جاپپار ھەبىبۇللا

ئورنى Wikipedia

جاپپار ھەبىبۇللا، 1952-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ جىمىساردىن، 1982-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1971-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

جاپپار ھەبىبۇللا 1971-يىلى 9-ئايدىن 1972-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۇڭچۈەن كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1972-يىلى 12-ئايدىن 1976-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان. 1976-يىلى 9-ئايدىن 1979-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. 1979-يىلى 10-ئايدىن 1983-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان. 1983-يىلى 12-ئايدىن 1989-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەمگەك-كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (1983-يىلى 9-ئايدىن 1985-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ياش-ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش ئالىي تېخنىكوم سىنىپىدا ئوقۇغان). 1989-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993-يىلى 3-ئايدىن 1996-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995-يىلى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1996-يىلى 5-ئايدىن 11-ئايغىچە دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتى ئىشخانىسىدا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ چېنىققان). 1996-يىلى 12-ئايدىن 1997-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان. 1997-يىلى 12-ئايدىن 1998-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 1998-يىلى 1-ئايدىن 2001-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىر بولغان. 2001-يىلى 6-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىر، ئاپتونوم رايونلۇ ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى بولغان. 2005-يىلى 1-ئايدىن 2005-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى بولغان. 2005-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى بولغان. 2005-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى بولغان.

2007-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.

ئۇ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

جاپپار ھەبىبۇللا، 1952-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ جىمىساردىن، 1982-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1971-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.