جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى

ئورنى Wikipedia

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى (ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە؛ 中华人民共和国民法典؛ ) جوڭگونىڭ تۇنجى سېستىمىلىق ھەق تەلەپ قانۇنىدۇر.

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 15 تىن سەككىز مىنۇت ئۆتكەندە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى» رەسمىي يېتىپ كەلگەنلىكى جاكارلاندى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» يەتتە  توپلام، 1260 ماددا بولۇپ، ھەر قايسى توپلام تەرتىپ بويىچە ئومۇمىي پىرىنسىپ، نەرسە ھوقۇقى، توختام، ئادىمىيلىك ھوقۇقى، تويلىشىش-ئائىلىدىكى ئىشلار، ۋارىسلىق قىلىش، ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقى ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپقا بۆلۈنگەن.

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان زور قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ۋە ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە تۈزۈلگەن قانۇن ئومۇمىي قائىدىسى، نەرسە ھوقۇقى قانۇنى، توختام قانۇنى، كېپىللىك قانۇنى، تويلىشىش قانۇنى، بېقىۋېلىش قانۇنى، ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى، ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقى قانۇنى ۋە ئادىمىيلىك ھوقۇقى جەھەتلەردىكى ھەق تەلەپ قانۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك تۈزۈپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، دەۋر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى شەكىللەندۈرۈلدى.

ئەھمىيىتى[تەھرىرلەش]

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى يېڭى مەسىلىلەر، يېڭى ھادىسىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگوچە لايىھە ئاتا قىلدى. ئالايلۇق: گېن تۆرەلمە پەن تەتقىقات پائالىيىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى، توردىكى مەۋھۇم بايلىقنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلدى. دېمەك، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى دەۋر تومۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەق تەلەپ قانۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى، سىستېمىلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى ھەمدە دۇنيانىڭ قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىگە جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو ئەقىل پاراسىتى تۆھپىسى قوشتى دېيىشكە بولىدۇ.