شەرئىي قازىلىق مەكتىپى

ئورنى Wikipedia

شەرئىي قازىلىق مەكتىپى (مدرسة القضاء الشرعي): بۇ مەكتەپ 1907 – يىلى مىسىر ھىدىۋى ئابباس ھىلمى II دەۋرىدە (1892 – 1914) ئەزھەر شەرىفكە قاراشلىق قۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ قازىلىق مەنسەپلىرىگە مۇشۇ مەكتەپنىڭ ياكى ئەلئەزھەرنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر تەيىنلىنەتتى. نۇرغۇن چوڭ ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن بۇ مەكتەپ 1930 – يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.