دۈشمەن ھەقىقەتەن كۈچلۈكمۇ ؟

ئورنى Wikipedia

نۇرانىيە قەشقىرى

ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ ئاياق ئاستىدا قالغىلى 68يىل بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇل ۋە مانجۇلارنىڭ ئاياق ئاستىدا ئىزىلدى. بۇ نەچچە يۈز يىللىق تارىخ بىزگە شۇنداق بىر سۇئالنى قويىدۇ،بىز شۇنچە ئاجىزمۇ ؟دۈشمەن شۇ قەدەر كۈچلۈكمۇ ؟بىز ئاغرىنغۇچىلار ۋايساۋاتقاندەك شۇ قەدەر ناچار مىللەتمۇ ؟

مىنىڭ جاۋابىم ”ياق !“.دۈشمەن ئۇ قەدەر كۈچلۈك ئەمەس، بىراق شۇ قەدەر زالىم؛ بىز ئۇ قەدەر ئاجىز ئەمەس، بىراق شۇ قەدەر ئىسكەنجىگە چۈشۈپ قالدۇق. شىرنىڭمۇ پۇتىدىكى قاپقاننى ئۆزى بوشىتىپ چىقالمايدىغان ۋاقتى بولىدۇ. سىزنىڭچە،بۇ شىرنىڭ بىر ئاجىز ھايۋانلىقىدىن دېرەك بىرەمدۇ ؟شىر ئاجىز ئەمەس ئىدى، ئادەملەر رەزىل چىقىپ قالدى. دېمەك،بىزنىڭ ئەھۋالىمىزمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. ھىس قىلىپ باقتىڭىزمۇ، نىمىشقا سىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان باشقا مىللەت بۇ خىل تەڭسىزلىك،كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدۇ -يۇ، نىمىشقا سىزلا ئۇچرايسىز؟ ئۇيغۇر زادى قالاق، پىتنىخور، ناچار مىللەتمۇ ؟

يەھۇدىيلار ناچارلىقى تۈپەيلىدىن قىرغىن قىلىنغان، جان ھەلقۇمغا كەلگەندە قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاپتى ھەم قۇتۇلدى. ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان بىر مىللەت قۇتۇلالىدى- يۇ، بىز نىمىشقا قۇتۇلالمايمىز، دەپمۇ ۋايسايمىز. يەھۇدىلار تۇتقان يول بىرلىشىش يولى، بىرلەشكەن ئاساستا ھەر بىر يەھۇدى ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىكىنى ئۆزى قىلىش يولى ئىدى. بۇ يول ئۇلارنى قۇتۇلدۇردى. ھەممە ئادەم ئۆزىنى تۈزىگەندە، تەلەپنى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە قويغاندا جەمىيەت، مىللەت ئۆزلىگىدىن تۈزۈلىدۇ.

خوش،ئۇنداقتا دۈشمەن شۇنچە كۈچلۈكمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس. ھەربىر ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى بولىدۇ، بەدەننىڭ ئاجىزلىقى بوغۇمدا، روھنىڭ ئاجىزلىقى ئۈمىدسىزلىكتە بولىدۇ. دۈشمەن بىزنىڭ ئورتاق ئاجىزلىقىمىزدىن پايدىلىنىشنى بىلىۋالدى، ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا ياشاش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش روھى يۇشۇرۇنغان بولۇپ، بۇنى پىسىخولوگلار يوشۇرۇن ئاڭ دەپ ئاتايدۇ. جان ھەلقۇمگە كەلگەندە، ئەجەل توشمىغانلا بولسا سىزنى شۇ يوشۇرۇن ئاڭ ياشاش ئىمكانىيىتىگە باشلاپ ئاپىرىدۇ. مەسىلەن،يۈز گىرام گۆشنى بېلىڭىزگە تىڭىپ قويۇپ بۆرە ئىت بىلەن يۈگرەش مۇسابىقىسىگە چۈشسىڭىز ئىت ئەمەس، سىز يىڭىسىز. ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن،ناۋادا بۆرە ئىت قوغلاپ قالسا ئۈچ مىتىر ئىگىزلىكتىكى تامدىنمۇ يۈگۈرگەن پىتى چىقىپ كىتەلەيسىز. ھەتتا، ئۆزىڭىزمۇ قانداق چىققىنىڭىزغا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بىراق، بۇ ھەقىقەتەن راست. مانا بۇ ئادەمنىڭ ياشاش ئىستىكىنىڭ ئىنساننىڭ روھىيىتىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنساندا مۆجىزە يارىتىدىغىنى ئەقىل بولماستىن، ئىشەنچتۇر. ئەقىل سىزنى ياشاشتا ياخشىلىقلارغا باشلىسا، ئىشەنچ مۆجىزىگە باشلايدۇ. ئېڭىڭىز تەستىقلىغاننى ئەقىل ھەرىكەتكە ئۆتۈپ قارار تاپقۇزىدۇ. سىزدە ئىشەنچ بولمىسا ئەقىل ئىشلىمەيدۇ.

