سەئىد قۇتوب

ئورنى Wikipedia

ئەرەب ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ جىنى -سەئىد قۇتوب

سەئىد قۇتۇب(1906-1966)مىسىرنىڭ ئاسيوت ئۆلكىسى مۇشا دەيدىغان كىچىك بازارداتۇغۇلغان،ياش ۋاقتىدا پايتەخت قاھىرەگە كىلىپ ئوقىغان ۋە خىزمەت ئىزلىگەن،كىيىنئوقوتقۈچى بولغان،دەسلەپ دىيندىن خالى مىللەتچى بولوپ،مىللەتچى سىياسىي پارتىيە(ئەلۋەفدى)نى قىزغىن قوللىغان،بوچاغدا ئۇ جامالىددىن ئافغان، موھەممەدئابدۇ،موھەممەد رەشىيد رىزا قاتارلىق يىقىنقى زامان مۇتەفەككورلارنىڭ ئەسەرلىرىنىئوقىغان،ھەمدە شوچاغدىكى جەمىيەت ئەھۋالىنى،ۋە تۆۋەن قاتلامدىكىموسولمانلارنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقور ئۈگەنگەن،30-يىللا ئاخىرلىرى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىجەھەتلەردە موناسىۋەتلىك ماقالىلىرنى ئىلان قىلىشقا باشلىغان،سەئىد قۇتۇب 1948-1950-يىلىغىچە ئامركىغا بىرىپ 2يىلئوقوغان،ئاسلىق موئارىپ باشقۇرۇش جەھەتدە بىلىم ئاشۇرغان، بۇ قىتىمقى ئوقىشىئارقىلىق،ئۇ غەرىپ جەمىيىتى ۋە مەدىنىيىتىنى يەنىمو ئىلگىرلەپ تونىغان ۋەچۈشەنگەن،ئۇ غەرىپ دۈنياسىنىڭ ماددى تۇرمۇشى تەرەققى تاپقان بولسىمو،لىكىن روھىجەچەتدە مەنىسىز،جەمىيەتنىڭ چىرىك ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغان،‹غەرىبنىڭيولىنى›موسولمانلار رايونلىرىدا قوللىنىشقا بولمايدو دەپ قارىغان،ئەنگىليىنىڭمىسىر،پەلەستىندا ۋە فىرانسىيىنىڭ سۈريە،تونىس،ئالجىريە قاتارلىق جايلارداقىلغان-ئەتكەنلىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق،غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ نىشانى ئىسلامىيەتنىتولوق بويسۈندۈرۇش ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ يەتكەن،دەۋىرداش نۇرغون كىشىلەر تىخىمورادكال ئەرەپ مىللەتچىلىكىگە ۋە سوتسىيالىزىمغا بۇرالغاندا،ئۇ باشقىلارغائوخشىمايدىغان يولنى تاللىۋالغان،يەنى رىئال ئىجتىمائى،سىياسىي مەسىلىلەرنىئىسلامنىڭ ئەسلى ئىدىيىسىگە تايىنىپ ھەلقىلىش يولىنى تاللىۋالغان.50-يىللارنىڭباشلىرى ئۇنىڭ ئەسىرى‹ئىسلام بىلەن كاپتالىزىمنىڭ توقونىشى›جامائەت بىلەن يوزكۆرۆشدى،بو ئەسەر ئۇنىڭ دىيندىن خالى مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدە ئەمەس،پۈتۈنلەيئىسلام نىڭ ساپ يولىنى ياقىلايدىغانلىقىدىن دىرەك بەرگەن.

سەئىد قۇتۇب باشدىلا موسولمان قىرىنداشلار ئويوشمىسىغاھىسداشلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش پۇزوتسىيىسىدە بولغان،قىرىنداشلار ئۇيوشمىسىنىڭبەزى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان،لىكىن بۇ چاغدا ئۇيوشمىغا رەسمى كىرمىگەن،شۇنىڭبىلەن بىللە(ئەركىن ئۆپىتسىرلار تەشكىلاتى) بىلەنمو قويوق مۇناسىۋەت قىلىپتۇرغان،(ئەركىن ئۆپىتسىرلار تەشكىلاتى)1952-يىلى موسولمان قىرىنداشلارئۇيوشمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن پادىشاھ پاروقنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۋىتىپ مىسىرجۇمھورىيىتىنى قۇرغان،لىكىن موسولمان قىرىنداشلار ئۇيوشمىسى يىڭى ھۆكۆمەتگەكىرەلمىگەن،موسولمان قىرىنداشلار ئۇيوشمىسى بىلەن جامال ئابدى ناسىر باشچىلىغىداجۇمھورىيەت تۇزۇمىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشگە باشلىغان،ھەمدە بۇئىككىسىنىڭ ئوترىسىدا توقونوش يوزبەرگەن،سەئىد قۇتۇپ يىڭى ھۆكىمەتكە نارازبولوپ،قىرىنداشلار ئۇيوشمىسىغا رەسمىي كىرىپ،جامال ئابدىناسىر ھاكىمىيىتى بىلەنقارشىلىشىش يولىغا ماڭغان.

