قاھار جېلىل

ئورنى Wikipedia

قاھار جېلىل

( 1943~ 1994 )

« قىساس » ، « ۋاقىت ئۇنتۇلدۇرالامدۇ » ، « مېھرىبان » ، « تەقدىرنى كىشىلەر يارىتىدۇ » قاتالرىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان قاھار جېلىل ئۆز ئەسەرلىرىدە پاكلىق ، سەمىمىيلىك ، گۈزەللىك ، ئىناقلىق ، مېھرىبانلىق قاتارلىقلارنى ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن . ئۇ ئەسەرنى ۋەقە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت قېلىپقا چۈشۈپ قالماي ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەڭگۈ قىمممىتىنى يوقاتماي ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇر چاچىدۇ .