غازى ئەمەت

ئورنى Wikipedia

داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئاكا 1935. يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ)يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەت ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن 1946. يىلىدىن 1950. يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان . كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەھمەد ئاكا بالقلقق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان . غازى ئەمەت ئاكا 1952. يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان ئۇ 1954 ـــ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى، ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن . كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن ئۇ ھازىر جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ـ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى، پىرافىسور شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ـ دۆلەت دەرجىلىك ئاتاقىلىق رەسسام ھەم 1954 ـــ يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن غازى ئەمەت رەسىملەر توپلىمى دىگەن كىتابنى . نەشىردىن چىقارغان جىنايى ھۆكۈم - جۇڭگۇ رەسىم سارىيىدە ساقلىنىۋاتىدۇ ـ 1982 ـــ يىلى پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەخمۇد قەشقەرى - بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ ـ1981 ـــ يىلى جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەل ـــ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە1 ـــ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇقام ــ 1984 ـــ يىلى 6 ـــ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل ـــ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۆمۇش مىدالغا ئېرىشكەن1987 ــــ يىلى مۇسكىۋادا كۆرگەزمە قىلىنغان ـ مۇقام ئىشقى مەملىكەتلىك ماي بۇياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن .

  شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 _ يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، "چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى" بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 _ يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان "غېرىپ _ سەنەم" ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز _ يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

  رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 _ يىلىدىن 1982 _ يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاماننىساخان، مەھمۇد قەشقىرى، رابىيە _ سەئىدىن ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ. غازى ئەمەت ئاكا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنلا مىللىتىمىزگە مەنىۋى دۇنياسىغا زوق بىرىپلا قالماي ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز ئەمەليىتىدە كۆرسەتتى . غازى ئەمەت ئاكا ئۆزى ئوقۇغان ئانا مەكتىپىگە بىر كۇمپىيوتىز سىنىپى قۇرۇپ بەردى. يەنى غازى ئەمەت ئاكا ئۆزگەرتىپ ياسىلىۋاتقان مەھەللە مەسچىتىگە ئاز بولمىغان ياردەملەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللى روھىنى ئۇنتۇپ قالمىدى


ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەھمەد[تەھرىرلەش]

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمىسى

غازى ئەھمەد دېگەن بۇ ئىسىمنى تۇنجى قېتىم بىلىشىمگە ئۇنىڭ « جىنايى جازا » دېگەن مەشھۇر ماي بوياق رەسىمى سەۋەب بولغانىدى . ھەيۋەتلىك، زۇلمەت باسقان شەرىئەت سوتىدا فېئودال ھۆكۈمرانلار نامۇۋاپىق پەتىۋا پىچىپ دېھقاننىڭ قىزىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ . يۈرەكنى تىترەتكۈدەك ئاھۇ – زار بىلەن ئاتا ۋە قىز ئۆلمەي تۇرۇپ بىر – بىرىدىن تىرىك ئايرىلىدۇ . قازى ھىجايغان، باي مەغرۇرلانغان ھالدا غالجىر ئىتنىڭ يول باشلىشى بىلەن چۈشۈپ كېلىدۇ . ئەتراپتىكى ئامما غەزەپلەنگەن ھالدا بەزىلىرى مۇشتلىرىنى چىڭ تۈگسە، بەزىلىرى قولىدىكى كەتمەننى مەھكەم قاماللىغان ھالدا، بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىگە قاراشقا چېدىماي باشقا ياققا قارىۋالىدۇ، ھەتتا ئېشەكمۇ بوينىنى باشقا ياققا بۇرىۋالىدۇ . ھەر بىر ئوبراز، ھەر بىر سىزىقچىلاردىن كۈچلۈك بىر سادا چىقىپ تۇرىدۇ . رەسىمنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىڭىزدا نەچچە مىڭ يىللىق شىنجاڭ تارىخىنىڭ مۇشۇ رەسىمگىلا مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ھېس قىلىسىز – دە، روھىيىتىڭىزدە كۈچلۈك سىلكىنىش پەيدا بولىدۇ .

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تەلىيىمگە تيەنئەنمېننى ئايلىنىشقا مۇيەسسەر بولۇپ قالدىم . تيەنئەنمېننىڭ يورۇق، ئازادە ئارام ئېلىش زالىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىدا تۇيۇقسىز چوڭ تىپتىكى جوڭگۇچە رەسىم « كالا بىلەن ئوغلاق تارتىش » نى كۆرۈپ قالدىم، ئاپتورى غازى ئەھمەد ئىكەن . شىنجاڭدا ئۇزۇن يىل ياشاپ قازاقلارنىڭ ئات بىلەن ئوغلاق تارتىشقانلىقىنى كۆرگەن بولساممۇ، كالا بىلەن ئوغلاق تارتىشقاننى كۆرمەپتىكەنمەن . تاجىك چارۋىچىلارنىڭ كالا بىلەن ئوغلاق تارتىشىۋاتقان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن بۇ رەسىمدە چارۋىچىلارنىڭ چەبدەس ھەم قەيسەر روھىي ھالىتى، شۇنداقلا گۈزەل تاغ مەنزىرىلىرى ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ سىزىلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە شان – شەرەپ ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە شىنجاڭ رەسساملىرىغىمۇ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلغانىدى .

ئۆز–ئارا تۇنۇشۇپ، يېقىنلاشقاندىن كېيىنلا رەسساملىق ساھەسىدىكى بۇ مەشھۇر زاتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشنىشكە مۇيەسسەر بولدۇم . مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغىنى ئۇنىڭ مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان، تۇشتەك ئاقارغان قويۇق چاچلىرى، بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزى شۇنداقلا رەسساملار رەسىم سىزغاندا كىيدىغان ئاسما ئىشتان ۋە جۇشقۇن رۇھىي ھالىتى بولدى . ئەتىيازنىڭ قۇياش نۇرى دېرىزىدىن ئۆتۈپ، رەسسامنىڭ ئاقارغان چاچلىرى، ھاياتىي كۈچ بالقىپ تۇرغان چېھرىدە جىلۋە قىلىپ تۇراتتى .

ئۇ ئاز– تولا پەلسەپىۋى تۈس ئالغان ساپ خەنزۇ تىلىدا مەن بىلەن سۆھبەتكە چۈشتى . جۇڭگو رەسساملىق ساھەسىدىكى ئاز سانلىق مىلللەتتىن بولغان بۇ داڭلىق شەخىس ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەشكە كىرىشتى . . .

تەڭرىتېغىدىن كۆتىرىلگەن تولۇنئاي

‹‹تەڭرىتېغىدىن كۆتىرىلگەن تولۇنئاي، بىپايان دېڭىزدىن چىقتى بۇلۇت ›› . شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىكى مۆجىزىلەرگە باي ماكان . ئۇنىڭ رەڭگارەڭ، مول مەدەنيىتى، گۈزەل تاغۇ – دەريالىرى، مۇھىتى ۋە كۆپ خىل مىللەتلەرنىڭ ئارىلاشما مەدەنىيىتى زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات – سەنئەت ئىستېدات ئىگىلىرىنى يېتىشتۈردى . ئۇلار كېچىدە پارلاپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك بىپايان غەربىي شىمال ئاسمىنىنى يورۇتتى . غازى ئەھمەد ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى .

غازى ئەھمەد 1935- يىلى 8- ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەر قەشقەرنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر دىنىي زات ئائىلىسدە دۇنياغا كەلدى . قەشقەر قەدىمقى مەدەنيەتلىك شەھەرلەرنىڭ بىر بولۇپ، ‹‹ ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ بۆشۈكى ›› دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن ئىدى . غازى ئەھمەدنىڭ ئالاھىدە ئائىلە شارائىتى ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەدەنيەتلەر بىلەن تونۇشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى . ئۇ كىچىكىدىنلا رەسساملىققا ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئائىلىسىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان پارىس، ئەرەب ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرى، نەقىش – بېزەكچىلىك نۇسخىلىرى ھەم ئەرەب خەتتاتلقى ئۇنى ئۆزىگە قاتتىق مەھلىيە قىلىپ، گۆدەك غازى ئەھمەدتە سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك قىزقىشنى قوزغىدى . دانا ئاتىسىمۇ ئۇنىڭ ئادەتتىكى شەخىسلەرنىڭ رەسىملىرىنى سىزىشىغا قارشى تۇرمىدى .

غازى ئەھمەد 1951-يىلى ئىمتھان بېرىپ قەشقەر پېداگوكىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى . مەكتەپتىكى چاغلىردىلا مەكتەپنىڭ قارا دوسكىلىرىنى ئىشلەپ ۋە ھەر خىل رەسىملەرنى سىزىپ ئاز – تولا كۆزگە كۆرۈنگەن ‹‹ كىچىك رەسسام ›› بولۇپ قالغان ئىدى . جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ گۈزەل–تاغ دەريالىرى ئۇنىڭ ئىلھامىنى قوزغىسا، يۇرتنىڭ ئۆزگىچە ئېتنوگىرافىك مۇھىتى ئۇنىڭ سەنئەت تالانتىنى يېتىلدۈردى . 1954-يىلى ئۇ پېداگوكىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلدى ھەمدە 1957-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپكە ئۇقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندى . كېيىن ئۇقۇتقۇچىلىقتىن سەنئەت كافىدىراسىنىڭ مۇدىرلىقىغا ۋە سەنئەت ئىستىتۇتىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى . 1997 – يىلدىن ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە جوڭگۇ ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پېروفېسسورى، شىنجاڭ ئەدەبىيات سارىيىنىڭ پەخرىي باشلىقى، جوڭگۇ ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جوڭگۇ ماي بوياق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇ بىر تەرەپتىن رەسىم سىزغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتونۇم رايونىمىز مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇھىم رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ .

غازى ئەھمەد رەسسام بولۇش سۈپىتى بىلەن رەسساملىق ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تالانت ئىگىسى ئىدى . ئۇ شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق مۇھاجىر گىليازوفنىڭ تەربىيىلىشى بىلەن « چىسچاكوف » چە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ دەسلەپكى مەشقلىرىنى ئۈگەندى . بۇ بىر شەرقچە رەسىم ئۇسلۇبىدىكى ئىنچىكە سىزىش ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل يېڭىچە ئۇسلۇب ئىدى . ئۇ شۇ چاغلارنى ئەسلەپ : « مەن شەپقەتلىك ئۇستازىم گىليازوفقا چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىمەن . ئۇنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى ئاستىدا، مەندە غەرب رەسساملىقىدىكى مۇكەممەل ئەنئەنىۋىي شەكىل سىزىش قابىلىيىتى ۋە رەڭ بېرىش ئاساسى يېتىلدى » دەيدۇ . گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئون نەچچە يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە غەربنىڭ ئەنئەنىۋىي رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىنى دورىماي، شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، سەزگۈرلۈك بىلەن ئۆزىنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبىنى ياراتتى .

ئۇ ماي بوياق رەسىملەرنى سىزاتتى، جوڭگۇچە رەسىملەرنىمۇ سىزاتتى . يېقىنقى يىللاردا جوڭگۇچە رەسىمگە ئىشتىياق باغلىدى . بۇ بىر ئاز سانلىق مىللەت رەسسامى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك روھ ئىدى . ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەكشى سىزىش ئۇسلۇبىدا سىزىلغان بولۇپ سىزىقچىلار ئارقىلىق ئاسسىي شەكىل ئىپادىلىنىپ، ئوبرازلار ئىنچىكە سىزىلىپ چىقاتتى . ئۇ سىزمىلىرىدا نۇر ئۈنۈمىنى قارغۇلارچە قوغلاشماي، غەرب رەسساملىقىدىكى تەمكىنلىك، ئوچۇق – يورۇقلۇق ۋە غەمكىنلىكنى رەڭلەر ئارقىلىق چىۋەرلىك بىلەن ئىپادىلىسە، شەكىل چىقىرىشتا جوڭگۇچە رەسساملىقتىكى تارقاق نۇقتىلارنى ئوبدان كۈزىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، غەرب رەسساملىقىدىكى ئومۇمىي شەكىل، كۆپتۈرمە سىزىش ئۇسلۇبى ۋە خاراكتىر يارىتىش ھەم جوڭگۇ رەسساملىقىدىكى كۆركەملىك، جۇشقۇنلۇقنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ، غەربىي يۇرت تام رەسىملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سىزىپ، ئادەمدە ئاجايىپ تەسىراتلارنى قوزغىدى . ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى سەنئەت خاراكتىرى ۋە ئۇسلۇبى پىشىپ يېتىلىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، كىشىنىڭ زوقىنى قوزغىدى . بۇ خىل سەنئەت تالانتىنىڭ يېتىلىشىدە چوڭقۇر تارىخىي سەۋەبلەر بار ئىدى . ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى : « مېنىڭ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكى ماي بوياق رەسىم مۇئەللىمىم لېنىنگىراد رۇببىن سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن شىنجاڭغا كەلگەن . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ماڭا لېنىنگىرادنىڭ ئۆزى بولغان ئىدى . بىراق، شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش جەھەتتە شىنجاڭدىكى مىڭئۆي بۇددىزىم تام رەسىملىرى ئىلھامىمنىڭ بۇلىقى ئىدى » . ئۇ ئۆزىنىڭ « ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى » دېگەن رەسىمىنى مىسال قىلىپ، رەسىمدىكى ئەر – ئايال ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئۆزگىچە ئۇسسۇل ئويناش شەكلىنىڭ قانداقتۇر ھادىسىدىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى تارىخى دۇنخۇاڭ تام رەسىملىرىدىن يۈز يىللارچە ئۇزۇن بولغان قىزىل مىڭئۆيى، قۇمتۇرا مىڭئۆيى، بېزەكلىك مىڭئۆيلىرىدىكى تام رەسىملىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى . قەدىمقى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىنى ھىندىستاندىن جوڭگۇغا ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ كىرگەن مىللەت . پەقەت كېيىنكى مەزگىللەردە مۇرەككەپ تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئېتىقاد يەڭگۈشلەپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . مىڭئۆي تام رەسىملىرى قەدىمقى ئۇيغۇرلار ياراتقان جۇڭخۇا مىللىي سەنئىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسى دەپ قارايدىكەن .

1956 – يىلى ۋە 1976 - يىلى ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىڭئۆيلەرگە ئىككى قېتىم بېرىپ، ئاي – ئايلاپ تام رەسىملىرىنى تەقلىد قىلىپ سىزىپ، تەتقىقات ئېلىپ باردى ۋە بۇ قىممەتلىك مىراسلارنى قوغدىدى . ئۇ : « ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىككى قېتىم مىڭئۆيلەرگە كىرىش، بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىم بۇ قىممەتلىك مىراسلارنى قوغداش قەلبىمدە ئۆچمەس تەسىراتلارنى قالدۇردى . مىڭئۆيلەردىكى بۇددىزىم رەسىملىرىدىن كەلگەن ئىلھام مېنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرىمگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، تام رەسىملىرىدىكى تەكشى بېرىلگەن رەڭلەر ۋە ئۇ ئوبرازلاردىكى خاسلىق مېنىڭ قەدىمكى رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىدىن ھازىرقى رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىنى يارىتىشىمغا تۈرتكە بولدى » دەيدۇ .

ئۇنىڭ توختىماي ئىجاد قىلىش روھى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەچچە مىڭ يىل ئۈزۈلۈپ قالغان شىنجاڭ تاشكېمىر رەسىملىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى . كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا « خاس ئۇسلۇبتا سىزدى رەسىم ھارماي – تالماي، ئويغاتتى ئۇيقۇدىكى ساھىبجامالنى » دەپ باھا بېرىشىنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار ئىدى . غازى ئەھمەدنىڭ رەسىملىرى ھەرگىزمۇ غەرب رەسساملىقىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، شۇنداقلا جوڭگۇ رەسساملىقىنڭ تەقلىدىي نۇسخىسىمۇ ئەمەس ئىدى . ئۇ غەرب ۋە جوڭگۇ رەسساملىقىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ، ئۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىپ، قويۇق غەربىي يۇرت پۇرىقىغا ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان « غازى ئەھمەدچە ئۇسلۇب » نى يارىتىپ، شىنجاڭ، ھەتتا جوڭگۇ رەسىم مۇنبىرىدىكى گىگانت چىنارغا ئايلاندى .

ئۇ ئېغىر – بېسىق ئىدى . ئۇ ئىستېتىزىم تەرەپدارى ئەمەس، شۇنداقلا شەكىل قوغلىشىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە مەيلى سەنئەت ۋاستىسى بولسۇن، ياكى ئۇسلۇب بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرمايتتى . ئۇ : « كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، سەنئەت بىر خىل ۋاستە، ھەرگىزمۇ مەقسەت ئەمەس . ئەسەر ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەش، تەسىرلەندۈرۈش، شۇنداقلا تەشۋىقات ئۈنۈمىگە يېتىش – مەقسەت . تار مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەش – مەقسەت . شەكىل – ۋاستە . ۋاستىنى مەقسەت قىلىۋېلىشقا، مەقسەتنى ۋاستە قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ . مۇنداقچە ئېيتقاندا، سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئەسەردىكى ئاساسىي ئىدىيىنى ئىپادىلەشكە پايدىلىق ۋاستىلارنى ئىشلىتىشى، ئەكسىچە ئاساسىي ئىدىيىنى ئىپادىلەشكە پايدىسىز ۋاستىلەردىن ۋاز كېچىشى كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بىز رەسىم سىزىش ئەسۋاپلىرىنىڭ خوجايىنى بولالايمىز، ئەكسىچە بولغاندا، ئەسۋاپلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالىمىز » دەيدۇ .

دۇرۇس، قەدىمقىلار « ئوغلان ئىشلىتەر قورالنى، قورال ئىشلىتەلمەس ئوغلاننى » دەپ بىكارغا ئېيتمىغان . شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر، ھېسسىياتقا باي مىللەت . ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپ ئۇچرايدىغان مەشرەپ، مۇقام سورۇنلىرى، ئېتىز قىرلىرىدا بىيىت ئوقۇشلار، ئوغلاق تارتىش، قايناق بازار، يىپەك يولى مەنزىرىلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كىشىلەر غازى ئەھمەدنىڭ قەلىمىدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن . ئۇسسۇل سورۇنلىرىدىكى قايناق ھېسسىيات، قىزغىن كەيپىيات ۋە جانلىق ئوبرازلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ سىزىلغان . بىر فىرانسىيىلىك ساياھەتچى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ : « رەسىمدىكى سازەندىلەر ۋە ئۇسسۇلچىلارنىڭ جۇشقۇن ھالىتى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ئەينەن سىزىلىپتۇ » دېگەن . يەنە بەزىلەر غازى ئەھمەدنىڭ ئەسەرلىرى كىشىگە روفېر سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان، گوللاندىيىلىك رەسسام فرانىس . خارس سىزغان « سىگان قىزى » ۋە « سازەندە » دېگەب ئەسەرلەرنى ئەسلىتىدۇ دېيىشمەكتە . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يارىتىلغان ئوبرازلار شۇ قەدەر جانلىق بولۇپ، ئىختىيارسىز ھالدا كىشىنىڭ ئۇلار بىلەن بىر مەيدان ئۇسسۇلغا چۈشكىسىنى كەلتۈرىدۇ . « ياۋروپا ۋاقىت گېزىت » قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى : « غازى ئەھمەدنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى فىرانسىيىلىكلەرنىڭ قاتتىق قىزىقىشىنى قوزغىدى . نۇرغۇنلىغان فىرانسىيىلىك دوستلار بۇ ئاز سانلىق مىللەت رەسسامىنىڭ ئەسەرلىرى بىزنىڭ ئۇنىڭ يۇرتىغا بولغان قىزىقىشىمىزنى قوزغىدى، بىز شىنجاڭغا ساياھەتكە بارماقچى » دەپ خەۋەر قىلغان .

ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسەرلەردە رەسسامنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئىپادىلەنگەن . خەلققە ۋە تاپىنى ئاستىدىكى بۇ زېمىنغا بولغان مۇھەببەت ۋە تارىخىي تەرەققىياتىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش، خۇددى بىر تال قىزىل يىپقا ئوخشاش ئۇنىڭ قان – قېنىغا سىڭىپ، روھىنى باغلاپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھى ۋە ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن . « جىنايى جازا »، « ھېساب ئېلىش »، « مۇقام » قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن . بۇ ئەسەرلەر، شۇنداقلا « ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز يۈرەك سۆزى »، « ھەر خىل سازلارغا نەزەر »، « مەشرەپ »، « نازىركوم »، « دولان روھى »، « تەڭرىتاغ بۇلبۇلى »، « مەھمۇد قەشقەرى » قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەڭگا – رەڭ، مول مەنىۋىي دۇنياسى يورۇتۇپ بېرىلگەن . مانا بۇلار رەسسامنىڭ خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە تارىخىي تەرققىيات جەريانىدىكى تەقدىرىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئۇنىڭ خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بەزى چاغلاردا ئۆزىنى كونتىرول قىلغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن . ئۇ « ساما » دېگەن ئەسىرىدە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئۆزىنىمۇ شۇ قايناق ئۇسسۇل توپى ئارىسىغا قوشۇۋەتكەن . بۇ قانداقتۇر بىردەملىك ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدىن بولماستىن، بەلكى خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ئوبرازلىق ۋە جانلىق سىزىپ چىققانلىقىدىن بولغان .

