شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىىك ئالتىنچى شىسى

ئورنى Wikipedia

يېزا ئىگىلىك 6 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 1 - دالا ئارمىيىسى 1 - بىڭتۇەنى 6 - جۈنىنىڭ 17 - شىسى ئىدى. بۇ قىسىم 1949 - يىلى 11 - ئايدا شىنجاڭغا كىرگەن. 1953 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 6 - جۈن 17 - شىنىڭ زور كۆپ قىسمى بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى 1 - ئاۋغۇست دېھقانچىلىق مەيدانى، 6 - جۈنىگە قاراشلىق مېڭجىن دېھقانچىلىق مەيدانى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك 6 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان. شى شىتابى سانجى شەھىرىنىڭ ۋۇجىياچۈي بازىرىدا. يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ بوز ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ئوتتۇرا قىسىم ۋۇجياچۈي ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي رايونى، غەربىي قىسىم شىنجاڭ پاختا، شېكەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىسادىي رايونى، شەرقىي قىسىم گۇچۇڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە جەنۇبىي قىسىم ئۈرۈمچى شەھىرى سودا رايونىدىن ئىبارەت ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 4 - ئىقتىسادىي رايونغا بۆلۈنگەن. ئۇنىڭ قارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 56 سى بار بولۇپ، بۇنىڭ 20 سى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 63 سانائەت، قاتناش بىناكارلىق، سودا كارخانىسى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت سەھىيە قاتارلىق كەسىپىي ئورۇندىن 203 ى بار. ھازىر 153 مىڭ 100 گېكتار )2 مىليون 308 مىڭ 500 مو( تېرىلغۇ يەر، 368 مىڭ گېكتار )5 مىليون 520 مىڭ مو( يايلاق، 23 مىڭ گېكتار )345 مىڭ مو( ئورمانلىق، 27 مو گېكتار )405 مىڭ مو( سۇ كۆلىمى، ئۇنىڭدىن باشقا 40 مىڭ گېكتار )600 مىڭ مو( ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان قاقاس يەر بار، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 261 مىڭ بولۇپ، ئەمگەكچى 115 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 104 مىڭ 100 نەپەر. يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېتىز ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. تۈزلەڭلىكتە 19 يەرگە سۇ ئامبىرى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 200 مىليون كۇب مېتىر( ياسىغان، سۇغىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇدۇقتىن 1500 نى قازغان. 13 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۈرلۈك سۇغىرىش، سۇ چىقىرىش ئۆستىڭى چاپقان؛ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 209 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 1500 دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى بار. مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، پاختا، قىزىلچا، قۇلماق، قوغۇن - تاۋۇز، كۆكتات، ئارپا قاتارلىقلار، بار. بۇنىڭ ئىچىدە 103 - تۇەننىڭ قوغۇنى يېشىل يېمەكلىك بەلگىلىمىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا كەڭ سېتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ سانائىتى بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، كۆمۈرچىلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى خۇرۇم ئىشلەش، يېمەكلىك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق تۈرلەر بار. بۇ شى ئىشلەپچىقارغان >ئەپەندى< ماركىلىك سوپۇن پاراشۇكى، >ۋۇجياچۈي< ماركىلىق سۇ پومپىسى شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى دېگەن نامغا ئېرىشتى، پەشمەت، چۈرۈك كەمپۈت، رادىياتور، قاراماي قەغەز، خۇرۇم كىيىم - كېچەك، خىش قاتارلىق مەھسۇلاتلار مىنىستىر دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات دېگەن نامغا ئېرىشتى. خۇشاىن خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن