قوغشار تەڭرىقۇت
From Wikipedia
قوغشار تەڭرىقۇت
قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەسلى ئىسمى باتىسقان بېي بولۇپ ، ئۇ ھۇن خانىدانلىقىنىڭ 14- خاقانى قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ نەۋرىسى ، پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 48-يىلىدىن 56-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ مىلادىيە 48-يىلى ھونلارنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تۇرۇشلۇق سەككىز قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشلىپ ، ئۆزىنى بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن <قوغشار تەڭرىقۇت> دەپ ئاتىغان ھەمدە پانۇ تەڭرىقۇتتىن رەسمىي ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ، مەڭگۈ خەن سۇلالىسىنىڭ قالقىنى بولۇپ شىمالىي ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، مىلادىيە 56-يىلى ۋاپات بولغان