رەسسام لى كېرەن ئەپەندى « خەلق ئارىسىغا چۆكمىگەن رەسسام داڭلىق رەسسام بولالمايدۇ » دېگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە جوڭگۇ رەسساملىق مۇنبىرىدە تىك چوققىلارنى بويسۇندۇرغىدە جاسارەت بىلەن ئىجاد قىلىشتەك ياخشى ئەنئەنىمىز بار . بىر پارچە ئەسەرنى ياخشى سىزىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇنى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇ دائىم ئۇزۇن مۇددەت خەلق ئارىسىدا تۇرمۇش ئۈگىنەتتى . ئۇ « مۇقام » دېگەن ئەسىرىنى سىزىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم ئويلاندى، قۇم – بوران ھۇشقۇتۇپ تۇرغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت يازا – قىشلاقلىرىغىچە بېرىپ، نەچچە مىڭلىغان شەخسلەر ئوبرازىنى ئەستايىدىل كۈزەتتى . تەھلىل قىلىش، سېلىشتۇرۇش، تاللاش ئارقىلىق ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاخىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارىقاش ناھىيىسىدە بۇ ئەسەرنى يورۇقلۇققا چىقاردى . « مۇقام » دا 50 تىن ئارتۇق شەخسلەر ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ كىيگەن كىيىمى، چالغان سازى ۋە چىراي ئىپادىسى بىلەن ئومۇمىي ئەسەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆڭۈل قويۇپ سىزىپ چىقىلغان . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : « بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بەزى مىللەتلەرنىڭ چىراي – تۇرقى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، مېنىڭ ئەسەرلىرىمدىكى ئوبرازلارمۇ بىر – بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن . شەخسلەر ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە رەسىم بەئەينى بىر ئەدەبىي ئەسەرگە ئوخشايدۇ . ئۇ مۇبادا كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز بىرنەچچە ئوبرازنى ئەسلىتەلمىسە، ئۇنى قانداقمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان ئەسەر دېگىلى بولسۇن ؟ » . ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ ئەزەلدىن كونىلىققا ئېسىلىۋالمايتتى، قارىغۇلارچە مودىمۇ قوغلاشمايتتى . تېخنىكا، شەكىل جەھەتتە نەيرەڭۋازلىق ئىشلىتىلگەن، مەزمۇنى پۈچەك نەرسىلەر بىلەن ئەزەلدىن خوشى يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچكى ھېسسىياتقا باي، تارىخىي پۇرىقى كۈچلۈك قىلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن تۈجۈپىلەپ سىزىلاتتى . « ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى » ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە « غازى ئەھمەدنىڭ ئەسەرلىرىدىن كىشى ئۇيغۇر تارىخىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىنى ياراتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ » دەپ باھا بەرگىنى بىكار ئەمەس ئىدى . بىر پارچە ئەسەردىن ئاپتورنىڭ ئىستېداتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . بىر پارچە مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان ئەسەردە رەسسامنىڭ خىسلىتى چاقناپ تۇرىدۇ . خەلق ئارىسىدىن چىقىپ خەلق ئارىسىغا قايتىش، خەلقنى ئەسەرلىرىنىڭ باش تېمىسى قىلىش، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە غەربىي يۇرتنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرىدىكى سەنئەت گۈزەللىكىنى ئىپادىلەش – غازى ئەھمەدتىكى سەنئەت خىسلىتىدۇر، شۇنداقلا ئۇنىڭ سەنئەت قارىشىنىڭ جەۋھىرىدۇر . ئۇ جوڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىلغار، ئىلمىي، مىللىي، ئاممىباپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ ئۈلگە ياراتتى . شۇڭا ئۇنى « خەلق سەنئەتكارى » دەپ تەرىپلىسە ئازراقمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ .

ئۇ تىرىشچانلىق، ئىجادچانلىق روھىغا باي سەنئەتكار . 1999 – يىلدىن 2000 – يىلغىچە 100 دىن ئارتۇق ئەسەرنى سىزىپ پۈتتۈردى . چوڭ تىپتىكى ماي بوياق رەسىم « دولان روھى » مۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى . ۋاھالەنكى، ئۇ ئىجادىيەتتە ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق ۋە ئاچكۆزلۈك قىلماستىن، بەلكى قەدەممۇ – قەدەم بىر چوققىدىن يەنە بىر چوققىغا يامىشىپ ئىلگىرىلەپ، سەنئەت جەۋھەرلىرىنى دۇنياغا تەقدىم قىلدى . خۇددى قۇم بارخانلىرىنى كېزىۋاتقان تۆگىگە ئوخشاش جاسارەت بىلەن مەزمۇت قەدەم تاشلايتتى . ئۇىڭ « جىنايى جازا » ( 1964 – يىلى سىزىلغان ) دېگەن ئەسىرى جوڭگۇ گۈزەل – سەنئەت سارىيىغا ساقلاشقا قويۇلدى . « مەھمۇد قەشقەرى » ( 1981 – يىلى سىزىلغان ) مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رەسىم كۆرگەزمىسىدە بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشىپ، بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىغا ساقلاشقا قويۇلدى . « مۇقام » ( 1984 – يىلى سىزىلغان ) دېگەن ئەسىرى جوڭگۇ گۈزەل – سەنئەت سارىيىغا ساقلاشقا قويۇلدى . « گىلەم . ئۇيغۇرلار » ( 1987 – يىلى سىزىلغان ) ناملىق ئەسىرى ياپونىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ساقلاشقا قويۇلدى . « مۇزىكا ھەۋەسكارى » ( 1988 – يىلى سىزىلغان ) ناملىق ئەسىرى مەملىكەت بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، ياپونىيە جيەندەيتيەن كۇلۇبىغا ساقلاشقا قويۇلدى . جوڭگۇچە رەسىم « تەڭرىتاغ بۇلبۇلى » پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . يەنە بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى رەسىم ساھەسىنى زىلزىلىگە سالدى .