موسولمان قىرىنداشلار ئۇيوشمىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى 1954-يىلى جامال ئابدىناسىرنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولوپ موۋاپىقىيەت قازىنالمىغان،ھۆكىمەتموسولمان قىرىنداشلار ئۇيوشمىسىنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇپ،نەچچە مىڭ ئادەمنى قولغائالغان،بەزى ئادەملەرگە ئۆلوم جازاسى بەرگەن،سەئىد قۇتۇپمو قولغا ئىلىنغان، ‹خەلىقسوتى›سوراق قىلغان دىن كىيىن 15 يىل تۇرمىگە قاماش جازاسى بەرگەن،ئۇ ئاغرىقجانبولغاچقا تۇرمىدىكى كوپ ۋاقىتنى دوختورخانىلاردا ئۆتكۆزگەن،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىغىرئىشلارنى قىلماي،تەپەككور قىلىشنى ۋە يىزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرغان.ھۆكۆمەتنى قولاشدىن،ھۆكۆمەتدىن ئۈمىد كۆتىشدىنئۈمىتسىزلىنىشكە ۋە نەپرەتلىنىشكە ئۆزگەرگەن،رىئال جەمىيەتنىڭ سىياسى تۇزۇلمىسىدىنناراز بولغانلىقى،كۆرەشنىڭ تەكرار ئوڭوشسىزلىققا ئوچىرغانلىق تۇپەيلى،سەئىدقۇتۇپنىڭ ئىدىيىسى ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن،ئۇ ئەبوئەلا مەۋدۇدى،ھەسەنول بەنناقاتارلىقلارنىڭ ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ توپلاپ،ئۆزى ئىجابىي تەرەققى قىلدۇرۇشئارقىلىق،موكەممەل،شۇنداقلا تىخمو جەڭگىۋار چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولغان ئىسلامنەزىرىيىسىنى ئوتتورغا قويغان،ئۇ تۇرمىدە يىتىپ ‹بىزنىڭ دىينىمىز›‹بو دىينىمىز نىڭئىستىقبالى›‹يول بەلگىسى›قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان،موسولمان قىرىنداشلارئۇيوشمىسى ئۇلارنى بىسىپ تارقاتقان،شۇنداق قىلىپ سەئىد قۇتۇب تۈرمىدە بولسىموئۇنىڭ ئەسەرلىرى سىرتقا مەخپى تارقالغان،چەمىيەتدە چوڭ تەسىر پەيداقىلغان.

جامال ئابدى ناسىر ھۆكۆمىتى بىر تۈركۈم سىياسىيگۇناھكارلارنى تۈرمىدىن قويوپ بەرگەندە سەئىد قۇتۇبمو سالامەتلىگى تۈپەيلىموددەتدىن بۇرۇن قويوپ بىرىلگەن،سەئىد قۇتۇب تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن داڭقى ۋەتەسىرى تۈپەيلى موسولمان قىرىنداشلار ئۇيوشمىسى ئۇنى دەرھال رەھپەرلىك ئورگىنىنىڭئەزالىقىغا سەيلىدى،ئۇزۇن ئوتمەي موسولمان قىرىنداشلار ئۇيوشمىسىدىكى ئەزالارپىلانلىغان زۇڭتۇڭ،مىنىستىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۆمەت ئەمەلدارلىرىنىقەستلەپ ئۆلتۆرۆش ۋەقەسىگە چىتىلىپ قالغان،مەخپى پىلان ئاشكارلىنىپ قالغاندىنكىيىن،سەئىد قۇتۇپ ۋە موسولمان قىرىنداشلار ئۇيوشمىسىنىڭ بىرتۈكۈم ئەزالىرى1966-8-ئايدا يەنە قولغا ئىلىنىپ سوراق قىلنىدو،بۇقىتىمقى سوراقدا سەئىد قۇتۇپئۆزىنى ئاقلىمايدو،بەلكى سوتدا ئىسلام دىينىنىڭ سىياسى ئىدىيىسىنى ئەتراپلىقشەرھىلەيدو،ئۇنىڭ دولەتدىن،مىللەتدىن،سىنىپدىن ھالقىغان بۇ ئەقىدەۋى پىكرى سوتنىزىلزىلىگە سىلىۋىتىدو،شۇ چاغدىكى جەمىيەتدىمو غۇلغۇلا قوزغىۋىتىدو، سەئىد قۇتۇپ ۋەموسولمان قىرىنداشلار ئۇيوشمىسىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىغا ھۆكىمەت ئولوم جازاسىبىرىدو، شو چاغدا ئۇ دەل 60 ياشقاكىرگەن ئىدى.

سەئىد قۇتۇپ ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەر يازغان،بۇلارنىڭئىچىدە ئۇنىڭ تۇرمىدە يازغان ئەسىرى‹يول بەلگىسى›تەسىرى ئەڭ چوڭ بولوپ،بۇ ئەسەرئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ئەڭ ۋەكىلىك قىلالايدو،بو كىتابدا ئۇئىسلامنىڭ ئىدىيىسىنىڭ نەزىرىيىسىنى سىستىملىق شەرھىلىگەن،ئاساسلىغىمۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدو،

1-رىئاللىقدىكىتۇزۇلمىلەرنى تولوق ئىنكار قىلىدو،سەئىد قۇتۇپ زامانىمىز دۇنياسى، جۇملىدىنموسولمان دۆلەتلىرى ھىلىمو جاھىلىيەت-ئىسلامدىن بۇرۇنقى - ھالەتىدە تۇرۇۋاتىدو دەپقارايدو،ئۇ مۇنداق دەيدو:-بىز بۇگۇن ئىسلامىيەتدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش،ھەتتائۇنىڭدىنمو بەتتەر جاھىلىيەت ئىچىدە تۇروۋاتىمىز،ئەتراپىمىزدىكى ھەممەنەرسە؛كىشىلەرنىڭ كوز قاراش ۋە ئىيتىقادى،ئادەت يۈسۈنلىرى،كىشىلەرنىڭمەدىنىيەت،سەنئەت ۋە ئەدەبىيات جەھەتدىكى مەنبەسى ۋە جەمىيەت نىزامى،قانونچىقىرىشى جاھىلىيەت ئىچىدە تۇرۋاتىدو،بىز ئىسلام مەدىنىيىتى،ئىسلام مەنبەسى ياكىئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئدىيىسى دەپ قارىغان نەرسىلەرمو ئەمىلىيەتدە موشۇۇنداقجاھىلىيەت(دىنسىزلىق) نىڭ تەركىۋى قىسمىدور}ئۇنىڭ قارىشچە،بۇنداق جاھىلىيەت سىياسىي جەھەتدە اللەنىڭ يەر يۈزىدىكى ھوقوقىغا تاجاۋۇز قىلشدا؛ يەنى بەزى ئادەملەرنىڭئەخلاق،كۆزقاراشلارنى بەلگلەش،قانون ۋە تۇزۇملەرنى تۈزۈش ھوقوقىغا ئگىمىز دەپقاراپ،بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەنە بىرقىسىم كىشىلەرگە ھۆكۆمرانلىق قىلىشدا ۋە بىسىمئىشلىتىشىدە ئىپادىلىنىدو،ئۇ مۇنداق دەيدو:فاشىزىم،كومونىزىم،كاپتالىزىم ياكىنوۋەتدە ئەرەپ دۈنياسىدا ئىلىپ بىرلىۋاتقان مىللەتچىلىك سوتسىيالىزىم ئىدىلوگىيسىبولوشدىن قەتئى نەزەر،بۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىلىيەتدور،چۇنكى بۇلار اللە دىن كەلگەنئەمەس،ئدەمنى اللە غا بويسۇندۇرماسدىن،بەلكى ئادەمنى ئادەمگە بويسۇندۇرۇدۇ،ئۇمۇنداق دەيدۇ مىللەتچىلىك ھوقوقنى اللەغا مەنسوپ قىلماسدىن مىللەتگە مەنسوپقىلىدو،شونىڭ ئۈچۈن بو ئىسلام ھىساپلانمايدو.

