دۇنيا سودا تەشكىلاتى

ئورنى Wikipedia

دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO)


世界贸易组织


دۇنيا سودا تەشكىلاتى - 1994 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، ماراكەشتە ئېچىلغان « تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمى » مىنىستىرلار يىغىنىدا قارار قىلىنىپ قۇرۇلغان ، يەر شارى خارەكتىرلىك سودا تەشكىلاتى بولۇپ ، نامى « دۇنيا سودا تەشكىلاتى » (World Trade Organization -- WTO) . بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسى بولسا ، 1947 - يىلى قۇرۇلغان « تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمى » (GATT) دىن ئىبارەت . مەزكۇر تەشكىلات ب د ت نىڭ مەڭگۈلۈك بېۋاستە باشقۇرۇشىدىكى مۇستەقىل خەلقئارالىق تەشكىلات . 1995 - يىلى 1 - يانىۋاردىن باشلاپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان . ئاساسلىق ۋەزىپىسى - دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودا تەرتىپىنى باشقۇرۇش . باش شىتابى شىۋىتسىيە پايتەختى جەنۋەگە تەسىس قىلىنغان . 1996 - يىلى 1 - يانىۋاردىن باشلاپ رەسمىي ھالدا « تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمى » نىڭ بارلىق خىزمەت فونكىسىيسىنى ئۈستىگە ئالغان . جۇڭگۇ 1995 - يىلى 11 - ئىيۇل مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۈزەتكۈچىلىكىگە قوبۇل قىلىنغان . 1986 - يىلى « تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمى » گە قايتىپ كېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن تارتىپ 15 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ، 2001 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى رەسمىي ھالدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولدى .