دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر

ئورنى Wikipedia

دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر (Dwight David Eisenhower) بولسا ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك زوڭتۇڭى بۇلۇپ، 1953-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1890-يىلى ئىزېنھوۋىر ئامېرىكىنڭ تېكساس شىتاتى دېنسوندا ۋەيران بولغان خىرىستىئان دىنى مۇخلىس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر

تۇغۇلغان ۋاقتى :1890-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى


ۋاپات بولغان ۋاقتى :1969-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى

باشقا نامى :Dwight David Eisenhower

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

ئۇنۋانى :قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق گېنرالى

مىللىتى :گېرمان

يۇرتى :ئامېرىكا تېكساس شىتاتى دېنسون

كەسپى :سىياسىيون، ھەربى ئالىم

چوڭ ئىشلار[تەھرىرلەش]

  • 1952-يىلى جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتوڭلۇق نامزاتى بۇلۇپ زۇڭتوڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ غەلبە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • چوڭ ئىشلار
  • شەخسلەر ئانكىتى
  • ۋەزىپىسى
  • مۇھىم بايانلىرى
  • نەتىجىسى
  • ۋەكىللىك ئەسەرلىرى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ۋەزىپىسى[تەھرىرلەش]

ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئەڭ ئالىي باش قوماندانى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوماندانى.

مۇھىم بايانلىرى[تەھرىرلەش]

1952-يىلى جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتوڭلۇق نامزاتى بۇلۇپ زۇڭتوڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ غەلبە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان، 1956-يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتوڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ غەلبە قىلغان، داۋاملىق زۇڭتوڭ بولغان. 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 28-يىلى ۋاشىنگتوندا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

نەتىجىسى[تەھرىرلەش]

ئامېرىكىنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك زۇڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ئىككى قېتىم شەرەپلىك ھالدا دەۋىر ژورنىلىدا يىللىق ئاتاقلىق ئەرباپ قىلىپ يېزىلغان، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەشھۇر ھەربى ۋەزىپە ئۆتەش ئوردىنىغا ئىرىشكەن (بەش دانە)، فرانسىيە شەرەپلىك گۇرۇپپىۋوي مېدالىغا ئېرىشكەن. ئۆستۈرۈلىشى ئەڭ تېز بولغان بەش يۇلتۇزلۇق گېنرال دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

ۋەكىللىك ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

ياۋروپا قىتئەسىگە يىراقتىن يۈرۈش قىلىش، بۇيرۇق ئېلىش ئۆزگىرىشى، تىنىچلىقنى بەرپا قىلىش، غەمسىز سۆز.