فارابى

ئورنى Wikipedia

قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان.

مۇھەممەد ئەبۇ ناسىر فارابى

فارابىنىڭ ھاياتى:

فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز». فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئارىستوتىل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دىيىلدى. فارابى دىگەن بۇ نام ئۇنىڭ يۇرتى فارابدىن كەلگەن بولوپ، بۇ ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر يەر ئىدى. بەزىلەر فارابى سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋاسىچ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋاسىچ كەنتى تەۋە بولغان فاراب ۋىلايىتى دىيىشكە مايىل. فاراب نامىدا باشقا شەھەرلەرمۇ بار. بىرى تۈركىستاندا. يەنە بىرى پىرسىيەدە.ئىبن خەللىكان ۋە بەزى تارىخچىلار فارابى تۈركىستاننىڭ فاراب شەھرىدە تۇغۇلغان دەيدۇ. ئىبنى نادىم ئۆزىنىڭ فارابى ئالەمدىن ئۆتۈپ 38 يىلدىن كېيىن يازغان «كىتابلار مەجمۇئەسى» دە: فارابىنىڭ يۇرتى پىرسىيەنىڭ فاراب شەھىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى پارىس، ئانىسى تۈرك. دەيدۇ. فارابى 870-يىلى تۇغۇلۇپ، 950-يىلى ۋاپات بولغان.

فارابى ئۆز يۇرتىدا ماتىماتىكا، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى ھەم پارس تىلى، گرىك تىلى، ئەرەپ تىلىنى ئۈگەنگەن. ھىجىرىيە 310-يىلى ئىراققا كەلگەن ۋە بۇ يەردە پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت، ماتىماتىكا، مۇزىكا ھەم ئەرەپ تىلى قاتارلىق مۇھىم تىللارنى ئۈگەنگەن. نۇرغۇن تارىخچىلار فارابىنى 70 خىل تىل بىلەتتى دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ گەرچە سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولسىمۇ، فارابى ئۆز دەۋرىدە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كۆپ قىسىم ئەدەبىي تىللارنى ئۈگەنگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى، پارس تىلى ۋە ئالىملار، ھۈنەرۋەنلەر تىلى بولغان گرىك تىلىغا بەك پىششىق ئىدى. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنى بىلىشىمۇ مۇشۇ تىلدا شېئىر يازالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى پەيلاسوپلسر ۋە ماتىماتىكلارنىڭ ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلاردۇر.

فارابى ھىجىرىيە 330-يىلى ئىراقتىن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردە پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە ھەمەدانى بىلەن ئۇچراشقان. پادىشاھ فارابىنىڭ ئىستىداتىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلغان. فارابى بۇ يەردە ئوقۇتۇش ۋە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەخمىنەن ھىجىرىيە 338-يىلى ئەتراپىدا بىر قىتىم مىسىرغىمۇ بېرىپ كەلگەن. زور كۆپچىلىك تارىخچىلار: فارابى ھىجىرىيە 339-يىلى دەمەشىقتە ئالەمدىن ئۆتتى دەپ قارايدۇ. پادىشاھ سەيفۇل دەۋلە ئون بەش نەپەر ئەلەمدار ھەم قەلەمدارلىرىنى باشلاپ، فارابىنىڭ نامىزىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «كىچىك دەرۋازا» سىرتىغا دەپنە قىلغان. فارابىنىڭ تاللىۋالغىنى تەركىيدۇنيا، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش ئىدى.ئۇ توي قىلمىغان بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگول ئۆتكەن ئىدى. ھەر كۈنى پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە خەزىنىسىدىن خىراجىتىگە پەقەت تۆت دەرھەم ئېلىشقىلا ئۇنايتى. فارابى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يالغۇزلۇقنى ياقتۇراتتى.

فارابىنىڭ زور بىر قىسىم تىرىشچانلىقى پەلسەپە تەتقىقاتىغا قارىتىلغان. بولۇپمۇ گرىك پەلسەپىسىدىكى ئارىستوتىل پەلسەپىسىنى ۋە ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئۇ ناھايىتى كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلغان ئىدى. ئىبن خەللىكاننىڭ يازغىنىغا كۆرە، فارابى ئارىستوتىلنىڭ «روھ ھەققىدە» دىگەن كىتابىنىڭ ئۈستىگە ئۆز قەلىمى بىلەن، «بۇ كىتابنى يۈز قىتىم ئوقۇدۇم» دەپ يېزىپ قويغان. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، فارابى يەنە: «پەيلاسوپ ئارىستوتىلنىڭ ‹فىزىكا› ناملىق كىتابىنى مەن قىرىق قىتىم ئوقۇدۇم، بىراق يەنە چوقۇم ئوقۇشۇم كىرەكتەك ھىس قىلىمەن» دىگەنمىش.

فارابىنىڭ ئەرەب ئىلىم-پېنىگە قوشقان تۆھپىسى:

فارابى - ئەرەب دۇنياسى پەلسەپە تەتقىتاتىنىڭ ھەقىقىي پىشىۋاسى. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى دەپ ئاتايدىغان ئىلىم ئىگىسى دەل مۇشۇ ئادەم. ئۇنىڭدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەرەب پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسى ئىچىدە ئۇنى چىقىش نۇقتا قىلمىغان ئىدىيە يوق دىيەرلىك. فارابى - پەلسەپە تارىخى ۋە ھەر قايسى مەزھەپ مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ئادەم. ئۇ يەنە ئەپلاتۇن بىلەن ئارىستوتىل ئارىسىدىكى ئوخشاشمىغان قاراشلارنى مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە كۈچىگەن. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەرگىز پەلسەپە ساھەسىدىكى ئورنىدىن تۆۋەن ئەمەس. مۇزىكا ئىلمى جەھەتتە، فارابى ئۆز دەۋرىنىڭ تالانت ئىگىسى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ «مۇزىكا دەستۇرى» دىگەن مەشھۇر بىر ئەسىرى بار. ئىبن خەللىكان ئۇنى «قالۇن» دىگەن چالغۇنىڭ ئىجادچىسى دەپ ھىساپلايدۇ.

