قايرۇۋان قەدىمىي شەھىرى

ئورنى Wikipedia

مىلادى 670 – يىلى، ئەرەب ئومەييە خاندانلىقىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئۇقبە ئىبنى نانايى بۈگۈنكى تۇنىسنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ھەربىي لاگېر قۇرۇپ ، بۇ يەرنى غەربكە قارىتىلغان جازا يۈرۈشىنىڭ تايانچ بازىسى قىلغان ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شەكىللەنگەن قايرۇۋان شەھىرى تەدرىجىي شىمالىي ئافرىقىنى ئىستىلا قىلىش ۋە بۇ جايدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش مەركىزىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ، بۇ يەرگە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئۇقبە مەسچىتى سېلىنغان ، كېيىن بۇ مەسچىت قايتا رېمونت قىلىنغان ھەم كېڭەيتىپ ياسالغان، مەسىلەن: 870 – يىلى ئەغلەب خانلىقىنىڭ سۇلتانى مەسچىتنى كېڭەيتىپ سالدۇرغان ھەم ئۇنىڭغا تۆت مېتىر ئېگىزلىكتە قورۇق تام ياساتقان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت ئورنىغا چىققان ئىبراھىمⅡ مەسچىتنى يەنە كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلدۇرغان. 10 – ئەسىردىن كېيىن فاتىمە خاندانلىقى، مۇۋەھھىد خاندانلىقى، ھەفس خاندانلىقى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قايرۇۋان شەھىرىگە ھۆكۈمران بولسىمۇ، شەھەرنىڭ مۇھىم ئورنى ئۆزگەرمىگەن، ئۇ مەككە، مەدىنە، يېرۇسالېمدىن قالسىلا ئىسلام دىنىنىڭ 4 – مۇقەددەس جايىغا ئايلانغان، شۇنداقلا شىمالىي ئافرىقىنىڭ سىياسىي، دىن، سودا ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. كېيىن قايرۇۋان شەھىرىنى ئوسمان ئىمپېرىيىسى قوشۇنى ئىشغال قىلغان، بىر مەزگىل فرانسىيىمۇ بۇ شەھەرنى ئۆز ھامىيلىقىغا ئالغان، 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىغا كەلگەندىلا بۇ شەھەر تۇنىسنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەن. 1000 يىللىق بوران – چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرگەن قايرۇۋان قەدىمىي شەھىرىنىڭ قىياپىتى ھېلىمۇ ئەسلى پېتى ساقلانماقتا، ئۇقبە مەسچىتى ھېلىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ھازىرغىچە ئۇنى مۇسۇلمانلار مۇقەددەس جاي دەپ بىلىدۇ. قايرۇۋان شەھىرى 1988 – يىلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

بۇ شەھەردىكى مەشھۇر ئۇقبە چوڭ مەسچىتنىڭ تېمى ئۇلىدىن مەسچىت مۇنارىنىڭ چوققىسىغىچە ئاچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭ تېمى پۈتۈنلەي ئوخشاش تاش ماتېرىيالىدىن قوپۇرۇلغان ئىكەن. مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 130 مېتىر، كەڭلىكى 80 مېتىر كېلىدىغان ھويلىسى بار ئىكەن. مەسچىتنىڭ ئەگمە شەكىللىك دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، تۆت ئەتراپىنى پېشايۋان ئوراپ تۇرغان ھويلىسى، مەسچىت زالى ۋە پېشايۋانلارنىڭ ئەگمە تورۇسىنى تىرەپ تۇرغان قاتار – قاتار تاش تۈۋرۈكلەر ئايان بولۇپ، بەكمۇ ھەيۋەت كۆرۈنىدىكەن. مەسچىت زالىدا 3000 ئادەم، مەسچىت ئايۋىنى ۋە ھويلىسىدا 5000 ئادەم ناماز ئوقۇيالايدىكەن. مەسچىت زالى بىلەن ئەزان چاقىرىدىغان مۇنارنى مەسچىت ھويلىسى ئايرىپ تۇرىدىكەن.

مەسچىت ھويلىسىغا پۈتۈنلەي مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، تاشلار ھويلا مەركىزىگە قارىتىپ يانتۇ ياتقۇزۇلغاچقا، يامغۇر سۈيى ھويلا مەركىزىدىكى ئېرىقچە ئارقىلىق يەر ئاستى سۇ كۆلچىكىگە يىغىلىدىكەن. بۇ، سۇ كەمچىل رايوننى سۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەت ئالىدىغان سۇ مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىدىكەن.

مەسچىت، ئاھالىلەر رايونى ۋە بازار قايرۇۋان شەھىرىنىڭ ئايرىلماس ئۈچ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاھالىلەر رايونى بىلەن بازار چوڭ مەسچىت يېنىغا جايلاشقان ئىكەن. بىز بارغان ئەرەبلەرنىڭ باشقا كونا شەھەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، قايرۇۋان كونا شەھەر رايونىنىڭ مۇھىتى كۆركەم ھەم تىنچ ئىكەن، دۇكانلاردىكى ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە رەڭگا رەڭ گىلەملەر كۆزنى قاماشتۇرىدىكەن.

شەھەر مەركىزىدىكى مىلادىيە 796 – يىلى ياسالغان سۇخانا مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، سۇخانىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ھازىرمۇ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ. ھەر كۈنى سەھەردە بىر تۆگە سۇخانىدىكى سۇ چاقپەلىكى يېنىغا يېتىلەپ كىرىلىدىكەن، تۆگە ئارقىلىق چاقپەلەك چۆرگىلىتىلىدىكەن، دىئامېتىرى ئىككى مېتىر كېلىدىغان ياغاچ چاقپەلەككە قاپاقسىمان ئۈچ سۇدان ئېسىلغان بولۇپ، چاقپەلەك ئايلانسا، سۇدانلار سۇغا تولىدىكەن، ياندا تۇرغان كىشى سۇداندىكى سۇنى ئىدىشقا قۇيۇپ تۇرىدىكەن. 1000 يىل مابەينىدە شەھەر ئاھالىلىرى مۇشۇ ئۇسۇلدا شۇ يەردىن سۇ ئىچىپ ياشاپ كەپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەردىن سۇ ئىچمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەردىكى ئاق چاچلىق بوۋاي، رەڭدار بېزەلگەن تۆگە ۋە سۇ چاقپەلىكى كىشىلەرگە شۇ تارىخنى ئەسلىتىپ تۇرىدىكەن.