قىرغىز تىلى

ئورنى Wikipedia
header 1
قوللىندىغان دۆلەتلەر Qirghizstan,Qazaqstan,Xitay,Turkiye
قوللىندىغان كىشى سانى5000000
دۇنيادىكى تەرتىپى
تىل سېستىمىسى Türki tillar qipchaq til tarmiqi
رەسمى ئەھۋالى Qirghiz tili
رەسمى تىل Qirghizstan junhuriyti
ئورگان
تىل كودلىرى
ISO 639-1 ky
ISO 639-2 kir
ISO 639-3 kir
ئىزاھات
دۇنيادا قىرغىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان رايۇنلار.

قىرغىزىستان ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەتدە قوللىندۇ.

تەخمىنەن 5مىليۇن كىشى بۇ تىلنى بىلىدۇ.

تارىخ[تەھرىرلەش]

قىرغىزلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت. ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە سالنامىلىرىدە ناھايىتى بۇرۇنلا قىرغىز ئەجداتلىرىنىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. ھەممىدىن بۇرۇن «تارىخىي خاتىرىلەر»دە ئۇچرىغان 鬲昆ياكى 隔昆 سۆزلىرى قىرغىز ئەجدادلىرىنىڭ نامىدىن ئىبارەت. تارىختا خەنزۇچە سالنامىلەردە قىرغىز ئەجدادلىرىنىڭ نامى ھەرخىل تەرجىمە قىلىنغان، مەسىلەن، جىن سۇلالىسى دەۋرىدە كۆپرەك坚昆 (خاككاسلار)دەپ ئاتالغان؛ جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن سۈي سۇلالىسى دەۋرىگە قەدەر 结骨(خاككاسلار)، 纥骨، 契骨،护骨(قۇتلۇغ غۇز)دەپ ئاتالغان؛ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۆپرەك黠戛 斯(خاككاسلار)دەپ ئاتالغان، بەزىدە 坚昆 ياكى 纥挖斯 دەپ ئاتالغان؛ لياۋ، سۇڭ، جىن سۇلالىسى دەۋرلىرىدە辖戛斯، 黠戛 司، 纥里迄斯 دەپ ئاتالغان؛ موڭغۇللارنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئومۇمەن 吉利吉思(قىرغىز) دەپ ئاتالغان، بەزىدە 乞儿吉思(قىرغىز) دەپ ئاتالغان؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 布鲁特(بۇيرۇت) ياكى 布依鲁特 دەپ ئاتالغان. «بۇيرۇت» سۆزى ئەسلىدە جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ قىرغىزلارنى ئاتىشى ئىدى.كېيىن مانجۇ، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەرمۇ شۇ بۇيىچە ئاتىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە «ئېگىز تاغلىقلار» ئىكەن. مىنگونىڭ 24-يىلى (1935)، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەزكۇر مىللەت نامىنى خەنزۇچىغا 柯尔克孜دەپ ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىشنى رەسمىي بېكىتكەندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر شۇ بويىچە قوللىنىلماقتا.