ئۇ ماي بوياق رەسىمى سىزىش ۋە جوڭگۇچە رەسىم سىزىشتىن باشقا يەنە تام رەسىملىرى، بېزەكچىلىك نەقىشلىرى، ئەنئەنىۋىي بىناكارلىق سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىمۇ تەتقىق قىلدى . ئۇ ئۇيغۇر، ئەرەب ھۆسىنخېتىگىمۇ ماھىر بولۇپ، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىمۇ خېلى مەشھۇر . ئۇ يەنە رەسىم سىزىش، بىناكارلىق، ھۆسىنخەت ۋە تارىخىي مەدەنىيەت جەھەتلەردىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن مۇھىم قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى .

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ شىنجاڭ مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ « باياناتچىسى » بولۇپ قالدى . 1992 – يىلى غازى ئەھمەد بېيجىڭ خەلق سارىيىدىكى شىنجاڭ زالىنى قايتا بېزەش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ، چوڭ تىپتىكى ئاسما تام رەسىمى « تەڭرىتاغقا مەدھىيە » نى لايىھىلىدى ۋە بۇ قۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلدى . 1997 – يىلى يۇقىرىنىڭ يوليورىقىغا ئاساسەن، ئاپتونۇم رايونىمىز شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا سوۋغا قىلغان چوڭ تىپتىكى ئاسما تام رەسىمى « تەڭرىتاغ ناۋاسى » نى لايىھىلەپ ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مەدھىيىسى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى نۇرغۇن مۇھىم سورۇنلاردا جۇلا قىلىپ تۇرغان تام رەسىملىرى ۋە ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قولىدىن چىققان . ئۇ شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغۇ – دەريالىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سىزىپ، كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ « شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك » كە تېخىمۇ تۈس قوشتى . ئۇ ئۆزىمۇ خۇددى رەسىملىرىدىكىدەكلا قويۇق شىنجاڭچە تۈسكە ئىگە بولۇپ قالدى . رەسساملىق ساھەسى ۋە رەسساملىق خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىسى ئۇنى كاتتا شان – شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلدى . ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى خىزمىتىدىن باشقا ئۇ يەنە 9 – قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولدى . 1998 – يىلى مەملىكەت دەرىجىلىك ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇتەخەسىس بولۇپ باھالاندى . 1991 – يىلىدىن باشلاپ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە نەتىجىلىرى ئۆزىنى ئەدەبىيات – سەنئەتكە بېغىشلاش روھى كەمچىل بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە .

« مەن جوڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىلىق »

ئۇ ئىلگىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن : » مەن سېپى ئۆزىدىن قەشقەرلىق ئۇيغۇر . شىنجاڭنىڭ تاغ – دەريالىرى مېنى بېقىپ چوڭ قىلدى، شىنجاڭ خەلقى مېنى بېقىپ تەربىيىلىدى . مەن بۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر تۈپ يۇلغۇن . مەن مىللىتىمنى سۆيىمەن، قەشقەرنى، شىنجاڭنى، شۇنداقلا ۋەتىنىمنىمۇ سۆيىمەن » دەيتتى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا باردى . ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ قازاقسىتان، ئۆزبېكسىتان، فىرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، تۈركىيە، بۇلغارىيە، ئىران، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ۋە ئىلىم ئالماشتۇردى، شۇنداقلا پارىژ، ئەنقەرە، ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى . « ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى »، « يۇلتۇزلۇق ئارال كۈندىلىك گېزىتى »، « ياۋروپا كۈندىلىك گېزىتى »، شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ « سەھەر گېزىتى »، « دەۋر گېزىتى »، « تۈركىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى » ھەم تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقا – ئارقىدىن خەۋەر ۋە ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردە كەينى – كەينىدىن جوڭگۇ، شۇنداقلا شىنجاڭ مەدەنىيىتى قىزغىنلىقىنى قوزغىدى .

دۇنيا تېنچ ئەمەس . مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا ئاز – تولا خاتالىقلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ . بىر قېتىم بىرەيلەن خاتالىشىپ ئۇنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى تەكلىپنامىسىگە قاملاشمىغان بىر گەپنى يېزىپ قويغاندا، ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا شىرەگە مۇشتلاپ تۇرۇپ : « ياق، مەن جوڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىلىق » دەپ، تەكلىپنامىنى ئۆزگەرتىپ يېزىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان . ئۇ مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا كەسكىنلىك بىلەن ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خۇددى تېرەن يىلتىزلىك، قويۇق يوپۇرماقلىق، قۇم – بوران ئالدىدا بەردەم تۇرغان توغراقلاردەك مەردانە روھىنى نامايەن قىلغان . سەمىمىي – سادىقلىق ۋە ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتنىڭ غورۇرىغا تاقىشىدىغان چوڭ ئىشتا ئۇ قىلچە ئارىسالدى بولمىغان . بۇ ئۇنىڭ ئادەم بولۇشتىكى پىرنىسىپى ئىدى . بىراق، تۇرمۇشتىكى ئۇ – دائىم ئۇنداق سۆرۈن تەلەت ئەمەس . ئۇ كىشىلەرگە قىزغىن، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ . خوشال چاغلىرىدا بولسا ئۈزۈلدۈرمەي چاقچاقلارنى قىلىدۇ . ئۇ رېئال تۇرمۇشتىكى « ھەقىقىي بىر ئىنسان » . ئوخشىمىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئوخشىمىغان ئوبيېكىت ۋە ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ . بەزىدە تىلىنى ئازراق ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس يۇمۇرىستىكلىكىنىمۇ نامايەن قىلىپ قويىدۇ . ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا بولسا دانالىق بىلەن بېجىرىپ « دولان روھى »، « ساما »، « مۇقام » قاتارلىق ئەسەرلىرىدىكى قىزغىنلىق، جۇشقۇنلۇق ۋە مەستخۇشلۇقتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ .

قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان ئۆيدە بىز چاي ئىچىشكەچ قىزغىن مۇڭدىشىپ كەتتۇق . مەن ئۇنىڭدىن :

– رەسىم سىزىش ۋە خىزمەتتىن بوشىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرامسىز ؟ – دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى .

– كىتاب ئوقۇيمەن . ئەمەلىيەتتە مەيلى « جىنايى جازا » بولسۇن ياكى « مۇقام » ناملىق ئەسىرىمدە بولسۇن، ئۇلاردا تەسۋىرلەنگەن ئەسلى كۆرۈنۈش تۇرمۇشتا مەۋجۇد ئەمەس . بۇنداق ئىشلارنى تۇرمۇشتا بار دېيىلگەندىمۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەنلىكىدەك ئۇنداق يىغىنچاق ئەمەس . ئۇلارنى ئىپادىلەش رەسسامنىڭ بىلىمى، ئىدىيىسى، رەسسامنىڭ جەمئىيەتكە، مىللىي تارىخىغا ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ . مەن كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن . كۆپرەك كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇغاندىن باشقا يەنە ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپىگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارغىمۇ بەك قىزىقىمەن ھەم شۇ تۈردىكى كىتابلارنى بەكرەك ئوقۇيمەن . روسىيە يازغۇچىلىرىدىن لېۋ . تولسىتوي، تۇرگىنېف، لېرمونتوف، شولوخوف، چېخوف ۋە جوڭگۇ يازغۇچىلىرىدىن لۇشۈن، ماۋدۇن، ئەلشىر نەۋائىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئوقۇغانمەن . ئاپتونۇم رايونىمىزدىن ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ماقالىلىرىنى كۆپ ئوقۇيمەن . سەنئەت تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، رەسىمنى رەسىم سىزىش ئۈچۈنلا سىزماسلىق كېرەك . كۆپ ئويلىنىش، تىپىكلەشتۈرۈش، چۈشىنىش كېرەك . يالغۇز رەسىم سىزىش تېخنىكىسى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ . بىر پارچە مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان رەسىمنى رەسسامنىڭ بىلىمى، تونۇش قابىلىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ئۇ رەسسامنىڭ بىلىمى، تونۇش قابىلىيىتىنىڭ ئەسەردە ئەكىس ئېتىشىدۇر خالاس .

– رەسساملىق ھايات مۇساپىڭىزدە سىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، شۇنداقلا سىز ئەڭ نېگىزلىك دەپ قارىغان پىرنىسىپ قايسى ؟

– رەسسام بولماقچى بولسىڭىز شەرتسىز ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىڭىز كېرەك . بۇ مۇقەررەر ھەقىقەت . تولداش ماۋزېدوڭ بۇ ھەقتە ماقالىمۇ يازغان . ھازىر بەزى كىشىلەر ‹ بۇ توغرا ئەمەس › دەپ قاراۋاتىدۇ . دۇنيادىكى نۇرغۇن سەنئەتكارلارنىڭ كاتتا ئەسەرلىرى تۇرمۇشتىن كەلگەن . روبىن « ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر » دېگەن ئەسىرىنى سىزغاندا، دەسلەپكى نۇسخىسىدىن رازى بولماي ئۇنى يىرتىپ تاشلىغان . كېيىن ئۇ ۋولگا دەرياسىغا بېرىپ، شۇ يەرلىك بىر كېمىچى بىلەن ئۈچ ئايدىن ئارتۇق بىرگە تۇرۇپ ئاخىر « « ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر » ناملىق ئەسىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سىزىپ چىققان .

ئۇ شۇلارنى دەۋاتقاچ « ئاماننىساخان » ناملىق ئەسىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى :

– شەكلى ئۆزگەرگەن ئابىستراكىت نەرسىلەرمۇ سەنئەت . بۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ . بۇ ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئابىستراكىت رەڭلەر بىلەن تولغان . چىنلىقنى سىزىشتىمۇ ئابىستىراكت نەرسىلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ . ئاق – قارا، ياخشى – ياماننى سېلىشتۇرۇشمۇ ئابىستراكىتلىق ھېسابلىنىدۇ . ئۇ رەسساملىقتا كۆپ ئۇچرايدۇ . ئابىستراكىت نەرسىلەرمۇ تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا ئەسلى تۇرمۇشتىن كەلگەن . ئىجادىيەتتە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، تۇرمۇشقا چۆكۈش ئارقىلىق ئۇنى ھەل قىلىش كېرەك . تۇرمۇشقا چۆكەندىلا ئەسەر ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ . بەزى ئەسەرلەردىكى ھاياتىي كۈچنىڭ كەملىكىنىڭ سەۋەبى دەل ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىن يىراقلاشقانلىقىدا .

ئۇ ماڭا بىر ھازا قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى :

– يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان پارتىيىمىز ئەدەبىيات – سەنئەتكە بولغان سىياسەتنى كەڭ قويىۋەتتى . سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ ھۆرمەتلەيدىغان بولدى . سەنئەتنىڭ خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، سەنئەتنىڭ خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى . سەنئەت نەزەرىيىسى جەھەتتە ئوخشىمىغان كۆزقاراش ۋە ئېقىملارنىڭ ئەركىن مۇنازىرىلىشىش، ھەر خىل ئېقىمدىكىلەر بەس – بەستە سايراشنى تەشەببۇس قىلىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز ئىستىداتىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن كەڭ سورۇن ھازىرلاپ بەردى . يېقىندا يەنە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش تەشەببۇس قىلىندى . بۇ – بىر ئۇلۇغ كۆز قاراش . بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ بۇنداق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە تىرىشىپ ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشى بىرقالتىس ئىش . ھازىر سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى، شۇڭا سەنئەتكارلار كۆپرەك تىرىشىشى كېرەك .

