دۇنيا ئەدەبىياتى

ئورنى Wikipedia

<دۇنيا ئەدەبىياتى> - قوش ئايلىق ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ، <دۇنيا ئەدەبىياتى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تۈزۈپ نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال 1980 - يىل 1 - ئايدىن تارتىپ رەسمىي نەشر قىلىنشقا باشلىغان، دەسلەپ مەجمۇئە شەكلىدە كىتابخانىلار ئارقىلىق بىر تۇتاش تارقىتىلغان، كېيىنچە پوچتىخانىلار ئارقىلىق بىرتۇتاش تارقىتىلغان، 1990 - يىلدىن تارتىپ چەت ئەللەرگىمۇ چىقىرىلىشقا باشلىغان. بۇ ژۇرنال چەت ئەل ئەدەبىياتى تارىخىدىكى، ھازىرقى، بۈگۈنكى زاماندىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ، ژۇرنالنىڭ ھازىر <رومان>، <ھېكايە>، <پوۋېست>، <نەسر>، <چۆچەك>، <شېئىر>، <ماقالە>، <دراما>، <ئەسلىمە>، <كىنو سىنارىيلىرى>، <ساۋات>، <چەت ئەل ئەدەبىيات - سەنئەت ئۇچۇرلىرى>، <چەت ئەل ئىبارىلىرى> قاتارلىق سەھىپىلىرى بار.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]