جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى

ئورنى Wikipedia

جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ( CHINA LEAGUE)قىسقارتىلىپ جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىئيتى(CFA) بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان.جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن قالسىلا جۇڭگۇدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىرلەشمە ھىساپلىنىدۇ. جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 2004-يىلدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتىكى نامى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسى دىگەن نامدا ئاتالغان.

تەنھەرىكەت تۈرى پۇتبۇل مۇسابىقىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى تەسىس قىلىنغان
خەنزۇچە نامى 中國足球甲級聯賽
ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت ھەر يىلى باھار ياز ۋە كۈز پەسلى
ئاساسلىق ئۇرگان جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلار جەمىيتى
ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كۇماندىلار گۇاڭجۇ خىڭدا،خىنەن جىيەنيى،گۇاڭجۇ فۇلى ـىيەجىن چۈەنجىيەن،خىبىي خۇاشىيا بەخىت
دەرىجە ئۆرلەيدىغان بىلەشمە جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى
دەرىجە چۈشىدىغان بىرلەشمە جۇڭگۇ ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسى
بۇ يىلىق چېمپىيون دالىيەن يىفاڭ
ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى
رايونى جۇڭگۇ چۇڭ قۇرۇقلۇقى
دەرىجە ئۆرلەيدىغان ۋەچۈشىدىغان كۇمانداسانى 2كۇماندا دەرىجە ئۆرلەيدۇ 2كۇماندا دەرىجە چۈشىدۇ
مۇسابىقە تىپى جۇڭگو پۇتبول 2 دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

تارىخىي تەرەققىيات جەريانى

جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلار جەمىيتى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى(Chinese Football Association CHINA LEAGUE)،قىسقارتىلىپ جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى(CHINA LEAGUE)قىسقارتىلىپ جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى دەپ ئاتىلىدۇ.جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىئيتى(CFA) بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان. جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن قالسىلا جۇڭگۇدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىرلەشمە ھىساپلىنىدۇ.جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 2004-يىلدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتىكى نامى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسى دىگەن نامدا ئاتالغان.

جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 16 كوماندا قاتنىشىدۇ،دەرىجە ئۆرلەش ۋە چۈشۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيون بولغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ كۇلۇب گۇاڭجۇ خېڭدا ۋە خېنەن جىيەنيى(قۇرۇلۇش) دىن ئىبارەت. گۇاڭجۇ خىڭدا 2007ۋە2010-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە چېمپىيون بولدى. خېنەن جىيەنيې 2006ۋە 2013-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە چېمپىيون بولدى.

2015-يىلى 58تور سودا شەھەرچىسى(58同城)جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى بىلەن 5يىللىق تۇختام تۈزدى.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ نام ياردەم بەرگۈچىسى يۇق بۇلۇشتەك ھالىتىگە خاتىمە بىرىلدى.

1987-يىلى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىلى جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇتبول دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى سىناق تەرىقىسىدە ئا گۇرۇپپا ۋە ب گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ سىناق تەرىقىسىدە يۇلغا قۇيۇلدى.1989-يىلى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى.1994-يىلى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى يۇلغا قۇيدى.

2004-يىلى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسىنىڭ نامىنى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقسىگە ئۆزگەرتتى.

جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقە تۈزۈمى

بىرلەشمە مۇسابىقە ھەربىر كۇماندىنىڭ ساھىبخان ۋە مەيدان شەكلىدە ئۇينايدۇ.

جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ نام تەرتىپىنى بەلگىلەش چارىسى

1.ھەربىر كۇماندا بىرمەيدان يەڭسە 3نۇمۇر،تەڭلەشسە1نۇمۇر،ئۇتتۇرۋەتسە0نۇمۇرغا ئىرىشىدۇ.

2.جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شۇ يىللىق يىللىق مۇسابىقە تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، نومۇرى كۆپ بولغىنىنىڭ ئىسىم تەرتىپى ئالدىغا قويۇلىدۇ،

3.ئەگەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كۇماندىنىڭ نۇمۇرى تەڭ بولۇپ قالسا،كىرگۈزگەن توپ سانى ۋە يەڭگەن مەيدانى ياكى شۇ

ئىككى كۇماندىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ.

4.ئالدىدىكى ئىككى كۇماندا جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلەيدۇ،ئەڭ كەينىدىكى ئىككى كۇماندا جۇڭگۇ ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كىتىدۇ.

ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسى

2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلى

دالىيەن يىفاڭ ۋە بىيجىڭ رېنخى جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلىدى.باۋدىڭ رۇڭدا ۋە يۈننەن لىجىياڭ دەرىجە چۈشۈپ كەتتى.(بۇ ئىككى كۇماندا 2017-يىللىق جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە دەرىجە ئۆرلىگەن ۋە بىرلا ۋاقىتتا دەرىجە چۈشۈپ كەتتى)

تىلغا ئىلشقا تىگىشلىك بىر ئىش شۇكى 2017-يىلى7-ئاينىڭ1-كۈنى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى16-ئايلانمىسىدا باۋدىڭ رۇڭدا بىلەن ۋۇخەن جۇئىر ئىككى كۇماندىنىڭ ئارىسدىكى مۇسابىقە بۇلۇپ، بۇمەيدان 90مىنۇتلۇق مۇسابىقىسىدە

باۋدىڭ رۇدا1:2نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇۋاتقاندا،رىپىر مۇسابىقە ۋاقتىنى8مىنۇت ئۇزارتىۋەتتى.95-مىنۇتىدا ۋۇخەن جۇئىرنىڭ ساختا يىقىلغان ماھرىغا نۇقتا توپ ئىلىپ بىرىپ،قۇلغا كىلىپ بۇلغان غەلبىنى يۇق قىلغاچقا،ۋە شۇ مەيدان مۇسابىقە بىلەن دەرىجە ساقلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن شۇ مەيداندىن كىيىن،باۋدىڭ رۇڭدا تەرەپتىكى مەشقاۋۇللار بىرلەشمىدىن چىكىنىدىنغانلىقىنى ئىلان قىلىدى.

شۇنداقلا جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلىقىنىڭ بۇنىڭدىن چۇقۇم ئىبىرەت ئىلىشىنى ئىيتقان.

كۇماندا نۇمۇرى يەڭگىنى تەڭلەشكىنى ئۇتتۇرغىنى كىرگۈزگەن توپ كەتكۈزگىنى

1.دالىيەن يىفاڭ 64نۇمۇر 19مەيدان 7مەيدان 4مەيدان 48توپ 23توپ

2.بىيجىڭ رىنخى 62نۇمۇر 18مەيدان 8مەيدان 4مەيدان 47توپ 21توپ

3.شىجىياجۇاڭ يۇڭچاڭ 54نۇمۇر 14مەيدان 12مەيدان 4مەيدان 48توپ 34توپ

4.چىڭداۋ خۇاڭخەي 52نۇمۇر 16مەيدان 4مەيدان 10مەيدان 55توپ 40توپ

5.ۋۇخەن جۇئىر 47نۇمۇر 13مەيدان 8مەيدان 9مەيدان 47توپ 40توپ

6. شىنجىن جىياجاۋيى 46نۇمۇر 13مەيدان 7مەيدان 10مەيدان 56توپ 36توپ

7.شاڭخەي شىنشىن 40نۇمۇر 10مەيدان 10مەيدان 10مەيدان 53توپ 42توپ

8.بىيجىڭ بېيكۇڭ 37نۇمۇر 11مەيدان 4مەيدان 15مەيدان 43توپ 50توپ

9.خاڭجۇ لۈچىڭ 36نۇمۇر 8مەيدان 12مەيدان 10مەيدان 31توپ 39توپ

10.كۆكخۇت جۇڭيۇۋ 35نۇمۇر 9مەيدان 8مەيدان 13مەيدان 40توپ 47توپ

11.شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى 35نۇمۇر 9مەيدان 8مەيدان 13مەيدان 37توپ 52توپ

12.مىيجۇۋ كېجىيا 33نۇمۇر 8مەيدان 9مەيدان 13مەيدان 33توپ 39توپ

13.جىجىياڭ يىتىڭ 32نۇمۇر 8مەيدان 8مەيدان 14مەيدان 35توپ 46توپ

14.دالىيەن چاۋيۆ 31نۇمۇر 8مەيدان 7مەيدان 15مەيدان 32توپ 58توپ

15.باۋدىڭ رۇڭدا 31نۇمۇر 8مەيدان 7مەيدان 15مەيدان 41توپ 51توپ

16.يۈننەن لىجىياڭ 21نۇمۇر 4مەيدان 9مەيدان 17مەيدان 31توپ 62توپ