جاڭگال قانۇنى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بۇ زاماندا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىز كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەپ ياشايدىغان جاڭگال قانۇنى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. دۇنيا يارالغاندىن بېرى بۇ قانۇنىيەت ئۆزگەرمىدى، كۈچلۈكلەر كۈچىنى يوقاتقان مۇددەتكىچە كۈچلۈك تۇرۇۋەردى، ئاجىزلار كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلمىگەن مۇددەتكىچە ئاجىز قېلىۋەردى ۋە بارا-بارا دۇنيادىن يوقىلىپ تارىخقا ئايلىنىپ قالدى. ئەتراپىمىزدا چوڭ بېلىقلار كىچىك بېلىقلارنى يەپ سەمرىپ ياشاۋاتىدۇ، كىچىك بېلىقلار ئاستا-ئاستا مۇنقەرزلىككە يۈز تۇتۇۋاتىدۇ. چۈنكى ياشاش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇش شەرت.

ئاۋسترالىيەنى بېسىۋالغان ئەنگىلىيەلىك ئىنگىلىز ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئەسلى پۇقرالىرى بولغان ئابۇرجىن مىللىتىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى قوغلاپ بارغان ئىنگىلىزلەر ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئىسسىق بەلۋاغقا جايلاشقان رايونلىرىنىڭ ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن، قوغلاشتىن ۋاز كەچكەن، بۇ سەۋەبلىك پۇقرالاردىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ھايات قالغان ئىكەن. ئاۋۇسترالىيەدە ياشايدىغان بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر ئاۋۇستۇرالىيەدىكى يەرلىكلەرنىڭ نىسبىتى پۈتۈن ئاۋسترالىيە نوپۇسىنىڭ ئاران يۈزدە بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. بىز ھازىرغىچە “ۋەتىنىمىزدىن ئىنگىلىزلەرنى قوغلاپ چىقىرىمىز، ئاۋۇسترالىيەنى ئازاد قىلىمىز” دېگەن بىرەر ئابۇرجىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. چۈنكى ئۇلار تۈگىدى، ئۇلارنىڭ تۈگىشى بىلەن ئۇلاردىكى روھ ۋە ئىرادىمۇ تۈگىدى. ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەت ئابۇرجىنلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ باقمىدى.

ئەندۇلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە) ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى. مىلادىيە 710- يىلىدىن 1492- يىلىغىچىلىك ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن، كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەر مەيدانغا كەلگەن، ئىلىم – پەن تەرەققىي قىلغان بىر ئىسلام مەركىزى ئىدى. پۈتۈن ياۋروپالىقلار بۇ مەركەزكە كېلىشنى ۋە ئۇنىڭ مەدرىسلىرىدە ئىلىم -مەرىپەت ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ شانلىق ئىسلام مەركىزى قىزىل كرېست خىرىستىيان مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار يا خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىش ياكى ئۆلۈپ تۆگىشىشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشقا مەجبۇرلانغان بولۇپ، كۆپلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەن. شۇنىڭ بىلەن 800 يىلغا يېقىن ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن ۋە ئىسلام مەركەزلىرىدىن بولۇپ كەلگەن ئەندۇلۇس دۆلىتى خىرىستىيان دۆلىتىگە، ئاھالىسى خىرىستىيان ئاھالىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ھازىرقى كۈندە ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ياكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئەندۇلۇسنى قايتۇرۇپ ئالىمىز دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. چۈنكى ئەندۇلۇس ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئىنتىقام ئالىدىغان، ئۆز ۋەتىنىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغان جانلار ئۆلۈپ تۈگىدى، كېيىنكىلەر ئۆزلىرىنىڭ دەردى بىلەنلا قالدى.