2-ساپ ئىسلام نىزامىنى يىڭىۋاشدىن ئورنىتىشنى تەشەببۇسقىلىدو،سەئىد قۇتۇب مۇنداق دەيدو:جاھىلىيەتدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۇسۇلى شۇكى،ھەركەتقوللىنىپ،اللە نىڭ تولوق ھوقوقنى ۋە ھوكومرانلىقىنى تىكلەش لازىم،اللە نىڭ بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىگىنى جاكارلاش…قوزغىلىپ ھەرقانداق شەكىلدىكى،تۇردىكى ۋە ئۇسۇلدىكى ئادەملەرنىڭھۆكۆمرانلىقغا قارشى تۇرۇش،يەر يۈزىدە ئادەملەرنىڭ ھۆكۆمرانلىقىنى كومپەيكومقىلىپ،اللەنىڭ پادىشالىقىنى تىكلەشدىن…ھوقوقنى ئىنسانئىچىدىكى ھوقوقدارلاردىن قايتۇرۇپ ئىلىپ،بىردىن بىر اللەغا قايتۇرۇپبىرىشدىن،ئادەمەرنىڭ قانونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،تەڭداشسىز موقەددەس ئالى قانوناللەنىڭ قانونىنى تىكلەشتىن دىرەك بىرىدو.سەئىد قۇتۇپ مۇنداق دەپ ئوتتورغا قويىدو:اللەنىڭھۆكۆمرانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،موسولمانلار ھىجرەت قىلىپ،زامانىمىزدىكىبۇنداق جاھىلىيەتدىن ئۈزىل-كىسىل قۇتۇلۇپ،پوتۈنلەي ئىسلام ئۈسۈلى ۋە ئۆلچىمى بۇيچەقۇرۇلغان جەمىيەتنى بەرپاقىلىشى، مىللەتچىلىك،ۋەتەنپەرۋەرلىك دىگەندەكئىسلامىيەتكە يات تەسىرلەرنى پۈتۈنلەي تازىلىۋىتىشى لازىم،ئوتتۇرغا قويغان ‹ھىجرەت›جۇغراپىيە جەھەتتىكى كۆچۆشنىلائەمەس، بەلكى موسولمانلار جاھىلىيەت بىلەن كۆرەش قىلىش،اللەنىڭ ئىشلىرىئۈچۈن جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئسلام نىزامى پەرپا قىلىنغان موھىتقا كۆچۆشنىكۆرسىتىدو،ئۇنى دەۋەت-چاقىرىقلار،قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقوپ بىرىش بىلەنلا ئەمەلگەئاشۇرغىلى بولمايدو،چۈنكى خەلىقنىڭ بوينىغا زەنجىر سىلىۋالغانلا،اللەنىڭ يەرشاردىكى نۈپۈزىنى تارتىۋالغانلار بۇنداق چۈشەندۇرۇش ۈە نەسىھەتلەرگە ئوروننىئوتكىزىپ بەرمەيدو}سەئىد قۇتۇپ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدو:ھازىرقى موھىم ۋەزىپەمەۋجۇت بولوپ تۇرىۋاتقا غەيرى ئىسلام تەرتىپلىرىنى تازىلاپ،ئىسلام جەمىيىتى پەرپاقىلىشدىن ئىبارەت،بۇنداق‹تازىلاش›ئۆگەرتىش ياكىئىسلاھ قىلىش بولوپلا قالماسدىن ئۈزىل-كىسىل تۈپدىن ئۆزگەرتىش كىرەك،سەئىد قۇتۇپكەلگۈسىدىكى ئىسلام دولىتىنىڭ لاھىيىسى توغرىسدا توختالمىغان،ئۇنىڭ قارىشچە ھازىرمەۋجۇت بولوپ تۇرۋاتقان غەيرى ئىسلام تەرتىپلىرىنى تازىلاپ تازىلاپ بولغاندىنكىيىن،تەپسىلى لاھىيەنى ئاندىن ئويلىشىش كىرەك دىگەن.

سەئىد قۇتۇپنىڭ ئەسلىيەتچىلىك ئىدىيىسى موسولمانلارئاممىىسىنىڭ نارازلىق ھالىتىنى ئىسلاھ قىلىش پىسخىكىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدەئىپادىلىدى،ئۇ سوتتا سوراققا تارتىلغاندا ،كىشىلەر ئۇنىڭ مەردانىلىق بىلەنسۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلاپ،ئۆلۆمگە پەرۋاقىلمىغانلىقنى ئوز كوزلىرى بىلەن كوردى،بونداقئىسلام ئەسلىيەتچىلىك نەزىرىيىسى دۇنيادىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلارنى كۈچلوكئىدىيىۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى،ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئەسلىيەتچىلەر-ساپئىسلامنى تەلەپ قىلغۇچىلار-ئوقويدىغان دەرىسلىك بولدى.

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىر]

-خەلىق ئارادىكى ئىسلام دولقونى: دىگەن كىتاب