خوتەن گىلىمىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر

ئورنى Wikipedia

     ‹‹ گىلەم توقۇيالمىغان قىز ياتلىق بولالمايدۇ، گىلەم توقۇيالمىغان يىگىتنىڭ لايىق تېپىشى تەس بولىدۇ››دېگەن بۇ سۆزلەر گىلەم يۇرتى خوتەندە ئەلمىساقتىن بېرى دېيىلىپ كېلىۋاتقان سېقىملاردۇر.

    خوتەن گىلىمى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ، بۇنىڭغا ئەتلەس ۋە قاشتېشى قوشۇلۇپ ، خوتەننىڭ ‹‹ئۈچ گۆھىرى›› دەپ ئاتالغان. خوتەن گىلىمى تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى قولدا توقۇش تېخنىكىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ تەبىئىيلىكنى ۋە سودا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ كەلمەكتە .

ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئۈرۈمچى يەر مەنكىسىدە خوتەن گىلىمىنىڭ خېلىلا ئورنى بار ئىدى، ئەمما بۇ يىلقى يەرمەنكىسىدە خوتەن گىلىمىنىڭ خېلىلا ئورنى بار ئىدى، ئەمما بۇ يىلقى يەر مەنكىدە خوتەن گىلىمى ‹‹توختام تۈزەلمەي ، مەغلۇپ بولدى››.

    بۈگۈنكى كۈندە خوتەندىكى ھەرقايسى ناھىيە، يېزىلاردا 60 مىڭدىن كۆپرەك دېھقاننىڭ ئۆيىدە گىلەم توقۇش ئۆيى، ھەر قايسى يېزا – بازارلاردا گىلەمچىلىك كارخانىلىرى بار. خوتەندىكى گىلەمچىلىك كارخانىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى 300 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ . خوتەندىكى گىلىمىنىڭ نامى مەشھۇر بولۇپلا قالماي، ساياھەتچىلەرنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، ھازىر گىلەمنى قولدا توقۇش ماھارىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

   ‹‹ شەرق گىلىمى››نىڭ ۋەكىلى

   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا خوتەن گىلىمى مەملىكىتىمىزدىكى گىلەمچىلىك كارخانىلىرىنىڭ سەركىسى بولۇپ، ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ %85 ىنى، مەملىكەت ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارىمۇ گىلەملەرنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ%35 ىنى ئىگىلىگەن. خوتەن گىلەمچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 58 يىللىق تارىخىغا ئىگە ئەڭ چوڭ گىلەمچىلىك زاۋۇتى بولالىشىمۇ مانا بۇنىڭ دەلىلىدۇر. خوتەندە گىلەمچىلىك بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بىر ساياھەت نۇقتىسى بار بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز شياڭگاڭ، ئاۋمېنلارغا سوۋغا قىلغان گىلەملەر ۋە بېيجىڭ خەلق سارىيىدىكى ھەر خىل گىلەملەرمۇ بۇ جايدا توقۇلغان.

    مۇخبىر بۇ جايغا كەلگەن كۈنى دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەچكە، بىر سېختا پەقەت بەش – ئالتە قىز – ئاياللار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتاتتى. قىز – ئاياللار تۆمۈر جازا ئالدىدا ئولتۇرۇپ، تورۇسقا ئېسىلغان قىزىل، سېرىق، يېشىل ... رەڭدىكى ھەر خىل يىپلارنى گۈل نۇسخىسى بويىچە ئېلىپ ئىشچان بارماقلىرى بىلەن ئاق يىپنىڭ ئۈستىگە يۆگەپ، ئاندىن ئۇستۇرلىرىدا كېسىپ بىر قۇر توشقاندا پەنجى (تاغاق شەكىللىك، توقۇلغان يىپلارنى مەخسۇس چىڭىتىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب) بىلەن چىڭىتىدىكەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن قايچا بىلەن يىپلارنى كېسىپ تەڭشەيدىكەن. ئاندىن نۇسخىغا قاراپ رەڭگارەڭ يىپلارنىڭ جايى – جايىغا چۈشۈپ، ماسلاشقان – ماسلاشمىغانلىقىنى دەلىللەنگەندىن كېيىن، كۆز ئالدىڭىزدا ناھايىتى نەپىس گىلەم نامايەن بولىدىكەن.

   ‹‹مۇشۇنداق بىر پارچە گىلەمنى ئۈچ ئايال بىر ئايالدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا توقۇپ چىقىدۇ››دېدى خوتەن شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئەسقەر تونۇشتۇرۇپ. گىلەم توقۇش سېخىدىكى بەزى جازىلارنىڭ يېنىغا بۆلەنچۈك ياسالغان بولۇپ، بوۋاقلار بۇنىڭدا ئۇخلاۋېرىدىكەن، ئانىلىرى گىلەم توقۇيدىكەن.

