ساپايى

ئورنى Wikipedia

ساپايى 12 مۇقام ئورۇنلايدىغان قەدىمىي چالغۇ ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبىك مىللىتىنىڭ ئەل ئىچى سەنئىتى بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ناخشا- ئۇسسۇلغا جۆر بولىدۇ. ساپايى مۇھىم رىتىم چالغۇسى، شۇنداقلا ئەر ئۇسسۇلچىلارنىڭ سەھنە جابدۇقى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ساپايى


باشقا نامى :سىرپاي(خوتەن دىيالېكتىدا)

ساپايى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

4پارچەساپايىساپايى 12 مۇقام ئورۇنلايدىغان قەدىمىي چالغۇ ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبىك مىللىتىنىڭ ئەل ئىچى سەنئىتى بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ناخشا- ئۇسسۇلغا جۆر بولىدۇ. ساپايى مۇھىم رىتىم چالغۇسى، شۇنداقلا ئەر ئۇسسۇلچىلارنىڭ سەھنە جابدۇقى. ئەل ئارىسىدا، ساپايى كۆپ ھاللاردا مەشرەپلەردە چېلىنىپ، سورۇننىڭ كەيپىياتىغا جۇشقۇنلۇق ۋە قىزىقچىلىق ئاتا قىلىدۇ.

ساپايى چېلىش[تەھرىرلەش]

ساپايى چالغاندا ئوڭ قولدا ساپايى ئاستىنقى قىسمىدىن تۇتۇپ سىلكىپ ياكى سول قولغا، مۈرە قاتارلىق جايلارغا ئۇرۇپ، چوڭ تۆمۈر ھالقا بىلەن ساپايى سېپىنى تېگىشتۈرۈپ ئاۋاز چىقىرىمىز، كىچىك تۆمۈر ھالقىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ رېتىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ.

ساپايى ئۇسسۇلى[تەھرىرلەش]

ساپايى ئۇسسۇلى (تۆمۈر ھالقا ئۇسسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سازەندىلەر ساپايى تۇتۇپ ئورۇندىغان ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

ساپايى سەنئەتكارلىرى ئەڭ كۆپ ناھىيە[تەھرىرلەش]

5پارچەساپايىيەكەن ناھىيەسى ئۇيغۇر 12 مۇقامى ماكانى بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى كۆپ ھەمدە سەر خىل. يەكەن ناھىيەسى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈملۈك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونىنىڭ بىرسى بولغان ئۇيغۇر مۇقام مەدەنىيىتى ئېكولوگىيەلىك قوغداش تەجرىبە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 12 مۇقام مەدەنىيەت ماركىسىنى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت ئىستراتېگىيەسىنى كېڭەيتتى. يەكەن ناھىيەسىدە 10 غا يېقىن ئەلئارا ساپايى سەنئەتكارى بار، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ساپايى سەنئەتكارلىرى ئەڭ كۆپ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەدىمىي چالغۇنى تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ قەدىمىي چالغۇنى تونۇتۇش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيەسى ئەل ئارىسىدا چوڭقۇر قازدى، ھەمدە ساپايى سەنئەتكارلىرىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئاشكارا ماھارەت كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ، ساپايىنىڭ داڭقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.