– ئۇزۇندىن بۇيان سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىسىز ھەم رەھبەرلىك خىزمىتىنىمۇ ئۆتەۋاتىسىز . سەنئەت جەھەتتە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىڭىزگە گەپ كەتمەيدۇ . مەمۇرىي خىزمەتلەردىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ياخشى ئارتقۇرۇپ كېلىۋاتىسىز . سىز قانداق قىلىپ مەمۇرىي خىزمەتلەرنىمۇ ياخشى ئىشلىيەلىدىڭىز ؟

– بۇ مەسئۇلىيەتچانلىقتىن، سالمىقى ئېغىر بولغان بىر خىل مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك . ئۇندىن قالسا ئەتراپىمدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى ياخشى بىر تەرەپ قىلدىم . بىر ئادەم ھەرقانچە قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىر ئادەم، خالاس . شۇجىغا ئىشىنىشىمىز، سېپىمىزدىكى باشقا يولداشلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، كىشىلەرگە سەمىمىي، ئىللىق مۇئامىلە قىلىشىمىز، تىلىمىز بىلەن دىلىمىز بىردەك بولۇشى لازىم .

– ئادەم بولۇشتا سىز نېمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايسىز ؟

– ئەخلاق – پەزىلەتنى . بىر كىشى ھايات ياشاۋاتقان بولسۇن ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن، پەزىلەت جەھەتتە چوقۇم كىشىلەرگە ياخشى تەسىرات قالدۇرۇشى كېرەك . بۇ ناھايىتى قىممەتلىك . ياۋاش، سەمىمىي ئادەم بولۇش، رەسساملىق ئىستىلى بىلەن ئادىمىيلىك ئىستىلى بىردەك بولۇش كېرەك . ئەسەرنىڭ تۆھپىسى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ، رەسساملىق ئەخلاقى ياخشى بولمىسا، ئەسىرىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدۇ . ئادەم ئەركىن – ئازادە ياشىمىقى كېرەك . باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەندە ئادەم ئۆزىمۇ خوشال – خورام ياشىيالمايدۇ . بەزىلەر بۇ دۇنيادا بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆزىنىلا ئويلايدۇ – يۇ، باشقىلارنى ئازراقمۇ ئويلاپ قويمايدۇ . ھەتتا ھەرقانچە يولدىن چىققان ئىش بولسىمۇ قىلىشتىن باش تارتمايدۇ . سىز دەپ بېقىڭچۇ، بۇنداق ئادەم خوشال – خورام ياشىيالامدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئادەملەر ئازاب ئىچىدە ياشايدۇ .

– سىز مۇھەببەتكە، ئائىلىگە قانداق قارايسىز ؟

ئۇ كۈلۈپ كەتتى، كېيىن ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق دېدى :

– گۈزەللىكنى سۆيۈش – كىشىنىڭ تەبىئىتى . گۈزەللىكنى سۆيمەيمەن دېيىش – ساختىلىق . مەنمۇ گۈزەللىكنى سۆيىمەن . رەسسام بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېخىمۇ سۆيىمەن . بىراق مېنىڭ بىر ئۆمۈر كەسپىمنى قوللايدىغان خانىمىم بار . بىز ياش ۋاقتىمىزدىلا توي قىلغان . مەن خانىمىمغا، ئائىلىمىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلسام بولمايدۇ . مۇھەببەت، ئائىلە – مەسئۇلىيەت بىلەن باغلىنىشلىق . مەسئۇلىيىتىنى يوقاتقان مۇھەببەت ئالىيجاناب مۇھەببەت ئەمەس .

– سىزنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نېمە ؟

– ۋاقىت . ۋاقىت ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ، ئۆتۈپ كەتكىنى قايتىپ كەلمەيدۇ . مەيلى قانداق ئۇلۇغ ئەرباپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىر بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ . كىشىلىك ھايات چەكلىك . بۇ نۇقتىنى بالدۇرراق ھېس قىلىپ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي، ئۇنى چىڭ تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم . ھازىر زامان ئوخشىمايدۇ، كىشىلەرنىڭ زېھىن قۇۋۋىتىمۇ ئوخشىمايدۇ . ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزۈم قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىپ تۈگىتىش ئەڭ خوشاللىنارلىق ئىش .

ھەر ئىككىمىز ئورنىمىزدىن تۇردۇق . ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن يىراقلارغا قارىغىنىمىزدا، ھەيۋەتلىك بوغدا چوققىسى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى . ئەتىيازنىڭ ئىللىق ئاپتىپىدا كۆپكۆك ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلار خۇددى تاغ ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەندەك، يىراقتىن قارىغاندا شۇنداق چىن، شۇنداق پاك كۆرۈنەتتى . ئۇ ئۆز قوينىدا تالاي ھاياتلىق مۆجىزىلىرىنى ۋە ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىلەرنى بېقىپ ئۆستۈرگەن ئىدى . تەڭرىتاغ ئالدىدا تۇرۇپ، يىللار رەسسامنىڭ ئۆچمەس يالدامىلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن جەسۇر چېھرىگە قاىغىنىمدا، ئوي – خىياللىرىم يىراق – يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى . . .

ئەسكەرتىش:

※ خەنزۇچە « غەربىي قىسىم » ژورنىلىنىڭ 2002 – يىللىق 10 – سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .

ماۋزۇسى تەرجىمان تەرىپىدىن قويۇلدى