دېمەك، ھەركىم ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشى كېرەك. باشقا بىرى ئۇنى قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالامۇ جىم ياتقان خەلقنى قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە ئەچىقىپ قويمايدۇ، ئەگەر شۇ خەلق ئۆزلىكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەپ مەيدانغا چۈشسە ۋە يولى ھەق بولۇپ، شەرىئەت ۋە تەبىئەت (يەنى سەۋەب قىلىش ) قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلەرنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇ خەلقنىڭ يولى ھەق بولسىمۇ، ئۇلار شەرىئەت ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئۇلارنى ئۆز ئىقتىدارىغا ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىگە تەرك ئېتىدۇ. ئۇلار ئۆز تىرىشچانلىقىغا قاراپ يا غەلىبە قىلىدۇ ياكى يېڭىلىدۇ.

بۇ دۇنيا ئادالەت قىلمايدۇ، ئىنساپ قىلمايدۇ، ھېچكىمگە ۋە ھېچبىر مىللەتكە ئىچ ئاغرىتمايدۇ، ھەق- ناھەق بۇ دۇنيادا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ. كىم كۈچلۈك بولسا، ھەقىقەت شۇنىڭ يېنىدا بولىدۇ، شۇنىڭ گېپى ئاقىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيا ھەق-ناھەق ئايرىلىدىغان، ئادالەت ھۆكۈم سۈرىدىغان جاي ئەمەس. ھەق -ناھەق ۋە ئادالەتنىڭ ئورنى ئاخىرەتتۇر.

بۇ دۇنيا جاپادىن قورقماي، چىداملىق بىلەن ئىشلەيدىغانلارغا قۇرۇلغان مەيدان بولۇپ، ئىشلىمىگەن ئادەم ياكى مىللەت گەرچە ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بار مۇئمىن بولسىمۇ، بۇ دۇنيادا نەتىجە قازىنالمايدۇ. ئىشلەيدىغان ئادەم ياكى مىللەت گەرچە كاپىر بولسىمۇ، ئۇ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنىلا كۆرىدۇ» دېگەن سۆزىدە «ئىنسان» دەپ كەلتۈرگەن، مۇئمىن ئىنسان ياكى كاپىر ئىنسان دېمىگەن. مەيلى قانداق مىللەت بولسۇن قانداق ئىنسان بولسۇن، ئىشلىگەن چىشلەيدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلىغىنىمىزدا، تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىمىز:

1. بىزنىڭ ئاخىرەت كۈنىگە بولغان ئىمانىمىز كۈچلىنىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىگە بولغان تەلپۈنىشىمىز ئاشىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ناھەقچىلىقلىرى، ئىنساپسىزلىقى، ئادالەتسىزلىكى بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىگە تەلپۈندۈرىدۇ. ئاخىرەتتىن ئىبارەت ھەق-ناھەق ئايرىلىدىغان، ئادالەت ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان، زالىملار جازاسىنى تارتىدىغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئىنتىقامىنى ئالىدىغان بىر كۈننىڭ بولۇشى ئەقىلنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. ناۋادا ئاخىرەتتىن ئىبارەت ئادالەت يۈزدە يۈز ئەمەلگە ئاشىدىغان، ھەق- ناھەق ئايرىلىدىغان، ھەتتا مۈڭگۈزسىز ھايۋانلارنىڭ قىساسى مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلاردىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر كۈن بولمىسا ئىدى، ئىنسانلاردا ئادالەتكە تەلپۈنۈش، ناھەقچىلىكنى يامان كۆرۈش ھېسسىياتى بولمىغان بولاتتى. چۈنكى يوق نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.

2. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتۇلدۇرمىساق، بىزنى چوڭ دۆلەتلەر ياكى مۇسۇلمان خەلقلەر ۋە ياكى قانداش خەلقلەر قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت، ھېچقانداق خەلق بىزنىڭ غېمىمىزنى يېمەيدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالامۇ بىزنى قۇللۇقتىن، ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ياتقاننى يۆلىمەيدۇ، ئەمما ئورنىدىن تۇرغاننى، ھەرىكەت قىلغاننى قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلغاننى يۆلەپ قويىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرى ئىچىدىكى زالىملارنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق ئېزىلگەن مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، بۇ قانۇنىيەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەندە ئۆزگەرگەن. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىگە ئابابىل قۇشلىرىنى ئەۋەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆزى ھالاك قىلىپ بەرمەيدۇ. مۇئمىنلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك شەرىئەت ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە تولۇق ئەمەلگە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى دۇنياغا ھۆكۈمدار قىلىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار زامانىمىزدىكىدەك ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتكەن ۋە قۇرئان كەرىمدە نازىل قىلغان قانۇنىيەتلەرگە ئەمەل قىلمىسا، ئۇلارنى ئۆز كۈچ-قۇۋۋىتىگە تەرك ئېتىدۇ.

3. زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش، مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۇزۇن مۇساپىلىك يول بولۇپ بۈگۈن ياكى ئەتىلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ يولدا ھاياجان، ھېسسىيات، غەزەپ، ئاچچىق، سەۋرسىزلىك ئىشقا يارىمايدۇ. بۇ يولدا چىدام، ئەقىل-پاراسەت، پەم، ئىدراك، يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىزچىللىق كېرەك. مۇستەقىللىقنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ بولغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلارنى دۇنيا قوللىمايۋاتىدۇ، ئىسرائىلىيەدىن ھەققىنى ئېلىشقا ئۆز كۈچى يەتمەيۋاتىدۇ. مۇستەقىللىق دېگەن ھەركىمگە چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان، ئېزىلگەن، مۇستەملىكىنىڭ دەردىنى بولغۇچە تارتقان خەلقنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان، چىرايىغا كۈلگە بېغىشلايدىغان چىرايلىق سۆز. ھەرقانداق ئۇيغۇر مۇستەقىللىقچىدۇر. ھەتتا خىتايدا يۇقىرى مەنسەپكە چىققان غالچى ئۇيغۇرلارمۇ «كاشكى، مۇستەقىل بولغان بولساق، چوڭ بىر خىتاي دۆلىتىنىڭ كىچىك ئەمەلدارلىرى بولغاندىن كۆرە، مۇستەقىل دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى بولاتتۇقكەن» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈرىدىغاندۇ، بەلكىم. دېمەك، مۇستەقىللىقنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما مۇستەقىللىق دېگەن قۇرۇق شوئارلار بىلەن، ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئىزچىل ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئىلىم –مەرىپەت، كۈچ-قۇۋۋەت، پەم-پاراسەت تەلەپ قىلىنىدۇ. دۇنيادا ھەركىم ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىدۇ، كېچىكىپ بولسىمۇ كۆرىدۇ. خورما دەرىخى تىككەن ئادەممۇ ئۇنىڭ خورمىسىنى ئۆزى كۆرمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى كۆرىدۇ. (چۈنكى خورما دەرىخى يىگىرمە، ئوتتۇز يىلدىن كېيىن مېۋە بېرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئۇنى تىككەن ئادەمنىڭ ئۆمرق  كۆپ ھاللاردا  مېۋىنى كۆرۈشكە يەتمەيدۇ) خورما تىككەن ئادەم ئومۇمەن كېيىنكىلەر ئۈچۈن تىكىدۇ. بىزدە قىلغان ئەمگەكلىرىمنىڭ مېۋىسىنى ئەۋلادلىرىم كۆرسۇن دەيدىغان خالىس نىيەت ئومۇملاشقان چاغدا، بىزنىڭ ئىشىمىز چوقۇم غەلىبىگە قاراپ يول ئالىدۇ. بىزدە «قىلغان ئىشىمنىڭ نەتىجىسىنى مەن كۆرۈشۈم كېرەك، بولمىسا قىلمايمەن» دەيدىغان شەخسىيەتچىلىك ئىللىتى يوقىلىپ، ھەممىمىز خورما دەرىخى تىككەن ئادەمدەك سەۋرچان، چىداملىق، ھارماس بولۇپ يېتىلگەن چاغدا، بىزنىڭ ئىشىمىز راۋاج تېپىشى مۇمكىن.

شۇڭا، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كېرەكلىك ئالدىنقى شەرتلەرنى ھازىرلىشىمىز، ئاندىن ئەۋلادلىرىمىزنى، نەسلىمىزنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان ئىلىم –مەرىپەت ۋە ئاڭ – سەۋىيە بىلەن يېتىشتۈرۈشىمىز ۋە مۇستەقىللىققا تەييارلىشىمىز لازىم. ھەرقانداق ئىش كىچىكىدىن باشلىنىپ چوڭىيىدۇ، مۇستەقىللىق ئۈچۈن بېسىلغان ھەربىر قەدەمنى ھەرگىز ئاددىي سانىماسلىق، بو يولدا توختاپ قالماسلىق ۋە ئىزچىللىقنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.

يەھۇدىيلار بۇنىڭدىن يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى پەلەستىندە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى، ئۇنى قۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئوسمانىيلار دۆلىتىنى يىقىتىش شەرت ئىدى. چۈنكى ئوسمانىيلار دۆلىتى يەھۇدىيلار تەقدىم قىلماقچى بولغان كۆپ مىقداردىكى ئالتۇن- كۈمۈشنى، ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ تاغدەك بولۇپ كەتكەن قەرزلىرىنى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ، يەھۇدىيلارغا پەلەستىندىن بىر ئۇچۇم تۇپراقنىمۇ بەرمەيمىز، دەپ چىڭ تۇرغان ئىدى. ئەمما يەھۇدىيلار پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانىدىن قەتئىي ۋازكەچمىدى، ئوسمانىيلار دۆلىتىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ ھاكىمىيىتى ئىلكىدە بولغان قۇدرەتلىك دۆلەتنى يېقىتىش نىيىتىدىن يانمىدى. پەرزەنتلىرىنى مۇشۇ يولدا ۋە مۇشۇ پىلاندا يېتىشتۈردى، نەتىجىنى تېز قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى، سەۋرچانلىق بىلەن، چىدامچانلىق بىلەن ئىزچىل كۈرەش قىلدى. تۈرك تارىخلىرىدا «ئوسمانىيلار دۆلىتىنى تيودور ھېرسىل ۋە ئىمانوۋىل قاراسۇدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر يەھۇدى يىقىتقان» دەپ يازىدۇ. «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» دېگەن كۆپ قىسىملىق فىلىممۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ. تيودور ھېرسىل بىلەن ئىمانوۋىل قاراسۇدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەپەر يەھۇدىي ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ياشىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار قۇرۇلماقچى بولغان يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالدى، ئاندىن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى بۇ ئىككى يەھۇدىينىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان يەھۇدىي ئەۋلادلىرى قۇرۇپ چىقتى. يەھۇدىي دۆلىتىگە ئاساس سالغان مەزكۇر ئىككى يەھۇدىي مۇستەقىل يەھۇدىي دۆلىتىنى كۆرەلمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كۆردى ۋە ھۆر ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مانا بۇ، بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكىدە ئېزىلگەن بىر مىللەتنىڭ يېقىنقى زاماندا قولغا كەلتۈگەن نەتىجىسىدۇر. نەتىجە ئەنە شۇنداق پىلانلىق ھالدا، ئىزچىل ئىشلەش، ھارماي كۈرەش قىلىش، ئەۋلادلارنى شۇ يولدا يېتىشتۈرۈش، «قىلغان ئەمگەكلىرىمنىڭ نەتىجىسىنى مەن كۆرەلمىسەم قانداق بولىدۇ؟» دېمەي، «نەتىجىنى ئەۋلادلىرىم كۆرسۇن، ئاشۇلار ھۆر، ئەركىن ياشىسۇن، مەن ئاشۇلارنىڭ پارلاق كېلىچىكى ئۈچۈن ئىشلەي» دەيدىغان ئىزگۈ نىيەت ۋە پىداكارلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى