سىمون ھەيھا

ئورنى Wikipedia

دۇنيا بويىچە بىرىنچى مەرگەن _ئاق رەڭلىك ئەزرائىل سىمون ھەيھا 1905-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان، 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋاپات بولغان.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سىمون ھەيھا


باشقا نامى :ئاق رەڭلىك ئەزرائىل

دۆلەت تەۋەلىكى :فىنلاندىيە

يۇرتى :فىنلاندىيە ئۆلكىلىك لو گارۋى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1905-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :2002-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى :1.7

كەسپى :مەرگەن، قانداغاي ئوۋچىسى، ئىت يىتىشتۈرگۈچى، ھەربىي

چەتئەلچە نامى :Simo Häyhä

ئىنگلىزچە نامى :SimoHayha

ئاساسلىق نەتىجىسى :دۇنيا مەرگەن شاھى

شەخس تونۇشتۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

دۇنيا بويىچە بىرىنچى مەرگەن _ئاق رەڭلىك ئەزرائىل سىمون ھەيھا 1905-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان، 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋاپات بولغان. فىنلاندىيە مەرگەنلىرى ئىچىدە ئەڭ يامىنى سىمون ھەيھا. سىمون ھەيھا بولسا فىنلاندىيە شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ دۈشمەننى، يەنى 505 كىشىنى ئۆلتۈرۈش رېكورتىنى ساقلاۋاتقان كىشى ئىدى. سىمون ھەيھا باشچىلىقىدىكى فىنلاندىيە مەرگەنلىرى قار تېيىلىش ئەترىتىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي ئوۋچى بولغاچقا تاغ ۋە ئورمانلارنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتىغا ناھايىتى تونۇش بولۇپ ئۇچىسىغا ئاق قاردەك ئاق رەڭلىك نىقابلىنىش كىيىمى كىيىپ، سىيرىلما چانا ئارقىلىق قار يېغىپ يول توسۇلۇپ كەتكەن شەھەرنىڭ چېتىدىكى دالىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلاتتى. ئاپئاق مۇھىتتا پالاكەت، قارامتۇل قوڭۇر رەڭ فورما كىيىپ قار ئىچىدە جاپالىق يول يۈرۈۋاتقان سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ روشەن نىشان بولۇپ قالغان.

ئىش-تەمسىللىرى[تەھرىرلەش]

سىمون ھەيھا باشچىلىقىدىكى قار تېيىلىش ئەترىتى گەرچە چار رۇسىيە مەزگىلىدىكى Mosin-Nagant  مىلتىقنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن 700 مېتىر يىراقلىقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىلىرىنى قارىغا ئېلىپ تەگكۈزەلەيدىغان بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىچىدە قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى «ئاق رەڭلىك ئەزرائىل» دەپ ئاتىغان.

قار ئۈستىدە دۈم يېتىۋالغان تەقدىردىمۇ سوۋېت ئارمىيەسى مەرگەنلەرنىڭ تېز ھەم توغرا قارىغا ئېتىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. پەقەت ئەسكەرلەرنىڭ بېشى يەر يۈزىگە چىقىپ قالسىلا، 30 سېكۇنتقا قالمايلا بۇ ئەسكەر ئۇرۇش قاپلىغان بۇ دۇنيادىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىر قىسىم توخۇ يۈرەك ئەسكەرلەر باش كۆتۈرۈشكە پېتىنالماي، ھەمىشە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قالايمىقان ئوققا تۇتسىمۇ نەتىجىدە ئوق ئۇلارنىڭ ساغرىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ قوياتتى. سىمون ھەيھانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى-فىنلاندىيە ئۇرۇشىدا قوشقان تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئۇ فىنلاندىيە خەلقى ھۆرمەت قىلىدىغان «مىللىي قەھرىمان» دەپ ئاتالغان.

«ئاق رەڭلىك ئەزرائىل»دىن بەك قورقۇپ كەتكەچكە، فىنلاندىيە مەرگەنلىرى بەزىدە قارلىق كېچىدە گۈلخان يېنىدا ئېچىپ چارچاپ ھالىدىن كەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنى قارىغا ئېلىپ ئاتسىمۇ، ئۇلار ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدسىزلىك سەۋەبىدىن يېنىدىكى قۇربان بولغان سەپداشلىرىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر تال ئوقنى كۈتۈپ تۇراتتى.

سىمون ھەيھا قارىغا ئېلىپ ئۆلتۈرگەن 505 ئەسكەرنىڭ ئىچىدە، نۇرغۇن ئۆلگۈچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىرايى ئىنتايىن تەمكىن ئىدى، لېكىن قارىماققا جىمجىت سىرتقى كۆرىنىش ئاستىدا يوشۇرۇنغىنى زادى تەمكىنلىك ياكى ئۈمىدسىزلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

تاكى 1940-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىگە كەلگەندە، بىر تەلەيلىك ئەسكەرنىڭ ئوقى سىمون ھەيھا نىڭ بېشىغا تەگدى. باشقا فىنلاندىيە ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن  ئۇنى بازىغا ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا ئوق زەربىسىدە ئۇنىڭ « كاللىسىنىڭ يېرىمى» لا قالغان ئىدى. ئاق رەڭلىك ئەزرائىلنىڭ ئاياغ تىۋىشى بۇ يەردە … بىر ھەپتە توختىدى. ئوق ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يۈزىگە تەگكەن بولسىمۇ، بىراق سىمون ھەيھا يەنىلا ھايات قالغان، ئۇ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ھوشىغا كەلگەندە بۇ ئۇرۇشمۇ تەڭلا ئاياغلاشقان.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

شۇ چاغدا ھەربىي كۈچ جەھەتتە گېرمانىيە بىلەن قېلىشمايدۇ دەپ قارالغان سوتسىيالىستىك سوۋېت ئىتتىپاقى 1939- يىلى پولشانىڭ ھالاك بولغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئاساسەن فىنلاندىيەدىن زېمىن بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمىغان. نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ئالدىغا 1932-يىلى تۈزۈلگەن «سوۋېت-فىنلاندىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنى» يىرتىپ تاشلاپ 1939-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى فىنلاندىيەگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. دەل 1917-يىلىدىكى رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى نەتىجىسىدە فىنلاندىيە چار رۇسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان؛ لېكىن 22 يىلدىن كېيىن، يەنە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدا قۇرۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقى فىنلاندىيەگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى ئادالەتسىز ئۇرۇشنى قوزغىغان.

بۇ قېتىمقى ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە قارشى تۇرىدىغان ئۇرۇشتا فىنلاندىيە مەرگەنلىرى ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئاتقان ئوقىنى زايە قىلماسلىق بولسا مەرگەنلەرنىڭ قوغلىشىدىغان نىشانى.

ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 مىڭ پاي ئوق بىلەن بىر ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن، ۋىيېتنام ئۇرۇشى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 مىڭ پاي ئوقتا بىر ئەسكەر ئۆلگەن، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە بىر مەرگەن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پەقەت 1.3 پاي ئوقتا بىر دۈشمەننى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى