جىغان

ئورنى Wikipedia

جىغان بولسا جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخكە تەۋە ئۆسۈملۈك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :جىغان

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئازغان تۈركۈمى

ئائىلىسى :جىگدە ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :جىغان ئۇرۇقدىشى

لاتىنچە نامى :Hippophae rhamnoides Linn.

باشقا نامى :醋柳、黄酸刺、酸刺柳、黑刺、酸刺

سىرتقى شەكىلى[تەھرىرلەش]

7پارچەجىغانجىغان مېۋىسىنىڭ  رەڭگى توق قىزىل رەڭدە، شار شەكىللىك، ئىچىدىن ئۇرۇق چىقىدۇ، مېغىزى ئاق مايلىق ئازراق پۇراقلىق، مېۋە ئېتى مايلىق، سىلىق، يۇمشاق كېلىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • سىرتقى شەكىلى
  • ئۆسۈش شارائىتى
  • ئىشلىتىلىش قىممىتى
  • ئۇزۇقلۇق قىممىتى
  • دورىلىق قىممىتى
  • تارقالغان رايۇنلار
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئۆسۈش شارائىتى[تەھرىرلەش]

12پارچەجىغانجىغان دەرىخى ئىسسققا، قۇرغاقچىلىققا، سوغۇققا چىدامچانلىقى يۇقىرى بۇلۇپ، قۇم-شېغىللىق تۇپراقتىمۇ ئۆسەلەيدۇ. ياش ھەم يىتىلگەن دەرىخى كۈن نۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تۇپراق قاتلىمى چوڭقۇر، چىرىندى ماددا مىقدارى مول ، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان سەل كىسلاتالىق بولغان تۇپراق ياكى قۇمساڭ ئەت تۇپراق ئۆستۈرسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

ئىشلىتىلىش قىممىتى[تەھرىرلەش]

جىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ، ئۇ ئەڭ ئېگىز بولغاندا 10 مېتىر ئەتراپىدا ، كۆپ ھاللاردا 2 - 3 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ . مېۋىسى قىزغۇچ سېرىق ، موھىتقا ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ سۇ تۇپراقنى ساقلاش ، بوراندىن مۇداپىيەلىنىش رولى بار ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى « تۇپراقنىڭ يېشىل قوغدىغۇچىسى » دەپ تەرىپلىشىدۇ . تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، جىغان مېۋىسى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق 190 خىلدىن ئارتۇق ماددا بار ئىكەن . ئۇ يېنىك سانائەت ، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ .

ئۇزۇقلۇق قىممىتى[تەھرىرلەش]

جىغان مېۋىسى تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار، ئۇچۇچان ماددا، گىلىكوزا، مېۋە قەنتى ئومۇمىي مىقدارى %8.5 -%10.5 گىچە. 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار.

دورىلىق قىممىتى[تەھرىرلەش]

7پارچەجىغانجىغان مېۋىسى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسىيىتى: يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقلارنى تارقىتىش رلى بار.

ئىشلىتىلىشى: ھەزىم ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، جىگەر قېتىشتىن بولغان سۇلۇق ئىششىقلار، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە يۆتەلنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سوغۇق مىزاجلارنىڭ بىشىنى ئاغرىتىدۇ.