شەربىتى زەبىب
شەربىتى زەبىب ئىممونىت كۈچى ئاجىزلاش ۋە بەرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]
دورا نامى :شەربىتى زەبىب
ياسالما شەكلى :سۇيۇقلۇق
ئاساسلىق دورىسى :قوي گۆشى
خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]
بۇ قىزغۇچ جىگەررەڭلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ،تەمى تاتلىق. ئىممونىت كۈچى ئاجىزلاش ۋە بەرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]
- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- خۇسۇسىيىتى
- ياسىلىشى
- ئۆلچەم
- ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى
- ساقلاش
- تەكشۈرتۈش
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
ياسىلىشى[تەھرىرلەش]
قۇرۇق ئۈزۈمگە سۇ قوشۇپ بىر سائەتتىن 2 قېتىم قاينىتىپ،دورا سۈيىنى ئايرىۋېلىپ 3 لىتىرغىچە قۇيۇلدۇرۇۋېلىنىدۇ؛ قوي گۆشى، كەپتەر باچكىسى، كەكلىك گۆشى قاتارلىقلارنى كاۋاپ قىلىپ، قالغان ئارپا بەدىيان قاتارلىق دورىلار بىلەن بىرگە 1.5 سائەتتىن 3 قېتىم قاينىتىپ، دورا سۈيىنى ئايرىۋېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردا قويۇلدۇرغاندىن كېيىن يۇقۇرۇقى دورا سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، 1000مىللىلىتېرغا كەلتۈرۈلىدۇ ھەمدە سۈزۈپ، ساپال قاچىدا بىر ئاي ئاپتاپتا ساقلىغاندىن كېيىن، دورا سۈيى ئايرىۋېلىنىپ تەييارلىنىدۇ.
ئۆلچەم[تەھرىرلەش]
ھەر بىر قۇتىغا (1) 250ml (2) 500mlدىن قاچىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى[تەھرىرلەش]
كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 100ml~50 غىچە ئىچىلىدۇ.
ساقلاش[تەھرىرلەش]
ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.
ئۆلچەم[تەھرىرلەش]
ھەر بىر قۇتىغا (1) 250ml (2) 500mlدىن قاچىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى[تەھرىرلەش]
كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 100ml~50 غىچە ئىچىلىدۇ.
ساقلاش[تەھرىرلەش]
ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.
تەكشۈرتۈش[تەھرىرلەش]
نىسپىي زىچلىقى 1.10 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك(قوشۇمچەⅦ A).
pHقىممىتى 5.0~3.5ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەك(قوشۇمچە Ⅶ G ).
بۇ دورا قاينىتىلما ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IJ) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.