بىز بۆرىنى تۇتېم قىلغان مىللەت، بۆرىنىڭ خاراكتىرى ئاتا بوۋىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان، يەنى قېنىمىزدا بار. بۇ خۇسۇسىيىتىمىزنى دۈشمەن بىلگەچكە پۇتىمىزغا كۈچىمىز يەتمىگىدەك قىسماقنى قىسىپ قويۇپ جىنىمىزنى قىيناۋاتىدۇ. بىرىمىزنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ بۇ راس، بىراق بۆرە توپى ھەرىكەتكە ئۆتكەندە قىسماقتىن بوشانغىلى بولىدۇ. بىز چىچىلاڭغۇ ئەمەس، ئۇيۇشقاق دەپ نامىمىز چىققان، ھازىر نىمىشقا بۇنى كۆرەلمەيمىز دىيىشىڭىز مۇمكىن. كۆزىمىز يورۇقلۇقنى كۆرەلمەي ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە پۇتلىشىپ يۈرگەچكە ئىشەنچ ئاجىزلىدى. روھىتىمىزنى نادانلىقتىن ئىبارەت بىر نىجىس ئىسكەنجىگە ئىلىۋالدى. بۇنىڭمۇ قۇتۇلۇش ئامالى بار. نۇر ئىلىمدىن كىلىدۇ،ئەۋلادىمىزنى ئالىم بوسۇن دىسەك ئۆزىمىز ئالىمنى يىتەكلىيەلەيدىغان ئۆلىما بولىشىمىز كىرەك،ئالىم بىر كۈندە يىتىشىپ چىقمايدۇ. بىزنىڭ بىر ئۆمرىمىز ئاران بىر ئالىمنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، شۇڭا تۇرمۇشىمىزدىكى ئىنچىكە ھالقىلاردىن تارتىپ ئۆزىمىزنى تۈزىسەك،شۇ يورۇقلۇقنى بىز كۆرسەك بىز يىتەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئەۋلادىمىز بىزنىڭ ئىزىمىزنى، بىز كۆرسەتكەن يولنى بويلاپ مىڭىپ يورۇقلۇققا چىقالايدۇ.

دۈشمەن كۈچلۈك ئەمەس پۇتىمىزدىكى قاپقان كۈچلۈك،ئىنسان بۆرە بىلەن ئىلىشقاندا قۇرالغا تايانمىسا بۆرىنى يىڭەلمەيدۇ،بۇنى ئۇنۇتماڭ، خەقنىڭ سىزگە ئىشلىتىۋاتقىنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكى ئەمەس بەلكى قولىدىكى قۇرالى، دۈشمەننىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى جىق بولغاچقا سىزنىڭ پايدىلنىش ئىمكانىڭىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن بارلىق قۇراللىرىنى ئىشقا سىلىپ رەھىمسىز ماھىتىنى ئوتتۇرغا چىقاردى. ئۆزىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى قورقماي ئىلان قىلالىدى. ئۆز ماھىتىنى يوشۇرالمىغاندا ئەسلى يۈزىنى تىخىمۇ ئىنىق كۆرسىتىدۇ. دۈشمەندە ھىلە مىكىردىن، زوراۋانلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بىزدە بىر بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچ، ئەڭ موھىمى ئاللاھنىڭ بىزنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتقۇزىشىغا بولغان ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەت بولىشى كىرەك. قوغدىنىش كارغا كەلمىگەندە ئەڭ ياخشى قوغدىنىش ھۇجۇمغا ئۆتۈش. ھازىرقى موھىت ئۆزىمىزنى تۈزەپ سەپ راسلاشقا كەلدى.قۇچاقلاشما جەڭدە ھەرخىل سەپ تۈزەش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۈشمەننى سەپتىن چىقارماي تولۇق ھالەك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ بىرى جەڭ،توققۇز رەڭنى جايىدا بىرەلىسەك ئاخىرقى بىر جەڭدە غەلبە قىلالايمىز.

شۇڭا بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىز ھەم بىردىنبىر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز ئۆزىمىزنى تۈزەپ قەددىمىزنى رۇسلاپ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئاخىرقى جەڭ ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈش، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس ھازىرلىقى بارلارغا مەنسۇپ.

دۈشمەن ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولغان بولسا ئۆزىنىڭ ھەقىقى يۈزىنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئاشكارلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىشكە كۈچەۋاتقىنىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنىڭ روشەن گەۋدىلىنىپ كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئارتۇقچە قورقۇش سىزنى قۇربان قىلدۇرىدۇ بۇنى ئۇنۇتماڭ، باتۇرلۇق بولغاندىلا ئاخىرقى نۇقتىغا يەتكىلى بولىدۇ.

شاھزادىدىن ئۆز سالاھىتى يوشۇرۇپ قالغاندا ئۇ ئۆزىنى خان بولۇشقا لايىق ئىنسان دەپ ئويلىمايدۇ، بىراق سالاھىتىنى ئاشكارلىغاندا ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلىدۇ، بىر ئىنسانغا ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلىشقا قىزىقتۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى ئۇنىڭ سالاھىتىنى ئۇنىڭغا تونىتىش، بىز يوشۇرۇپ قويۇلغان سالاھىتىمىزنى قىزىپ چىقىپ، تارىخىمىزنى ھەر بىرىمىز ياخشى ئۈگىنىشىمىز كىرەك. مىنى مىللەتچى دىمەڭ، ئۆز نەسەبىنى بىلمىگەن كىشى ئۆزىنى چۈشەنمىگەن كىشىدۇر. ئاللاھ بىزگە ئادەم ئەلەيھىسالامدىن تارتىپ رەسۇلۇللاھقىچە نەسەپنى ئىنىق بىلدۈردى،بۇ نىمىنى ئىسپاتلايدۇ؟ تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇ ئىنىق دەلىلدۇر،ھەر ئىنسان ئۆز نەسەبىنى ياخشى بىلىشى كىرەك.بىز ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى،شۇنداقلا مىللەتنىڭ بىر پارچىسى. بىر ئادەم ئاتا ئانىسىغا بالا، بالىسىغا دادا، ئايالىغا ئەر بولىدۇ، بۇ ئۈچ سالاھىيەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارتۇق كىلەمدۇ؟ سىز بىرئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ئۈچ سالاھىيەتنىڭ بىرەرىنى تاشلىۋىتىشنى خالامسىز؟ بۇ سالاھىيەتلەر بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۈت بوپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا سىزگە ھىچبىر راھەتسىزلىك ئىلىپ كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا سىزنىڭ بىر ئۈممىتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولىشىڭىز ئۈممەتتىن ۋاز كىچىپ مىللەتكە، مىللەتتىن ۋاز كىچىپ ئۈممىتكە تەۋەلىك بىلدۈرشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئەسلا ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر نەسەپنى تەرك ئىتىشنى دىنىمىز توغرا تاپسا ئىدى بىقىۋىلىنغان بالىنىڭ نەسەبىنى ئۆزگەرتىۋىتىش چەكلەنمەيتى.

ھەر بىرىمىز بۇ ئۈممەت بۇ مىللەت ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشالايمىز. ۋەتەن داۋاسى ھەممىمىزنىڭ داۋاسى. ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقارغاندا غەلبە بىزگە تىخىمۇ تىز يىقىنلىشىدۇ.ئاللاھ بىزگە نۇسرەت بىرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.بىز تىرىشىمىز ئاللاھ نەتىجىنى بىرىدۇ، زالىملار ئىككىلا دۇنيادا ئۆز كۆرگۈلكىنى كۆرىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت. چىن قەلبىمىزدىن چىقىرىپ قىلغان تۆبىمىز،ئاللاھتىن تىلىگەن تىلەكلىرىمىز جاۋاپسىز قالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئادىللىقىنى، ئاللاھنىڭ مىھرىبان ئەپۇ قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كىرەك.

2017-يىل 16-ئاپرىل ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى