دىققەت تارتىش ئارقىلىق تەشۋىقات قىلىش ئۇسۇلى

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

دىققەت تارتىش ئارقىلىق تەشۋىقات قىلىش ئۇسۇلى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان، باشقىلار بۇ تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغانلىقىنى ئۆزىمۇ سىزەلمەيدىغان ئۇسۇللاردىن بىرى بولۇپ، كۆپىنچە كۆرىنىش ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاممىۋى ئەس ۋە ئاممىنىڭ ئېڭىدا ساقلىنىپ قىلىش تەشۋىقاتنىڭ مەقسىدى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تۆۋەندە بۇلارنىڭ بىرقانچە تۈرى تونۇشتۇرۇلغان.

1. باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۇسۇلى

بۇ ئۇسۇلدا تەشۋىقات قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچى تەشۋىقات مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى تەشۋىق قىلىنىدىغان مەزمۇننى ئەكىس ئەتتۈردىغان كىيىم – كىچەك، باش كىيىم (شەپكە، دوپپا، ياغلىق، شارپا)، گالىستۇك، ئىزنەك، ئۈزۈك، سائەت، تىلپۇن قاپچۇقى، سومكا، چامدان، ئارخىپ خالتىسى، دەپتەر، قەلەم قاتارلىقلارنى مەقسەتلىك ئىشلىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلدىغان نۇقتا بۇ بويۇملارنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتاىغۇدەك دەرىجىدە يارقىن ۋە ئۆزگىچە بولۇشىدۇر. بۇ كۆرۈنۈشلەر ۋە بەلگىلەر كىشلەرنى قىزىقتۇرۇپ سوئال سوراشقا ئۈندەيدۇ. بۇ دەل بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مەقسىتى بولۇپ، تەشۋىقات قىلغۇچى ياكى تونۇشتۇرغۇچى باشقىلارنىڭ سوئال سورىشى بىلەن ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈش ۋە بەلگىلەرگە باغلاپ ئەسلى مۇددىئاىسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئەمما ئورۇن ۋە ۋاقىت مۇناسىىۋىتى بىلەن بۇ خىل ئۇسۇل كۆپىنچە ھاللاردا قىسقا ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا، تەشۋىق قىلغۇچى دېيىلىدىغان مەزمۇنلارنى ناھايتى ئىىخچام ۋە مىغىزلىق قىلىپ راۋان چىقرالايدىغان بولۇشى كىرەك. بۇ ئۇسۇل مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇرغا ماس كىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان ياكى مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان ئىسىم ۋە رەڭلەردە قەلەم، دەپتەر، سومكا قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. قىشلىق پوسما، يازلىق دوپپا، شەپكىلەرنى، شارپا- ياغلىقلارنى كۆك رڭدە ياكى ئۇيغۇرنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرىدىغان تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئىشچى خىزمەتچىلەر ئارخىپ خالتىسى، قەلەمدان قاتارلىقلارنى ، گالىستۇكلىرىنى تاللىغاندا ئۇيغۇرلارغا خاس رەڭ ۋە بەلگىلەگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا تاللىسا بولىدۇ. مەسىلەن، قەلەمدانلىرىغا بىر كىچىك بايراق تىكلەپ قويۇش، ئشىخانىلىرىغا كىمە، كىمىگە بايراق ئىسىپ قويۇش دىگەندەك. تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىغا ئۇيغۇرچە ئىسىم ياكى يەرنامى قوللىىنىش، دۇكانلىرىغا ۋەتەننىڭ گۈزەل مەنزىرلىرى، مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ رەسىملىرى، مىللىي چالغۇلارنى ئاسسا بولىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت كىشلەردە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىرقىزىقىش پەيدا قىلىش، سوئال سوراشقا، ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئىقتىسادىي چىقىم ناھايتى ئازسەرپ قىلىنىدۇ.

2. باشقىلارنىڭ كۆزىگە چىلىقىش ئۇسۇلى

بۇ ئۇسۇل بىراز ئاممىباپ بولۇپ ئېلان تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. ماشىنا ساقلاش بېكىتىدىكى ئېلان تاختىلىرى، شەھەر يولىدىكى سىتولبىلارغا ئىسلغان ئېلان تاختىلىرى، تونىل، يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللاردىكى ئېلان تاختىلىرىنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق ستىۋىتىۋىلىشقا بولىدۇ. بۇيەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئېلان تاخىتىسغا چىقرىلدىغان مەزمۇندىن ئىبارەت. بۇ تاختايلار تىجارەت خاراكتېرلىك بولغاچقا ئېستىتىك زوق بېرىدىغان، شەھەر مەنزىرسىگە تۈس قوشىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇيغۇر داۋاسىغا بۇ تەشۋىقات تاختىلىرىنى ئىشلىتىش مۇمكىنمۇ دىيىلسە، ئەلۋەتتە مۇمكىن. مەسىلەن، ئېلان تاختىسنى بىر ئىمزا پائالىيىتىنى باھانە قىلىپ سىتىۋىشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ تاختا ئىمزادىن بەكرەك بىرنەسە ئاڭلىتالىشى كېرەك. مەسىلەن بىر ئىمزا پائالىيىتى ئۈچۈن بۇ تاختىلار ئىشتىلدى دېيىلسە تاختايغا نېمىلەر چىقرىلىشى كېرەك؟ بىرپارچە رەسىممۇ؟ بىرپارچە خەرىتىمۇ؟ مەنچە ستۇلبا ئىلان تاختىلىرىغا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەسىرى كۈچى ئەڭ زور بولغان بىرپارچە رەسىم ۋە بىرقانچە جۈملە سۆز يىتەرلىك. مەسىلەن،ھازىر تۈركىيەدە يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر جۈملە سۆز بار- شەرقىي تۈركىستان ئانا دولۇدۇر. بۇندان باشقا ئاسارەتتىكى مەھمۇت قەشقىرى يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇتما، مەزلۇم ئىزدىسەڭ شەرقى تۈركىستان مەزلۇملارنىڭ مەزلۇمى دىگەندەك…

تونىل، يەرئاستى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر ۋە ئاممىۋى كوچا ئاپتۇبۇس بېكەتلىرىدىكى ئېلان تاختىلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئالاھىدە كۈنلەردە، بايرام، دەم ئىلىش كۈنلىرىدە تاللاپ پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇنلاردۇر. بۇ ئورۇنلارغا بېرىلگەن تاختا ئېلانلىرىغا تېخىمۇ تەپىىسلى مەزمۇن بېرىشكە بولىدۇ. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن تارىخىنى يېزشىقا، ياكى زۇلۇم ئەكىس ئەتتۈردىغان رەسم كۆرگەزمىسى، ياكى مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى شەكلىدە قوللىنىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ يەرئاستى ئۆتۈشمە يوللار. كوچا ئاپتۇبۇش بىكەتلىرىدىكى ئېلان تاختىلىرىغا قىسقا مەزمۇن ۋە ئوچۇق سۈرەتلەر ئىشلىتلىدۇ، كىيۇئېر كود ئارقىلىق كىشلەرنى ئۇچۇر ئامبىرىغا سۆرەپ كىرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. يەنى، ئېلان تاختىسىنىڭ مەلۇم يىرىگە چوڭ ۋە ئوچۇق قىلىپ كىيۇئېر كود جايلاشتۇرىلىدۇ ۋە بۇ كودقا بىزيەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇنلارقاچىلانغان بولىدۇ.

بۇئۇسۇلنىڭ يەنە بىر تۈرى كوچا ئاپتۇبۇسنىڭ ئېلان تاختىلىرى ۋە تۇتقۇچىنى سىتىۋىلىش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلمۇ يۇقارقى ئۇسۇللارغا ئوخشىشپ كىتىدۇ، مەزمۇن ۋە لاھىيلىنىش جەھەتتىنلا بىراز پەرقلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل تىجارەت خاراكتېرلىك ئورۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئىقتىساد كۆپرەك كىتىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن يۇقارقى ئۇسۇلنى ئۈنۈملۈك قۇرالغا ئايلاندۇرالايدىغانلار تەشكىلاتچىلار ياكى بايلار بولۇپ كۆپسانلىق ئاۋامنىڭ ياكى نورمال كشىلەرنىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدۇ.

3. ئىكراندا چىلىقىش ئۇسۇلى

بۇ ئۇسۇلمۇ ئىككىنچى ئۇسۇلغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ، ئوخشىمايدىغان يىرى بۇ ئۇسۇل ئىككى خىل ۋاستە ئارقىلىق ئۈنۈمىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ قالىدۇ. نەقمەيدان ۋە ئىكران ئارقىلىق قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇل داڭلىق تەنھەركەت مۇسابىقىلىرى، سەنئەت كىچىلىكلىرى، بايرام- تەبرىكلەش كۈنلىرىدە سەھنىگە ئىسىلدىغان ئېلان ئورۇنلىرىنى تەشۋىقات بازىسى قىلىپ سىتىۋىلىش ئۇسۇلىدۇر. مەسىلەن، بەزى پۇتبۇل مۇسابىقىلىرىگە 10 مىڭ ھەتتا 100 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن قاتنىشىدۇ. بۇ تۈر مەيدانلاردىكى ئېلان تاختىسى ۋە لوزۇنكا ئورۇنلىرىغا چاپلانغان مەزمۇن (سۈرەت، خەت) لار تاماشىبىن ۋە ئىكران ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆزىگە چىلىقىشىتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈم يارىتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خل مۇسابىقىلەرنىڭ كۆرۈرمەنلىرى بىر دۆلەت ياكى رايۇن بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ھازىرقى ئىنتېرنىت ۋە مېدىيا تىخنىكلىرى كەلتۈرگەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىرقىتىملىق مۇسابىقىدىكى مەزمۇنلار ھەردائىم ئىكراندا قالىدۇ. بىۋاستە تارقىتىشتا كۆرەلمىگەنلەر يوۇتۇپ ياكى بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن خالىغان ۋاقىتتا تەكرار- تەكرار كۆرەلەيدۇ. دېمەك، ئېلان تاختىسى تەكرار- تەكرار كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ. تۈركىيەدەك ئۇيغۇر مەسىلى قىززىق نۇقتغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ياخىشى پەيىتلەردە بەلكى بەزى تەنھەركەت مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىگىلىرى بۇ خىل تەلەپنى ھەقسىز ئورۇنداپ بېرىشمۇ مۇمكىن. سەنئەت كچىلىكى ۋە باشقا بىۋاستا تارقىلىدىغان مەدەنىي پائالىيەتلەرمۇ يۇقاردا يېزىلغانلارغا قىياسلانسا بولىدۇ.

بۇ خىل ئۇسۇلمۇ ئوخشاشلا جەمىئيەتتە بەلگىلىك تەسىرى بار كىشىلەر ياكى مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ ۋە كۈچلۈك كىشلەر ۋە ياكى تەشكىلاتچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇنداقلا يۇقارقى ئۇسۇللار قوللىنىش توغرا كەلسە، ئادەم كۆپ توپلاشقان ياكى ئادەم ئېقىشى كۆپ بولغان يەرلەرنىڭ تاللىنىلىشى ھەم نەتىجىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۇقاردا تونۇشتۇرۇلغانلاردىن بىرىنچى ئۇسۇلدىن باشقىلىرى تىجارەت خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، بەزى ئېلان شىركەتلىرىنىڭ كەسپى پرىنسىپى، ئىلان ئىلىش شەرىتلىرى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇللارنى سىناشتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسىلەھەتىنى ئىلىش ئاقالانىلىكتۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى