خارۇكى مۇراكامى
خارۇكى مۇراكامى (むらかみ はるき، Haruki Murakami،村上春树) 1949-يىلى 1-ئاينىڭ12-كۈنى ياپونىيە كىيوتو (きょうと) دا تۇغۇلغان. بۈگۈنكى دەۋىر داڭلىق يازغۇچىسى
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]
ئۇيغۇرچە ئىسمى :خارۇكى مۇراكامى
باشقا نامى :مۇراكامى خارۇكى
دۆلەت تەۋەلىكى :ياپۇنىيە
مىللىتى :ياپۇن
يۇرتى :كىيوتو
تۇغۇلغان ۋاقتى :1949.1.12
ۋاپات بولغان ۋاقتى :ھايات
كەسپى :يازغۇچى
شەخسلەر ئانكىتى[تەھرىرلەش]
خارۇكى مۇراكامى (むらかみ はるき، Haruki Murakami،村上春树) ياپونىيەلىك بۈگۈنكى دەۋىر داڭلىق يازغۇچىسى، 1949-يىلى 1-ئاينىڭ12-كۈنى كىيوتو(きょうと)دا تۇغۇلغان.
مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]
- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- شەخسلەر ئانكىتى
- ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلى
- ئەسەرلىرى
- شان-شەرەپلىرى
- جامائەتنىڭ باھاسى
- تەسىر دائىرىسى
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلى[تەھرىرلەش]
ۋاسىدا (わせだだいがく) ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات 1-فاكۇلتېتى تىياتىر بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەدەبىي تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 29يېشىدىن تارتىپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 1979-يىلى «ياشلىقتىرلوگىيەسى»(青春三部曲) ناملىق ئۈچ توملۇق رومانىنىڭ 1-تومى «سەلكىن ناخشىسىنى تىڭشاش»(风の歌を聴け،且听风吟، Hear the Wind Sing) نى ئېلانقىلىپ ياپۇنىيە «كوللىكتىپ ئوبراز»ژورنىلى 22-نۆۋەتلىك يېڭى شەخىس(群像新人奖) مۇكاپاتىغا، كېيىن يەنە «ئاكۇتاگاۋا مۇكاپاتى»(あくたがわりゅうのすけしょう، ‹芥川龙之介奖›) غا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ1980-يىلى «1973-يىلىدىكى شارىك»(1973年のピンボール)(一九七三年的弹子球)، 1982-يىلى«قوي ئىزدەش خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى»(羊をめぐる冒険)(寻羊冒险记)، 1985-يىلى«مۇزلىغان زېمىن ۋە قىيامەت كۈنى»(世界の终りとハードボイルド?ワンダーランド)(世界尽头与冷酷仙境) قاتارلىقنادىر ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. 1987-يىلىغا كەلگەندە ۋەكىللىك ئەسىرى «نورۋىگىيەئورمانلىقى»(ノルウェイの森)(挪威的森林)نى ئېلانقىلىپ، ياپۇنىيەدە 2010-يىلىغىچە 100 مېلىيون پارچە سېتىلىپ «خارۇكى قىزغىنلىقى»نىشەكىللەندۈرگەن.
ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]
«ياشلىق تىرلوگىيەسى»(青春三部曲)
«نورۋىگىيە ئورمانلىقى»(ノルウェイの森)(挪威的森林)
«1Q84»
«غەلىتە قۇشنىڭ خەتەرلىكسەرگۈزەشتىسى»(ねじまき鸟クロニクル)(奇鸟行状录)،
«دېڭىزبويىدىكى كافكا»(海辺のカフカ)(海边的卡夫卡)
شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]
1979-يىلى «ياشلىق تىرلوگىيەسى»(青春三部曲) ناملىق ئۈچ توملۇق رومانىنىڭ1-تومى «سەلكىن ناخشىسىنى تىڭشاش»(风の歌を聴け،且听风吟، Hear the Wind Sing) نى ئېلانقىلىپ ياپۇنىيە «كوللىكتىپ ئوبراز»ژورنىلى 22-نۆۋەتلىك يېڭى شەخىس(群像新人奖) مۇكاپاتىغا، كېيىن يەنە «ئاكۇتاگاۋا مۇكاپاتى»(あくたがわりゅうのすけしょう، ‹芥川龙之介奖›) غا ئېرىشكەن.
ئۇ «غەلىتە قۇشنىڭ خەتەرلىكسەرگۈزەشتىسى» ناملىق ئەسىرى بىلەن يومىئۇرى 47-نۆۋەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى(読売文学賞)غا،«دېڭىز بويىدىكى كافكا»ناملىق ئەسىرى بىلەن 2005-يىلى ئامېرىكا «ئەڭ ياخشى كىتابتېزىملىكى»گە كىرىپ، «نوبىل مۇكاپاتىنىڭ مۇقەددىمىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان «فىرانىزكافكا مۇكاپاتى»(弗朗茨·卡夫卡奖)غا ئېرىشكەن. 2009-يىلى «1Q84» ناملىق ئەسىرى بىلەن «ئىرۇسالىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»(耶路撒冷文学奖)قاتارلىق كۆپلىگەن ياپۇنىيە ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتلىرى ۋە خەلقئارالىقمۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2011-يىلى ئۇ يۇقارقىدەك سەرخىل ئەسەرلىرى بىلەن ئىسپانىيەكاتالۇنىيە(Catalunya)خەلقارالىق مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن.
جامائەتنىڭ باھاسى[تەھرىرلەش]
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ياۋرۇپا ئەدىبلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاساسىي مىلودىيەسى يىنىك، ياپۇنىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى بۇرۇقتۇملىق قاپلىغان ئەدەبىي مۇھىتىنىڭ تەسىرىدىن ھالقىغان. شۇڭلاشقا ئۇ « ياپۇنىيەنىڭئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ھەقىقىي ساپ 1-يازغۇچىسى»، «ياپۇنىيە ئەدەبىياتىنىڭ80-يىللاردىكى بايراقدارى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
تەسىر دائىرىسى[تەھرىرلەش]
2016-يىلى نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىرى قاتارىدا ئۇنىڭ تەسىر كۈچى رەت تەرتىپى ئەڭ ئالدىدا تۇرغان.