قۇمۇل ۋىلايىتى

ئورنى Wikipedia
قۇمۇل ۋىلايىتى

قۇمۇل ۋىلايىتى بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2000 نوپۇس بار، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ 492،096 نوپۇسىبار، 140،749 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 42.80°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 93°45.

تارىخ[تەھرىر]

قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار قەدىمدە <كۇنمۇ> دەپ ئاتالغان. ئۇسۇن خان مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭپىڭ 16 - يىلى (73 - يىلى يېخې لەشكەر بېشى قويۇلغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگوەن 4 - يىلى (630 - يىلى) غەربىي ئىۋىرغۇل ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. جېنگوەننىڭ 6 - يىلى (632 - يىلى) ئىۋىرغول ئايمىقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىۋىرغول ئايمىقى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇمۇل دەپ ئاتىلىپ، گەنسۇ ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې 4 - يىلى (1406 - يىلى) قۇمۇل ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) قۇمۇل نازارىتى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (4188 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت قىلىنغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) قۇمۇل ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، جېندى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 23 - يىلى (1934 - يىلى) قۇمۇل مەمۇرىي رايونى تەسىس قىلىنغان. 1943 - يىلى قۇمۇل ۋالىي مەھكمىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1970 - يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقتىن گەنسۇ ئۆلكىسى، غەربتىن تۇرپان ۋىلايىتى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇبتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدىن تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 595 كىلومېتىر كېلىدۇ). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 440 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 404 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 137 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 1 شەھەر، 2 ناھىيە (قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاتۈرۈك ناھىيىسى) قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئاراتۈرۈك ھەربىي ئات مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 588 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 446 مىڭ 300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 19.96% نى، خەنزۇلار 66.69% نى، باشقا مىللەتلەر 13.35% نى تەشكىل قىلىدۇ.  يەر تۈزۈلۈشى: شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس بولۇپ، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمى تاغلىق رايون، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە چۆل - باياۋان. تاغ يېرى 70.5% نى، تۈزلەڭلىك ۋە چۆللۈك 29.5% نى ئىگىلەيدۇ. ۋىلايەتتە شۇنازۇر كۆلى، بارىكۆل، تۇزكۆل قاتارلىق تەبىئىي كۆل ۋ 140 تىن ئارتۇق دەريا، تاغ بۇلىقى بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى 1 مىليارد 83 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقداردىن 1 مىليارد 350 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى قۇلان، ياۋا تۆگە، يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، سۈلەيسۈن، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى چاچ سەي، زاراڭزا، سوغىگۈل، قانتېپەر، چاكاندا، قارلەيلىسى، ماندارىن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، مىس، نېكىل، ئالتۇن، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى قاتارلىقلار بار. قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئىنتايىن زور. بارىكۆل ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ 2 - دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئاراتۈرۈك ئويمانلىقى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. قۇمۇل ئويمانلىقى بىلەن نوم كۆلى قاتارلىق چۆللەر مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.9℃ ~ 0.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 43.6℃ ، كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3200 ~ 3400 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 1700℃ ~ 4100℃. قىروسىز مەزگىلى 102 ~ 229 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 ~ 10 مىللىمېتىر. شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى بىر قەدەر مول. سەنتاڭخۇ كۆلى بىلەن نوم كۆلىدە يىلدا بوران چىقىدىغان كۈن سانى ئوتتۇرىچە 100 كۈندىن ئاشىدۇ. بۇ ۋىلايەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 46 مىڭ 400 گېكتار (696 مىڭ مو). ئورمان كۆلىمى 90 مىڭ 100 گېكتار (1 مىليون 351 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 4 مىليون 193 مىڭ 600 گېكتار (62 مىليون 904 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىش باب كېلىدىغان 266 مىڭ 700 گېكتار (4 مىليون مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، پاختا، ئۈزۈم، قوغۇن، چىلان، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، تۆگە، ئىشەكنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئالتۇن قېزىش، نىئورگانىك تۇز خىمىيە سانائىتى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى قاتارلىقلار بار. قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى بولۇپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى ھەر تەرەپكە تۇتاشقان. ئاسىيا - ياۋروپا نۇر كابىلى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ ۋىلايەتكە جايلاشقان پەسىللىك ئېغىز لاۋيېمياۋ ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا ئېغىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بەلسۇنغۇل جىلغىسىدىكى ئىپتىدائىي قىيا تاش ئويمىلىرى، قارا دۆۋە قەدىمكى قەبرىلىرى، خۇەنسەيگۇ جىلغىسىدىكى خەن سۇلالىسى، خۇيۋاڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئاقتاش، سارچوقا قاتارلىقلار بار.

نوپۇس ئەھۋالى[تەھرىر]

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

مائارىپ[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ھاۋا كىلىماتى[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى