فاشىسىت

ئورنى Wikipedia

«فاشىسىت»دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى

«فاشىسىت»دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر تەبىئىي ھالدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باش جىنايەتچىسى گېرمانىيە ناتىسىتلىرىنى ئويلايدۇ؟بىراق نۇرغۇن كىشىلەر «فاشىسىت» دېگەن نامنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىغى ،نېمە مەنانى بىلدۈرۈدىغانلىغىنى بىلمەسلىكى مۈمكىن.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە رىملىقلار پادىشاھ تاكىۋېننى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن رىمدا پادىشاھلىق تۈزۇمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ،ئۇلار خەلق ئىچىدىن ئىككى ئادەمنى دۆلەت باشلىقلىقىغا سايلاپ ،ئۇلارنى ھەربىي ۋە مەمۇرى باشلىق دەپ ئاتاشقا باشلىغان ،كېيىن ئۇلار ھاكىمىيەت يۇرگۈزگۇچى باشلىق دەپ ئاتالغان. ھەر بىر ھاكىمىيەت يۇرگۇزگۇچى ئەمەلدارنىڭ 12مۇھاپىزەتچىسى بولغان .بۇ مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ دولىسىدا ئاددەم ئۇرۇدىغان جازا كالتىكى بولۇپ ،كالتەكنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر پالتا قىستۇرۇلغان .بۇ ئەينى ۋاقىتتا ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولۇپ ،دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان، بۇ ھوقۇق بەلگىسى لاتىنچە «فاشىسىت» دەپ ئاتالغان .ئەگەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۇچى باشلىق مەلۇم ئادەمنى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ قارىسا ،كەسكىن ھالدا«فاشىسىت» بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار دەپ بۇيرۇق قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر جازا كالتىكى بىلەن جىنايەتچىنى ئۇرۇپ تىتما-تىتما قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنى يۇكۇندۇرۇپ،پالتىنى ئېلىپ خەلقى ئالەم ئالدىدا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالغان .تۇنجى نۆۋەتلىك ھاكىمىيەت يۇرگۇزگۇچى ئەمەلدار لوجى« فاشىسىت» ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۇرگەن .

20ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ ھوقۇق بەلگىسىنى بەلگە قىلىىپ دۆلەت ئىچىگە قارىتا تىرورلۇق ھۆكىمىرانلىقنى ،سىرتقا قارىتا قوراللىق تاجاۋۇزچىلىق ۋە مىللى زۇلۇم يۇرگۇزگەن، ئۇچىغا چىققان ئەكسىيەتچىل پارتىيە ۋە ھاكىمىيەتلەرمۇ فاشىسىت دەپ ئاتالغان.