«قىرغىز» سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە مەنىسى توغرىسىدا، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرىدا ۋە قىرغىزلارنىڭ رىۋايەتلىرىدە نۇرغۇن ئوخشاشمايدىغان شەرھىلەر بار. ئۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى «ماناس» ئېپوسىدا ئېيتىلغان «قىرىق جۈز» رىۋايىتى، «قىرگېز» رىۋايىتى ۋە خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن «قىر ئوغۇز» رىۋايىتى قاتارلىقلادىن ئىبارەت. مەسىلەن، «قىر ئوغۇز» رىۋايىتىدە «قىرغىز» سۆزى «ئوغۇز» سۆزىدىن ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. ئوغۇز قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك بىر پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئۆزىنىڭ ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرى بىلەن ئەپ ئۆتەلمىگەنلىكتىن، ئۆز قەبىلىسىنى باشلاپ شىمال تەرەپتىكى بىر «قىر»(چوڭ تاغ) ئېتىكىگە كۆچۈپ بېرىپ، ئوۋچىلىق قىلىپ ھايات كەچۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئوغۇزنىڭ باشقا ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى ئۇلارنى «قىرلىقلار» دەپ ئاتىغان. قىرلىقلار ئۆز ئەتراپىدىكى يېقىن قوشنىسى بولغان موڭغۇللار ۋە تاتارلار بىلەن قۇيۇق بېرىش-كېلىش قىلىغان. ئۇلار قىرلىقلارنى «قىر ئوغۇزلار»، يەنى قىردىكى ئوغۇزلار دەپ ئاتىغان. كېيىن قىر ئوغۇزلار تەرەققىي قىلىپ نەچچە مىڭ تۈتۈنگە يەتكەن ھەمدە موڭغۇللار، تاتارلار، قىتايلار(قىتانلار) بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قىر ئوغۇز پادىشاھىنىڭ بىر نەۋرىسى موڭغۇللارنىڭ بىر قىزى بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى «موڭغۇلدور»(موڭغۇللار) دەپ ئاتالغان، «قىر ئوغۇز» دېگەن ناممۇ مۇشۇ تەرەققىيات جەريانىدا، تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىرىپ «قىرغىز» بولۇپ قالغان. يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، بۇرۇنقى زاماندا شىمالدا ئىككى چوڭ تاغ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىدىن 10 دەريا ئېقىپ چىقىدىكەن، يەنە بىرىدىن 30 دەريا ئېقىپ چىقىدىكەن. بۇ دەريالار ئۆزئارا قوشۇلۇپ چوڭ بىر دەريانى ھاسىل قىلىدىكەن، «ئېنساي»(ئانا دەريا)دەپ ئاتالغان بۇ چوڭ دەريانىڭ ئاخىرى دېڭىزغا قۇيۇلىدىكەن. بۇ ئىككى چوڭ تاغدا ۋە بۇ دەريالارنىڭ قىرغاقلىرىدا ئولتۇراقلاشقان كىشلەر «قىر ئوغۇز» دەپ ئاتىلىدىكەن. قەدىمكى قىرغىز تىلىدا «قىر» سۆزى چوڭ تاغ مەنىسىنى، «ئوغۇز» سۆزى چوڭ دەريا مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. كېيىن «قىر ئوغۇز» سۆزى ئېغىز تىلىدا تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىرىپ «قىرغىز» بولۇپ قالغان. قىرغىزلار ئارىسىدا تاغنى «ئاتا» دەپ، دەريانى «ئانا» دەپ ئاتايدىغان ئادەت ئۇزاق مۇددەت ۋە كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ «قىر ئوغۇز» رىۋايىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

