قىيان قەدىمكى شەھەر خارابىسى

ئورنى Wikipedia

قىيان قەدىمكى شەھەر خارابىسى شايار ناھىيىسىنىڭ يېڭى مەھەللە بازىرى تەۋەسىدە بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قالدۇق سېپىل ئورنى 200 مېتىرچە، بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر، كەڭلىكى ئىككى مېتىرچە كېلىدۇ. ئارا سېپىلى ئاساسىي جەھەتتىن قۇم ئاستىدا قالغان بولۇپ، ئوردا قىسمىنى ئاز – تولا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.

قىيان قەدىمكى شەھەر خارابە سېپىلى ۋە ئوردا قىسمى قىزىل سېغىز توپا بولۇپ، شەھەر خارابىسىنىڭ سىرتىدىن قىزىل سېغىز توپىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئەينى چاغدا بۇ شەھەرنى قۇرۇشقا باشقا جايدىن سېغىز توپىنى يۆتكەپ كېلىپ بىنا قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

قىيان قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن ھەر خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ساپال بۇيۇملاردىن كوزا، تاۋاق، ئىۋرىق، تەخسە پارچىلىرى، مىس قوراللارغا ئائىت بۇيۇملاردىن كۈسەن بەگلىكىنىڭ كىچىك مىس پۇللىرى ۋە نۆللۈك مىس پۇل، ئۈچ نۆللۈك مىس پۇل، مىس بۇت پارچىسى، مىس قوشۇق، مىس تاغاق، مىس مۆھۈر قاتارلىقلار بار.

قىيان قەدىمكى شەھەر خارابىسى ئىزىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ئاۋاتلاشقان دەۋرىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 160 – يىللىرىغا جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قىيان قەدىمكى شەھىرى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئاساسىي تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقىدەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىر مەزگىل تەرەققىي قىلىپ، غەرب بىلەن شەرقنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم شەھەر بولغان.