   شەھەر – بازارلاردىكى ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىسى توقۇش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مەركىزى

    21 – ئۆكتەبىر مۇخبىر يېزا – بازار كارخانىلىرىنىڭ ئالدى بولغان خوتەن ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدى. بۇ ناھىيىدە 17مىڭدىن كۆپرەك گىلەم توقۇيدىغان ئائىلە، ئالتە گىلەمچىلىك جەمئىيىتى، 159گىلەمچىلىك كارخانىسى بولۇپ، باغچى بازىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن جاي ئىكەن. باغچى بازىرىدىكى بۇ يىل 40ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئابدۇقەييۇمنىڭ گىلەمچىلىك زاۋۇتى بازىرىدىكى گىلەمچىلىك كارخانىلىرى ئىچىدە داڭلىقى ئىكەن. بۇ زاۋۇتتا 200 ئىشچى ھەريىلى 2000 كۋادرات مېتىر، ھەرخىل ئېسىل، ئوتتۇرا ھال، ئادەتتىكى گىلەملەرنى توقۇيدىكەن. ئۇ ئىلگىرىكى يېزىلىق گىلەم توقۇش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، كېيىن بۇيەر تاقىلىپ قالغاچقا، ئۆزى مەبلەغ سېلىپ ھازىرقى گىلەم زاۋۇتىنى قۇرۇپ، گىلەم توقۇشنى بىلىدىغان دېھقانلارنى قۇبۇل قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقەييۇم دېھقانلارغا ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن، تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپتۇ.

     ئابدۇقەييۇمنىڭ گىلەم زاۋۇتىغا كەلگىنىمىزدە، بىر نەچچە ئايال سېخ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇڭداشقاچ يىپلارنى يۆگەۋاتقان ئىكەن. سېختىن يېقىملىق ئۇيغۇرچە مۇزىكا ئاڭلىنىۋاتاتتى. سېخ بەك چوڭ ئەمەس ئىكەن. پەقەت 10 گىرام توقۇش جازىسىدا 20 نەچچە قىز – ئايال پۈتۈن زېھنى بىلەن گىلەم توقۇۋاتقانىكەن. ئابدۇقەييۇم بىزگە :‹‹بىزنىڭ بۇ يەردە گىلەم توقۇيالمىغان قىز ياتلىق بولالمايدۇ، گىلەم توقۇيالمىغان يېگىتنىڭ لايىق تېپىشى تەس، دېگەن گەپ بار››دېدى.

     ئابدۇقەييۇم :‹‹يېقىندىن بېرى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولغاچقا، ئەرلەر ئىشلىيەلمىدى. زاۋۇت پەقەت ئاياللارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالدى››دېدى. خوتەن ناھىيىسى بۇزاق يېزىسى توخۇلا كەنتىدە 433ئائىلىلىك بولۇپ، 280 ئائىلىلىك ئۆيدە گىلەم توقۇيدىكەن. ئاياللار گىلەم توقۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ ئىكەن.

   21– ئۆكتەبىر 47 ياشلىق ئوبۇلقاسىم تۆمۈر نىياز تاڭ سەھەردىلا كەتمىنىنى مۈرىسىگە ئارتىپ ئېتىزلىققا كەتتى. ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆيلىگەن ئوغلى تېخى يېقىندىلا خوتەنگە ئىشلىگىلى كەتكەچكە، ھازىر ئۆيدە ئايالى ۋە كېلىنى بىلەنلا قالغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئۇلار ئۆي – ھويلىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ بولۇپلا، گىلەم توقۇشقا ئولتۇرىدىكەن. بۇ ئۆيدىكى پولاتتىن ياسالغان گىلەم توقۇش جازىسىنى ناھىيە نامراتلارغا ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى يىل ئىلگىرى ھەر بىر ئائىلىگە سەپلەپ بەرگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، تۆمۈر جازا مۇستەھكەم ھەم ئارىلىقى زىچ بولغاچقا، توقۇلغان گىلەممۇ ناھايىتى پۇختا بولىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ مەخسۇس خاتىرىسى

  زىيارەت جەريانىدا خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدىكى ئەركىن تۇنىياز :‹‹جايلاردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى گىلەمچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، داۋاملىق قولدا توقۇلىدىغان يۇڭ گىلەم ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى زورايتىش بىلەن بىللە، گىلەم توقۇيدىغانلارغا بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە قولدا توقۇيدىغان بۇ سەنئەت بۇيۇمىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلەندى››دېدى.

  خوتەن ناھىيىسىدە 2001 – يىلىدىن باشلاپ يېزا – بازار كارخانىلىرى گىلەمچىلىك جەمئىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، 2010– يىلىغىچە ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن گىلەم توقۇش جازىسى سەپلەپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان ئىدى.

   نۆۋەتتە باغچى، خانئېرىق، بوزاق ۋە لايقا يېزىسى مەركەز قىلغان ھالدا، شىمالدا يېڭئاۋات، سېغىز كۆل يېزىلىرىنى، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسىنى چۆرىدەپ گىلەمچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۆلچەم قىلىنماقتا.

   ‹‹قارا قۇرۇم باغرىدا قانچىلىك قاشتېشى بولسا، ئاسماندا شۇنچىلىك يۇلتۇز بار؛ كۆكتە قانچىلىك بۇلۇت بولسا، خوتەندە شۇنچە پارچە بۇلۇت بار››دېگەن خوتەن گىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى رىۋايەت بار. ئۇنىڭ بىرى گىلەمچىلىك ئاتىسى ناخشىۋەن توغرىسىدا، يەنە بىرى گۈلەم ھەققىدە رىۋايەتلەردۇر.

   گىلەمچىلىك ئاتىسى ناخشىۋەن

   مۇشۇ يەردىكىلەردىن ئىگىلىشىمچە، ناخشىۋەن يورۇڭقاش دەرياسى ۋادىسىدىكى ناھايىتى كەمبەغەل بىر دېھقان ئىكەن. ئۇ گىلەم توقۇشقا بەكمۇ ھەۋەس قىلىدىكەن. ئۇ دەسلەپ توقۇپ بېقىپ پەقەت ئەپلەشتۈرەلمەپتۇ. ئەمما قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن گىلەم توقۇشقا بەل باغلاپتۇ. كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق گەپ – سۆزلىرىگىمۇ پىسەنت قىلماپتۇ. ھەتتا ئاتا – ئانىسى ئاغرىپ قالغاندىمۇ يوقلىغىلى بارماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يېزىدىكىلەر ئۇنى ‹‹ساراڭ››دەپ ئاتاشقا باشلاپتۇ. ئارىدىن نۇرغۇن ئاي، يىللار ئۆتۈپ، 15 كۈنلۈك تولۇنئاي ئەتراپنى يورۇتۇپ تۇرغان بىر كېچىسى ئۇ ئاخىرى مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپتۇ. ئۇ پاختىدىن يىپ ئىگىرىپتۇ. يۇڭ يىپتىن تۇقۇلغان بۇ توقۇلما (تىۋىتلىرى تىك تۇرىدىغان)غا ياڭاقىنىڭ قوۋزىقى، ئانارنىڭ گۈلى، يۇلغۇننىڭ گۈلى، چىلاننىڭ قوۋزىقى، ئالما شەربىتى ۋە داتلىشىپ كەتكەن تۈنىكىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئېچىتىپ بويىغاندىن كېيىن، ئەڭ ئىپتىدائىي گىلەم توقۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغانىكەن.

    ناخشىۋەن ئۇتۇق قازىنىپ، يۇرتىدا نام چىقارغاندىن كېيىن، ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىكەن. بىراق ئۇنىڭ بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېتىۋېتىپتۇ.

    گۈلەمنىڭ ئاجايىپ گىلىمى

   ئەسلىدە خوتەنلىكلەر گىلەمنى ‹‹گۈلەم››دەپ ئاتىغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، گۈلەم غەربىي يۇرت شاھىنىڭ قىزى ئىكەن. ئۇ خان ئاتىسىنى ئوچۇق – ئاشكارىلا مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن، پادىچىغا ئايلىنىپ قالغانىكەن. گۈلەم پادا بېقىش جەريانىدا قويلارنى قىرقىپ، يۇڭىدىن يىپ ئېشىپتۇ ۋە ئەشكەن يىپلىرىنى ھەر خىل بوياپتۇ. ئاندىن توغراقتىن جازا ياساپ ئۇزۇنىسى ۋە توغرىسىنى پاراللېل قىلىپ ئىككى ئايدىن ئارتۇق جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچەكلىرى، مېۋىلەر، يوپۇرماق ۋە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن ئەڭ دەسلەپكى گىلەمنى توقۇپ چىقىپتۇ. ئۇ توقۇغان گىلەمنى يەرگە سالغاندا، كىشىلەر خۇددى تۆت ئەتراپىغا قۇشلار يېقىملىق ناۋا قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلغانمىش.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 07 15:06؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/07/content_126221.htm؛