شىنجاڭ مۇنبەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ مۇنبەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بازىرىدا سىستىمىلىق تەربىلەش ئاساسىدا پىشىپ يىتىلگەن تەجرىبىلىك سېتىش قوشۇنى بىلەن دىيارىمىزغا ماس ھالدا ئۆزگىچە سېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلغان، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇنتىزىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە مۇقۇم مال تەمىنلەش ئىقتىدارى شەكىللەنگەن كارخانىلارغا بازار ئېچىش، سېتىش ۋە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان دىيارىمىزدىكى بىردىن بىر كەسپلەشكەن سېتىش شىركىتى.

ئورگان تور مەنزىلى: http://munber.biz/

خېرىدارلار[تەھرىرلەش]

شىركىتىمىزدە تاشقىن شىركىتى سېتىش لىنىيەسىدىكى 20000دىن ئارتۇق دۇكانلارنىڭ دۇكان ئادرېسى، دۇكان كۈلۈمى، دۇكاندار ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرى، دۇكانلارنىڭ خارەكتىرى، دۇكاندارلارنىڭ ئىقتىساد ئەھۋالى، شىركەت بىلەن بولغان تەپسىلى ھىسابات ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۇچۇرلىرى مۇكەممەل سىستىما ئاساسىدا رەتلەپ چىقىپ بازار باشقۇرش سىستىمىسىغا باغلىغان. دۇكانلارنىڭ تۈرى تاللا بازىرى، دورا دۇكان، يەككە داۋلاش، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنى، دوختۇرخانا، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

سېتىش لىنىيەسى[تەھرىرلەش]

شىركىتىمىز سېتىش لىنىيەسىنى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 7 تارماق شىركەتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، پۈتۈن سېتىش لىنىيەسىدە 5 چوڭ سېتىش ئەندىزىسى قوللىنىلغان.

  1. خوتەن تارماق شىركىتى
  2. قەشقەر تارماق شىركىتى
  3. ئاقسۇ تارماق شىركىتى
  4. ئۈرۈمچى تارماق شىركىتى
  5. غولجا تارماق شىركىتى
  6. كورلا تارماق شىركىتى
  7. قۇمۇل تارماق شىركىتى

سېتىش ئەندىزىسى[تەھرىرلەش]

  • بىۋاستە دۇكانلارغا مال تەمىنلەش
  • مۇنبەر توپ تارقىتىش مەركىزى
  • مەخسۇس سېتىش دۇكىنى
  • تور سودىسى
  • بىۋاستە سېتىش

بازار ئېچىش قوشۇنى[تەھرىرلەش]

شىركىتىمىز سېتىش قوشۇنى خەلقئارالىق سېتىش شىركەتلىرىدە مۇنتىزىم تەربىلەنگەن، ئۇزۇن مەزگىللىك سېتىش ۋە بازار ئېچش تەجرىبىسىگە ئىگە، كەسپى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن پىشىپ يىتىلگەن، جەڭگىۋار ياشلاردىن تەشكىللەنگەن.

مال تەمنىلەش ماشىنىسى[تەھرىرلەش]

شىركىتىمىز 7 رايۇنغا بازار ئىچىش قوشۇنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن سىرت، يەنە ھەر بىر مال يەتكۈزۈش لىنىيەسىگە 2 دىن 3 كىچە مەخسۇس بازار ئىچىش ۋە مال يەتكۈزۈش ماشىنىسى تەسسىس قىلغان.

باشقۇرۇش سېستىمىسى[تەھرىرلەش]

شىركىتىمىز زور تۈركۈمدە مەبلەغ سېلىپ بازار ئۇچۇرلىرى، سان سىغىرلار ۋە ھەر تۈرلۈك مەھسۇلانىڭ بازار ئانالىزىنىڭ ئىنىق بولۇشى ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان بازار باشقۇرۇش، چىقىم باشقۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش سىستىمىسى، بازار ئانالىز سىستىمىسى ياساپ چىققان بولۇپ، ھەر كۈنى بارلىق بازار، مالىيە ئۇچۇرلىرىنىڭ سىتىمىدا تۇلۇق ئەكىس ئىتىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. ھەمكارلاشقان ھەر بىر شىركەتنىڭ مېلىنىڭ ھەر قايسى رايۇنلاردا قانچىلىك سېتىلغانلىقى، ھەر ئايلىق بازار ئانالىزى تۇلۇق تېلىفۇن ئارقىلىق ھەر قانداق يەردە كۆرگىلى بولىدىغان ھالەتتە يەتكۈزدى.