شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ستالىنغا ئەۋەتكەن ئۇلتىماتۇم خاراكتېرلىك مەكتۇپى ۋە تىنچلىق سۆھبىتى

ئورنى Wikipedia

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى مەركىزىي فرونتتىكى خىتاي قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، قەدەممۇ قەدەم دۈشمەن قوشۇنلىرىنى قوغلاپ -9-يىلى 1945 ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىشقا جىددىي تەييارلىنىۋاتقاندا، -كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ جىددىي بېسىم خاراكتېرلىك بۇيرۇقى بويىچە ئۈرۈمچىگە 17 ئاينىڭ -16 ھۇجۇم قىلىشنى، يەنى داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشنى توختاتتى. بۇنىڭ ئالدىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ سېنتەبىر كۈنى خىتاي تەرەپكە مېموراندۇم تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ غۇلجا قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشىدا ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشكە رازى -سېنتەبىر كۈنى جاڭ كەيشىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار 17 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىقى ۋەكىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاپپولون پېتروفقا رەسمىي بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىدا ۋاسىتىچى بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دېمەك، بۇ جەھەتتە ئىككى دۆلەت ئىچكى جەھەتتە پۈتۈشۈپ بولغانىدى. ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 15 – سېنتەبىر كۈنى خەلق ئىشلار كومىسسارى لاۋرېنتىي بېرىيا بىلەن خەلق تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن كومىسسارى ئاندرېي ۋىشىنسكىي تەييارلىغان »شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە« ناملىق مەخپىي ھۆججەتنى ئىمزالاپ، »قوزغىلاڭچىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئەلچىسىنىڭ باياناتىغا جاۋاب بەرگۈچە ھەمدە يەنە ئەگەر سۆھبەت بولۇپ قالسا، سۆھبەت ۋاقتىدا ئۆز قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەۋسىيە قىلىش« دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپنى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەۋسىيە قىلىش ھەم خىتاي تەرەپنىڭ ئالدىغا بۇ مەسىلىنى قويۇشتىن باشقا يەنە خىتاي تەرەپكە قويۇلىدىغان لايىھەنىڭ تېكىستلىرىنىمۇ بېكىتىپ بولغانىدى. شۇ ۋاقىتتا يەنە، موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك -دومدىكى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروف 2 ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىرى، يەنى قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ئۇرۇش توختىتىپ، خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەنىدى. موسكۋانىڭ ھەربىي جەھەتتىن، يەنى قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە ئوفىتسېر قاتارلىق ھەر ساھەلەر بويىچە زور دەرىجىدە ياردىمىگە ئېرىشكەن شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىزچىل قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكى تەركىبىدە خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپ پىكىر ئىختىلاپى بولسىمۇ، بىراق موسكۋانىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەيئىتى قارار تىنچلىق» ماقۇللاپ، ئۈرۈمچىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، يەنى سۆھبىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى « بېكىتكەنىدى.

داۋامىنى تۆۋەندىكى ئۇلانما ئارقىلىق  PDF نۇسخسىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ:

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ستالىنغا ئەۋەتكەن ئۇلتىماتۇم خاراكتېرلىك مەكتۇپى ۋە تىنچلىق سۆھبىتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى