غەيرەت ئاسىم

ئورنى Wikipedia

غەيرەت ئاسىم، 1958-يىلى خوتەن كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. تولۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئىگە. ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ، «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسى، ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق تەشۋىقات بۆلۈمى، كۇيتۇن شەھەرلىك پارتىكوم قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

  غەيرەت ئاسىم ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا 1979-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە ئۈچ پوۋېستلار توپلىمى، ئىككى ھېكايىلار توپلىمى ۋە «يىغلىما دوست»، «ئاخىرقى ئاقسۆئەك»، «يات كۆلەڭگىلەر»، «خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر»، «گۈللالە»قاتارلىق سەككىز رومانى نەشر قىلىنغان. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق «بەش بىر قۇرۇلۇش» مۇكاپاتى ۋە باشقا مەملىكەتلىك تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.