فارابى ئەسەرلىرى.

فارابى ئەسەرلىرىدىن 40 پارچىسىلا بىزگە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ 32 پارچىسى ئەسلى نۇسخا، 6 پارچىسى ئىبرايچە تەرجىمە، 2 پارچىسى لاتىن تىلىدىكى تەرجىمە. «پەن تەرتىپى»

بۇ ئەسەر فارابىنىڭ قىممەتلىك ئەسىرى. مەزكۇر ئەسەر 1931-يىلى قاھىرەدە تۇنجى قىتىم نەشردىن چىقىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى. مەزكۇر ئەسەردە فارابى ئىلىمنى بەش رەتكە ئايرىپ، سەككىز تۈركۈم بويىچە تەتقىق قىلىدۇ. فارابى بىرىنچى رەتكە تىلشۇناسلىقنى قويۇپ، ئۇنى يەتتە تارماققا ئايرىيدۇ:

(1) تاق سۆز ھەققىدىكى ئىلى.

(2) بىرىككەن سۆز ھەققىدىكى ئىلىم.

(3) تاق سۆز گىرامماتىكا قائىدىسى ئىلمى.

(4) بىرىككەن سۆز گىرامماتىكىسى.

(5) توغرا يېزىش قائىدىسى ئىلمى.

(6) توغرا ئوقۇش قائىدىسى ئىلمى.

(7) شېئىر قائىدىلىرى ئىلمى.

ئىككىنچى رەتكە لوگىكىنى قويۇپ، لوگىكىنىڭ ئەھمىيىتى، ئورنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تەقەززالىقنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۈچىنچى رەتكە ماتىماتىكىنى قويۇپ، ئۇنى بەشكە تارماقلايدۇ:

(1) ئارفمىتىكا.

(2) گىئومىتىرىيە.

(3) ئاسترونومىيە.

(4) مۇزىكا.

(5) دىنامىكا.

تۆتىنچى رەتكە فىزىكا بىلەن مىتافىزىكىنى (ئىلاھىيەتنى) قويىدۇ. بەشىنچى رەتكە ئەخلاق ۋە سىياسىينى تۆتكە تارماقلايدۇ:

(1) مەىپەت.

(2) فىقىھ.

(3) كالامىيەت.

(4) تەۋھىد.

مەزكۇر كىتابتا ئىپادىلەنگەن فارابى ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوچۇق ھەم ئېنىق ۋە يۈكسەك بولۇپ، باشقا ئەسەرلىرىدەك مۇرەككەپ چۈشىنىكسىز ئەمەس. فارابى تۆھپىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بۇ كىتابىنى كىيىنكىلەر يېزىقچىلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلغانلىقىدا. مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە ھەكىم ئىبنىسىنامۇ ئۆزىنىڭ «ئەششىفا» دىگەن كىتابىنى فارابىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان. ئىبنىسىنا فارابىنى ئۆز ئۇستازى قاتارىدا كۆرگەن بولۇپ، ئىبنىسىنادىن فارابى پەلسەپىسىنىڭ ۋارىسلىرىغا خاس خىسلەتنى كۆرگىلى بولىدۇ.

فارابىدىن ئىبارەت بۇ پەيلاسوپنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ۋە ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغانلارغا ئىبنىسىنادەك ھاكاۋۇر، چوڭچى، ھەتتا ئەپلاتۇننىڭ پەلسەپىسىنىمۇ ئانچىلا ۋاي دەپ كىتىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ باھا بەرگەن ئادەمنىڭ فارابىنىڭ ئالدىدىكى كەمتەرلىكىنى ئىشارە قىلىشلا كۇپايە. ئىبنىسىنا مۇنداق ئىتىراپ قىلغان: «مەن ئارىستوتىلنىڭ ‹مىتافىزىكا› سىنى قىرىق قىتىم ئوقۇپ ئازراقمۇ ھەزىم قىلالمىدىم. پەقەت فارابىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شەرھىي ئەسىرى قولۇمغا چىقىشى بىلەن زېھنىم كەڭ ئېچىلىپ كەتتى».

«ئىككى پەيلاسوپنىڭ قاراشلىرىغا مۇرەسسە»

بۇ ئەسەر ناھايىتى يۇقۇرى تارىخىي قىممەتكە ئىگە. بۇ ئەسەردە فارابى ئەپلاتون بىلەن ئارىستوتىل ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ.

«ئېسىلبالىق (پەزىلەتلىك شەھەر) ئاھالىسى توغرىسىدىكى قاراشلار»

بۇ كىتاب فارابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.بۇ كىتابتىن بىز فارابىنىڭ پىكىر دۇردانىلىرىنى ۋە پەلسەپەۋى ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرىنى كۆرەلەيمىز. كىمكى فارابى قاراشلىرىنى بىلمەكچى بولسا، پەقەت مۇشۇ كىتابنى ئوبدان ئوقۇپ كۆرسە بولىدۇ. بۇ كىتاب 37 باب بولۇپ، پەلسەپە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن.

(مەنبە: داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلغان، مۇسا مۇساۋى(ئىراق) يازغان «ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» 6-باب.