فىزىكا

ئورنى Wikipedia

فىزىكا دېگەن نىمە؟[تەھرىرلەش]

قۇياش نېمە ئۈچۈن ھامان شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربتە ئولتۇرىدۇ؟ چاقماق چېقىش قانداق ھاسىل بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يازدا يامغۇر، قىشتا قار ياغىدۇ؟ رادىئولۇق ئۈنئالغۇ نېمە ئۈچۈن ناخشا ياڭرىتالايدۇ؟ كىيىم ئىشكاپىدىكى نافتالىن كۇمىلىچى نەگە كەتتى؟ ئېلېكتر نەدىن كېلىدۇ؟ ھەسەن - ھۈسەن نېمىدىن ئىبارەت؟ ...

بۇ مەسىلىلەردىكى كۈچ ھادىسىسى، سوغۇق - ئىسسىقلىق ھادىسىسى، ئېلېكترو ماگنىت ھادىسىسى ۋە يورۇقلۇق ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسى ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. فىزىكا ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن بولۇپ، ئۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر پايدىلىنىدىغان ئېلېكتر لامپىسى، تېلېفون، رادىئو قوبۇللىغۇچ، تېلېۋىزور، شۇنداقلا يول يۈرۈشتە ئولتۇرىدىغان ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوت ۋە ئايروپىلان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى فىزىكا پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ياسالغان. نۆۋەتتىكى ئىلغار پەن - تېخنىكىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئاتوم بومبىسى، ھىدروگېن بومبىسى، راكېتا، يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى ۋە ئالەم كېمىسىمۇ فىزىكا تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

فىزىكىنى ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى نېمە؟[تەھرىرلەش]

فىزىكا ئۆگەنگەندە، ھەر خىل فىزىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىۋېلىپ، ھەر خىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە قىزىقىشىنى، تەپەككۇرىنى، ئەقلىي كۈچىنى ئېچىپ، ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

فىزىكا قانداق پەن؟[تەھرىرلەش]

فىزىكا تەبئىي پەننىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، ئاساسلىقى ماددا ، ئېنېرگىيە ، بوشلۇق ، ۋاقىت قاتارلىقلارنى ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ، ئۆز-ئاراتەسىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ . فىزىكا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى بىلىم ؛ تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، فىزىكا تەبىئەتتە يۈزبەرگەن ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى قانۇنىيەتنى بايقايدۇ . فىزىكا ئەڭ قەدىمكى پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە خىمىيە ، ئاسترونومىيە قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تەبىئەت پەلسەپىسى دەپ ئاتالغان ، ⅩⅦئەسىردىكى ئىلىم-پەن ئىنقىلابىدىن كېيىن فىزىكا ئاندىن بىر مۇستەقىل پەنگە ئايلانغان .

نىيوتۇن