«خەننامە.ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە خاتىرىلىنىشىچە، خاككاسلار «شەرقتە تەڭرىقۇت ئوردىسىغا 7000 چاقىرىم كېلەتتى. جەنۇبتا قوش بەگلىكىگە 5000 چاقىرىم كېلەتتى». «ۋېينامە.غەربىي رۇڭلارنىڭ تەرجىمىھالى»دىمۇ: «شەرقتە ھۇنلارنىڭ تەڭرىقۇت ئوردىسى ئەنشىشۈگە 7000 چاقىرىم كېلەتتى، جەنۇبتا ئالتە قوش بەگلىكىگە 5000 چاقىرىم كېلەتتى. غەربىي جەنۇبتا كانجۇت خانلىقى چېگرىسىغا 3000 چاقىرىم كېلەتتى، غەربتە كانجۇت خانلىقى تېررىتورىيىسىگە 8000 چاقىرىم كېلەتتى» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن ئومۇمەن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، خاككاسلار مىلادىدىن بۇرۇنلا يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنى رايونىدا پائالىيەت قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە، موڭغۇل ئىگىزلىكىدە پائالىيەت قىلغان ھۇنلارنىڭ كۈچى تەدرىجىي زورىيىپ، ئۆزىگە قوشنا بولغان نۇرغۇنلىغان مىللەت ۋە قەبىلىلەرنى ئارقا-ئارقىلاپ بويسۇندۇردى. خاككاسلارمۇ ھۇنلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى. خەن سۇلالىسىنىڭ بېنشى 2-يىلى(مىلادىدىن بۇرۇنقى72)، خەن سۇلالىسى ئۇسۇنلار بىلەن كېلىشىپ ھۇنلارغا ئورتاق ھۇجۇم قىلدى. ئۇسۇنلار ھۇنلارنىڭ ئوڭ قول خان ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، نۇرغۇن ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى. شۇ يىلى قىشتا، ھونلارنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان دىڭلىڭ، ئاغۋات قاتارلىق قەبىلىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھونلارغا قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر تەبىئىي ئاپەت يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن «ھونلارنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتى، ھەر قايسى بەگلىكلەر ئۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدى، ھۇجۇمچى ۋە بۇلاڭچىلارغا تاقابىل تۇرالمىدى». خەن سۇلالىسى شېنجۆ 2-يىلى(مىلادىدىن بورۇنقى60)، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى غەربىي يۇرتتا مەھكىمە قۇرۇپ مەمۇرىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ھونلارنىڭ كۈچى تېخىمۇ شىمالغا يۆتكەلدى. ئارقىدىنلا ھونلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەڭرىقۇتنىڭ ئورنىنى تالىشىش ماجراسى توختىماي يۈز بەرگەنلىكتىن، كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتتى. خەن سۇلالىسىنىڭ گەنلۇ 2-يىلى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 52)، ھونلارنىڭ قوغشار تەڭرىقۇتى خەن سۇلالىسىغا تەسلىم بولدى. ئۇنىڭ بىلەن قارىمۇ قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان قۇتئۇش تەڭرىقۇت غەربكە ۋە شىمالغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، خاككاسلار رايۇنىغا كىردى. قۇشئۇت خەن سۇلالىسى ئەلچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، خەن سۇلالىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدن قورقۇپ، خاككاسلار زېمىنىدىن يەنە كانجۇتقا كۆچۈپ كەتتى. ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ ساۋۋېي دەۋرىدە، ھۆججەتلەردە خاتىرىلىنىشىچە خاككاسلارنىڭ خىللانغان لەشكىرى 30 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 100 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. شىمالىي ۋېي بەگلىكىنىڭ كۇيسۈي دەۋرىدە، قىرغىزلارنىڭ ئەجدادلىرى تېلى قەبىلىسى ئىتتپاقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كانفۇ دەرياسى (يېنسەي دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى ئاباكان دەرياسى) بىلەن كىم دەرياسى (يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى) ئارىسىدا پائالىيەت قىلغان. 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۈركلەر گۈللەندى، «غەربتە يادا بەگلىكىنى يوقاتتى، شەرقتە قىتانلارنى قوغلاپ چىقاردى، شىمالدا كەنكۈن(قىرغىز)لارنى قوشۇۋالدى، سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى بەگلىكلەرنى بويسۇندۇردى».

8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇر خانلىقى خاككاس(قىرغىز) لارنى زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى، خاككاس خاقانى ئۆلتۈرۈلدى. 9-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇيغۇر خانلىقىدا قەھەتچىلىك يۈز بەردى. ئارقىدىنلا ئىچكى توپىلاڭ يۈز بەردى. ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر خاككاسلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر خانلىقىنى يوقىتىپ، موڭغۇل ئېگىزلىكىنى تىزگىنلىدى. «يېڭى تاڭنامە.خاككاسلار ھەققىدە قىسسە»دە خاتىرىلىنىشىچە، خاككاس خانلىقىنىڭ چېگرىسى شەرقتە قۇرىقان(بايقال كۆلى يېنىدا)غا ياندىشىپ تۇراتتى، غەربتە قارلۇق(ئالتاي تېغىنىڭ غەربىدە)قا يېقىن تۇراتتى. غەربىي جەنۇبتا تۈبۈت (ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگىچە يېتىپ كەلگەن) بىلەن قوشنا ئىدى. جەنۇبتا تاڭ سۇلالىسى بىلەن قارىشىپ تۇراتتى.

خاككاس خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ خۇيچاڭ 6-يىلى(846)، تاڭ سۇلالىسى خانى ۋۇزۇڭ ئەلچى ئەۋەتىپ خاككاس قاغانىغا «دانا ۋە جەڭگىۋار قاغان» دېگەن ئوتۇغات نامىنى بەرمەكچى بولغان ئىدى. ئەمما ۋۇزۇڭ بۇرچىنى ئادا قىلماي تۇرۇپلا، ئالەمدىن ئۆتكەنلىكتىن، بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى. كېيىنكى يىلى تاڭ سۇلالىسى خانى تاڭ شۇەنزۇڭ خاككاسلارغا لى يېنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ قاغانىغا «دانا ۋە جەڭگىۋار قاغان»لىق ئوتۇغات نامىنى بەردى.

DLMURAT ANWAR KYRGYZ

شېۋە[تەھرىرلەش]

گرامماتىكا[تەھرىرلەش]

سۆزلۈك[تەھرىرلەش]

يېزىق[تەھرىرلەش]

قىرغىز سىرىل يېزىقى قىرغىز تىلى قىرغىز لاتىن يېزىقى[1] قىرغىز لاتىن يېزىقى لاتىن يېزىقى
1928—1940
IPA
А а а ا A a A a /ɑ/
Б б бе ب B b B в /b/, [w], [v]
В в ве ۋ V v V v /v/
Г г ге گ
ع*
G g G g, Ƣ ƣ /ɡ/ [ʁ]
Д д де د D d D d /d/
Е е e ه E e E e /je/, /e/
Ё ё ё يو Yo yo Yo yo /jo/
Ж ж же ج J j Ç ç (Ƶ ƶ 1938-1940) /dʒ/
З з зе ز Z z Z z /z/
И и и ى İ i I i /i/
Й й ий ي Y y J j /j/
К к кa ك
ق*
K k K k, Q q /k/, [q], [χ]
Л л эл ل L l L l /l/
М м эм م M m M m /m/
Н н эн ن N n N n /n/
Ң ң ың ڭ Ñ ñ Ŋ ŋ /ŋ/
О о о و O o O o /o/
Ө ө ө ۅ Ö ö Ɵ ɵ /ø/
П п пe پ P p P p /p/
Р р эр ر R r R r /r/
С с эс س S s S s /s/
Т т те ت T t T t /t/
У у у ۇ U u U u /u/
Ү ү ү ۉ Ü ü Y y /y/
Ф ф эф ف F f F f /f/
Х х ха ح H h X x (H h 1928-1938) [χ] /k/
Ц ц це تس C c Ts ts /ts/
Ч ч че چ Ç ç C c /tʃ
Ш ш ша ش Ş ş Ş ş /ʃ/
Щ щ ща - Şç şç Şc şc /ʃtʃ/, /ʃː/
Ъ ъ ажыратуу белгиси - - - -
Ы ы ы ى İ i Ь ь /ɯ/
Ь ь ичкертүү белгиси - - - -
Э э э ه É é E e /e/
Ю ю ю يۋ Yu yu Yu yu /ju/, /jy/
Я я я يا Ya ya Ya ya /ja/, /jɑ/
  • К - ك changes into ق if precedes or succeeds by letters а, о, у, ы.
  • Г - گ changes into ع if precedes or succeeds by letters а, о, у, ы.

ئۈلگە[تەھرىرلەش]

قىرغىزچە    ئۇيغۇرچە
Баардык адамдар өз беделинде жана укуктарында эркин жана тең укуктуу болуп жаралат. Алардын аң -сезими менен абийири бар жана бири-бирине бир туугандык мамиле кылууга тийиш.
ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا بابباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاش روخ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

  1. Kyrgyz alphabet, language and pronunciation