قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى
قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى | |
ئۈرۈمچى شەھىرى | |
ئومۇمىي ئەھۋال | |
باشقۇرغۇچى | يەرلىك ھۆكۈمەت |
تىپى | يىغىۋېلىش لاگېرى، ئۆزگەرتىش لاگېرى |
قۇرۇلۇش | |
ئېچىلغان | 2014-يىلى |
كېڭەيتىلگەن | 2016-يىلى |
قايتا تەربىيەلەش لاگىرى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Qayta Terbiyelesh Lagéri) بولسا شەرقىي تۈركىستاندا 2014-يىلى ئېچىلغان ۋە 2016-يىلى ئەسلىدىكى تىبەت پارتىيە سېكرىتارى چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىن زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدۇر. يەرلىك ھۆكۈمەت ھازىر نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى[1] ۋە نۇرغۇنلىغان خەلقئارا مەتبۇئاتلىرى بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندەك ئادەملەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.[2][3]
ئارقا كۆرۈنىشى
[تەھرىرلەش]شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار 2014-يىلى ئېچىلغان ۋە 2016-يىلى ئەسلىدىكى تىبەت پارتىيە سېكرىتارى چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىن زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدۇر. چېن چۈەنگو سېكرىتار بولغاندىن كېيىن مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ساقچىلارنى قوبۇل قىلدى، ھەر قايسى شەھەر ناھىيەلەرگە 7300 ئەتراپىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى تەسىس قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننى ھەقىقى بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. دەسلىپىدە ياۋا ئاخۇن ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىددىيەدىىكىلەرنى سولاپ تەربىيەلىدى، بارا-بارا تەربىيەلىنىش ئوبىكىتلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە نەچچە يۈز مىڭلىغان ھەتتا مىليونلىغان ئىنسانلار لاگېرلاردا ياتماقتا.
لاگېر ۋە تۇتقۇنلارنىڭ سانى
[تەھرىرلەش]سېكرېتار پەزىلەت بەكرى خىزمىتىدىكى پاسسىپلىقى سەۋەبىدىن «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. قەشقەر شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ سابىق خىزمەتچى خادىمى، ياۋاغ كوچا باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى پەزىلەت بەكرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى «يېپىق تەربىيە» ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ئىدىيەسىدە سىياسىي مەسىلە بار» دەپ قارىلىپ، ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە «يېپىق تەربىيە لاگېرى» غا تەربىيىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يۇقىرىقى ئۇچۇرلار قىسمەن دەلىللەندى.
كۇچار ناھىيىسى خانىقاتام ساقچى خادىمى: «يېزىمىزدىن 5 مىڭچە كىشى لاگېردا، تېخى بىرسىمۇ قويۇپ بېرىلمىدى». مۇخبىرىمىزنىڭ لاگېرلار ھەققىدە كۇچا ناھىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كۇچانىڭ خانىقاتام يېزىلىق ساقچى خادىمى بۇ يېزىدا يىغىۋېلىشقا ئادەم ئاپىرىشنىڭ بىر ئايدىن بېرى توختىغانلىقى، ئەمما لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن 5 مىڭچە كىشىدىن تېخى بىرسىنىڭمۇ قويۇۋېتىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مۇئامىلە
[تەھرىرلەش]قايتا تەربىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرى |
ناخشا ئېيتىش، تارىخ ئۆگۈنۈش. زورلاپ ھاراق ئىچكۈزۈش، چوشقا گۆشى يىگۈزۈش.
خەلقئارادىكى ئەيىبلەش
[تەھرىرلەش]خىتاينىڭ ئىنكاسى
[تەھرىرلەش]مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلانمىلار
[تەھرىرلەش]مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]لاگېر شاھىتلىرى تىزىملىكى | |||||||||
|