قىممەتلىك مەدەنىي مىراس — قېيىر پالىسى

ئورنى Wikipedia

   5  – ئايدا بىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك ناھىيە  باي ناھىيىسىگە كەلدۇق. بۇ يەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان قىزىل مىڭ ئۆيى، تەمى ئېغىزدىن كەتمەيدىغان سايرام قېتىقى، ئەڭ مۇھىمى، قىممەتلىك خەلق ھۈنەر – سەنئەت مىراسى بولغان قېيىر پالىسى بىلەن مەشھۇر. يەرلىك ئاياللار شۇ يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى، مىنېرال ماددىلىرى ماتېرىيال قىلىنغان بوياق بىلەن ساپ يۇڭدىن ئىگىرىلگەن يۇڭ يىپلارنى بوياپ توقۇغان پالاسلار قېيىر يېزىسىغا خۇددى ھەسەن – ھۈسەندەك ھۆسن قوشقان...

  بىز بىر كۈن يول يۈرۈپ باي ناھىيە بازىرىغا 100 كىلومېتىر كېلىدىغان قېيىر يېزىسىغا يېتىپ كەلدۇق. مانا مۇشۇ يېزىدا  يەرلىك  ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەرلىك خەلق ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيەت مىراسى  پالاس توقۇش ھۈنىرى ساقلىنىپ قالغان. قېيىر يېزا ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىكەن، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 1200 يۈەن بولۇپ، نامرات يېزا ھېسابلىنىدىكەن. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پالاس توقۇيالايدىكەن، ئۇلار ئاتا – بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان پالاس توقۇش ھۈنىرى ئارقىلىق بۇ يېزىنىڭ نامىنى ئەتراپقا تونۇتۇپتۇ.

  بىز بۇ يېزىنىڭ مىڭبۇلاق كەنتىدىكى پەرىدە ياقۇپنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. 50 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئايال كەنت بويىچە پالاس توقۇش ماھىرى بولۇپ، قىزى بىلەن كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە بالىلارغا پالاس توقۇش ھۈنىرىنى ئۆگىتىدىكەن.

  پەرىدە ياقۇپنىڭ ئۆيى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھويلىغا بىر پالاس توقۇش جابدۇقى قۇراشتۇرۇلغان ئىكەن. پەرىدە ياقۇپ قىزىقىپ قاراپ قالغىنىمىزنى كۆرۈپ، شۇئان بىزگە پالاس توقۇش مەشغۇلاتىنى كۆرسەتتى.

  پالاس توقۇش جابدۇقىنىڭ ئىككى بېشى يەرگە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئارىسىغا ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتا شوينا(ئۆرۈش يىپى) 30 سانتىمېتىر كەڭلىكتە تارتىلىدىكەن. ئاندىن ئۆرۈش يىپىنىڭ بىر بېشىدىن باشلاپ ئارقاق يىپ ئۆتكۈزۈلۈپ، قىلىچ بىلەن چىڭدىلىپ پالاس توقۇلىدىكەن.

  قېيىر يېزىسىدا توقۇلىدىغان پالاس نۇسخىلىرى ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئاتا –  بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان نۇسخىلار بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بەزى پالاسلار ئۆيدىكى كونا نۇسخىلاردا توقۇلۇۋېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئۆسۈملۈك، گۈل نۇسخىلىرى ياكى رەڭلىك يوللۇق شەكىللەر چۈشۈرۈلگەن  بولۇپ، ئادەتتە، پالاسقا ئادەم شەكىللىرى چۈشۈرۈلمەيدىكەن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خاس تۇتېم مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

  پەرىدە ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە، ھەقىقىي قېيىر پالىسى ئۆز ئائىلىسىدىن چىققان قوي يۇڭىدىن ئىگىرىلگەن يىپقا تۇخۇمەك ئۇرۇقى، ئۈجمە دەرىخى يىلتىزى، ياڭاق پوستى ۋە رۇدىلار ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان بوياقلار بىلەن رەڭ بېرىلىپ توقۇلىدىكەن.

  بىز پەرىدە ياقۇپنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، يولدا 65 ياشلار چامىسىدىكى مۇھەممەد ھوشۇر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قالدۇق. بوۋاي بىزنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئالدىمىزغا داستىخان سېلىپ، چاي قۇيدى. ئۇ بىزگە: ئىلگىرى كىشىلەر تاغدىن بوياق ياساشتا ئارىلاشتۇرۇلىدىغان رۇدا قېزىپ كېلىپ ساتاتتى، پالاس توقۇيدىغانلارمۇ ئاشۇ رۇدىلارنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك ئارىلاشتۇرۇپ بوياق ياسايتتى، بۇنداق بوياق بىلەن رەڭ بېرىلگەن يۇڭ يىپلارنىڭ رەڭگى نەچچە يۈز يىلغىچە ئۆڭمەيدۇ، دەپ تونۇشتۇردى. ئاندىن بوۋاي ئائىلىسىدە ساقلاۋاتقان نەچچە يۈز يىللىق پالاسنى ئېلىپ چىقىپ بىزگە كۆرسىتىپ: بۇ پالاس بىزگە بوۋامنىڭ بوۋىسىدىن مىراس قالغان، دېدى. پالاس ھەقىقەتەن كونا ئىدى، ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى پالاسنىڭ يىرتىلغان ياكى ئۆڭگەن بىرمۇ يېرى يوق ئىدى. پالاسنىڭ كونىلىقىدىن ئۇنىڭ ھازىرقى زامان رەڭلىك يوللۇق پالىسىنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

  بۇ پالاسنىڭ توقۇلۇشى ۋە يوللۇق شەكلى پەرىدە ياقۇپنىڭ ئۆيىدە توقۇلغان پالاس بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى، ئەمما رەڭگى بىر خىللا رەڭ  بوزرەڭ ئىدى. بوۋاي بىزگە چۈشەندۈرۈپ: بىزگە ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن مۇشۇ بىر خىل رەڭ مىراس بولۇپ كەلگەن، 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن كېيىن رەڭلەر كۆپىيىشكە باشلىدى، دېدى.

  قېيىر يېزىسىنىڭ پالاس توقۇش ھۈنىرىنىڭ قىممىتى بايقالغاندىن كېيىن، مىڭبۇلاق كەنتى يەرلىك پالاس توقۇش ھۈنىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپتۇ. ئىشىنىمىزكى، پات ئارىدا بۇ ھۈنەر – سەنئەتنى قىزغىن سۆيىدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىپ، بۇنداق قىممەتلىك خەلق ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرگۈسى.[1]

‹‹يىپەك يولى›› ژۇرنىلىدىن


  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 06 16:37؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/06/content_125806.htm؛