويىس دۇبلىن ئۇنۋېرستىتىدا تىلشۇناسلىق ئۆگەنگەن مەزگىلدە، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ، ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىشكەن. 1902-يىلى ئۇ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پارىژغا بېرىپ، كىتاپلارغا باھا يېزىش ۋە ئىىگىلىز تىلىدىن دەرس ئۆتۈشكە تايىنىپ جان باققان. ئۇنىڭ بۇمەزگىلدە يازغان ئوبزورلىرى ۋە ئېستىكىغا ئائىت خاتىرلىرى 1959- يىلى «جامىس جويىس ماقالىلىرى» دىگەن نامدا نەشىر قىلىنغان.

1903 -يىلى ئانىسىنىڭ كىسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، ئۇ ئېرلاندىيىگە كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغان. 1904-يىلى «ئېرلاندىيە دىھقانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ھېكايە يېزىشقا باشلىغان. ياۋروپا ئەدىبىياتىغا بولغان قىزغىن تەتقىقات تۈپەيلىدىن، ئۇ سىمۋولىزىم بىلەن رىئالىزىمغا قىزىقىپ، بىر-بىرىگە قارشى بولغان بۇ ئىككى خىل خاھىشنى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە بىرلەشتۈرگەن. 1920 -يىلى ئۇ پارىژغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.

1922-يىلى ئۇنىڭ ۋەكىللىك نادىر رومانى«ئۇلىسىس» نەشىر قىلىنغان. ئاڭ ئېقىنى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بۇ ئەسەر نەشىر قىلىنىشى بىلەنلا پارىژ ۋە ئېرلاندىيىدە زىلزىلە پەيدا قىلىپ، پۈتكۈل غەربى ياۋروپانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ روماننىڭ ئاڭ ئېقىنى ناھايىتى گەۋدىلىك روماننىىڭ قۇرۇلمىسى غايەت زور، بايان قاتلىمى مۇرەككەپ، ئەسەر قۇرۇلمىسى ناھايىتى پۇختا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ روماندا پېرسوناژلارنىڭ يېشىغا ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ ھالدىكى تىل ۋە تەپەككۇر ئارقىلىق پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنيا ۋە ئاڭ پائالىيەتلىرى چىنلىق بىلەن قايتا نامايەن قىلىنغان. 1939-يىلى ئۇنىڭ 16يىل سەرپ قىلىپ يازغان ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ مۇھىم رومانى«فىننېگىنلارنىڭ ئويغىنىشى » نەشىر قىلىنغان. بۇ روماندا جۆيلۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان تىل بىلەن قارا باسقان چۈشتىكى ئاڭ ئېقىنى تەسۋىرلەنگەن. جويىس بۇ روماننى ئىجاد قىلىشقا باشلىغاندا ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى ئاساسەن كۆرمەس بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىنتايىن ناچار شارائىتتا ، ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنى بىلەن بۇ ئەسەرنى يېزىپ تۈگەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ماھارىتى ئارقىلىق ئادىمىيلىكنى ئىنچىكە ۋە مەردانىلارچە تەسۋىرلەپ، پروزا تىلىنى ۋە بەدئىي شەكىللەرنى راۋاجاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پارلاق نەتىجىلىرى بىلەن ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرى ئارسىدا ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغا ۋە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بۈيۈك شەخىسلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالغان. ئۇ 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىۋېتسارىيىنىڭ سىيۇرىختا ئالەمدىن ئۆتكەن.