دولان مۇقامى

ئورنى Wikipedia

دولان مۇقامى ‹‹دولان مۇقامى›› يەكەن دەرياسى ۋە تارىم دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان سەنئەت شەكلى . ئۇنىڭدا ناخشا ، ئۇسسۇل ، مۇزىكا بىر گەۋدىلەشكەن . ياڭراق ، مەردانە ناخشىلار ، كۈچ–قۇدرەت بىلەن تويۇنغان ئۇسسۇللار تەبىئىي قەيسەرلىكنى نامايەن قىلىدۇ .[1]

دولان مۇقامىنىڭ تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

‹‹ دولان مۇقامى ›› ئون ئىككى يۈرۈش دېگەن سۆزبار . ھازىرغىچە توپلانغانلىرى توققۇز يۈرۈش بولۇپ ، مەكىت ناھىيىسىدە تارقىلىپ يۈرگەنلىرى ‹‹ زىل باياۋان مۇقامى ›› ( ‹‹ باش باياۋان مۇقامى ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، ‹‹ ئۆز ھال باياۋان مۇقامى ›› ، ‹‹ چۆل باياۋان مۇقامى ›› ( ‹‹ راك باياۋان مۇقامى ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، ‹‹ ئۆتەڭ باياۋان مۇقامى ›› ( ‹‹ مۇشاۋىرەك باياۋان مۇقامى ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ‹‹ بوم باياۋان مۇقامى ›› ، ‹‹ جۇلا مۇقامى ›› ، ‹‹ سىم باياۋان مۇقامى ›› ، ‹‹ جۇلا مۇقامى ›› ، ‹‹ سىم باياۋان مۇقامى ›› ، ‹‹ خودەك باياۋان مۇقامى ›› ۋە ‹‹ دۇگامەت باياۋان مۇقامى ›› دىن ئىبارەت . مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن ئاۋات ناھىيىسىگە تارقالغان ‹‹ دولان مۇقامى ›› لىرىنىڭ نامىدا بەزى ئوخشىماسلىقلار بار .

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ‹‹ دولان مۇقام ›› لىرىنىڭ نامىدا ‹‹ باياۋان ›› دېگەن ئاتالغۇ بار . ‹‹ باياۋان ›› ‹‹ چۆل جەزىرە ›› دېگەن مەنىدە كېلىدۇ . بۇ بوستانلىقتا ياشىغان دولانلىقلارنىڭ كۆپ ھاللاردا چۆل – جەزىرە بىلەن روبىرو بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ . لېكىن مۇقاملارنىڭ نېمە سەۋەبتىن مۇشۇ ئاتالغۇ بىلەن ئاتالغانلىقى ھازىرغىچە تازا ئايدىڭ ئەمەس . ‹‹ چۆل ›› بىلەن ‹‹ باياۋان ›› نىڭ مەنىسى بىر – بىرىگە يېقىن . بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشى چۆل – باياۋاننىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى سەمىمىزگە سالىدۇ . ‹‹ باش باياۋان مۇقامى ›› دىكى ‹‹ باش ›› سۆزى ‹‹ باشلىنىش قىسمى ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . ‹‹ زىل ›› نىڭ مەنىسى ‹‹ يۇقىرى ئاۋاز ›› ، ‹‹ بوم ›› نىڭ مەنىسى ‹‹ تۆۋەن ئاۋاز ›› ، ‹‹ سىم ›› نىڭ مەنىسى ‹‹ پولات تار ›› . دولان مۇقاملىرىغا مۇشۇ ئۈچ سۆز ئارقىلىق ئات قويۇش ئېھتىمال ‹‹ يۇقىرى ئاۋاز ئارقىلىق باشلىنىدۇ ›› دېگەننى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن . ‹‹ ئۆتەڭ ›› نىڭ مەنىسى ‹‹ قونالغۇ ›› ياكى ‹‹ بېكەت ›› . بۇ سۆز ئەلۋەتتە قەدىمكى يىپەك يولىدىكى ئۆتۈشمە بېكەت ئورنىدىكى بوستانلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ‹‹ جۇلا ›› سۆزى ئەرەبچە سۆز ، ئۇ ‹‹ نۇرلۇق ، پارقىراق ›› دېگەن مەنىدە بولۇپ ، بۇ يەردە ‹‹ تەنتەنە ›› دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ . بۇ مۇقامدا ئاساسەن خوشاللىق ئىپادىلىنىدۇ . بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى تېكستلەر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن توي مۇراسملىرىدا ئېيتىلىدۇ . ‹‹ راك ›› ، ‹‹ ناۋا ›› ، ‹‹ ئۆزھال ›› ، ‹‹ مۇشاۋىرەك ›› قاتارلىق ناملار ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› دىكى ناملار بىلەن ئوخشاش . لېكىن ، ‹‹ دۇگامەت ›› ، ‹‹ خودەك ›› دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس .

‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر يېرى ، ‹‹ دولان مۇقامى ›› دىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇقاملارنىڭ نامى ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېلىنغان . ئايرىم بىر نەچچە مۇقامنىڭ ھەم چەت ئەل تىلى ، ھەم ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئېلىندىغان ناملىرى بار . بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ نامىنىڭ مۇشۇ مىللەتنىڭ تىل ئاتالغۇسىدىن چەت ئەڭ تىلىدىكى ئاتالغۇلارغا قاراپ ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .

بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ، مۇكەممەل ‹‹ دولان مۇقامى ›› ‹‹ مۇقەددىمە ›› ، ‹‹ چېكىتمە ›› ، ‹‹ سەنەم ›› ، ‹‹ سەلىقە ›› ، ‹‹ سىيرىلما ›› قاتارلىق بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ . توققۇز يۈرۈش ‹‹ دولان مۇقامى ›› دا قىرىق بەش مۇزىكىلىق كۈي بار .

  • ‹‹ مۇقەددىمە ›› نىڭ مەنىسى ‹‹ كىرىش سۆز ›› ، ‹‹ باشلىنىش ›› دېگەنلىك بولىدۇ .
  • ‹‹ چېكىتمە ›› دېگەن سۆز ‹‹ چېكىت ›› ( ‹‹ تىنىش ›› ، ‹‹ ئۇدار ›› ) دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن .
  • ‹‹ سەنەم ›› نىڭ ئەسلىي مەنىسى ‹‹ مەبۇد ›› ، ‹‹ ئىلاھ ›› ، ‹‹ ساھىبجامال ›› ، ‹‹ گۈزەل قىز ›› دېگەنلەردىن ئىبارەت . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن يۈرۈشلۈك ناخشا – ئۇسسۇللىرىنىڭ بىر خىلىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ .
  • ‹‹ سەلىقە ›› ، ‹‹ سەنىقەس ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ‹‹ سەلىق ›› ( بەزى ئالىملار ئۇنى ‹‹ قىزىقىش ›› ، ‹‹ ئارزۇ – تىلەك ›› دەپمۇ چۈشەندۈرىدۇ ) دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن .
  • ‹‹ سيرىلما ›› نى بەزى ئالىملار ‹‹ يۇمشاق ›› ، ‹‹ سىلىق ›› دەپ چۈشەندۈرىدۇ . توققۇز يۈرۈش ‹‹ دولان مۇقامى ›› نى ئورۇنلاشقا بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ .[2]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]