قەشقەر گېزىتى

ئورنى Wikipedia

<قەشقەر گېزىتى> - قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى گېزىتلەرنىڭ بىرى، بۇ گېزىت 1933 - يىلى <ئەركىن ھايات گېزىتى> دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنىپ، كېيىنچە <يېڭى ھايات گېزىتى>، <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى>، <ئاڭ گېزىتى>، <جەنۇبىي تىيانشان گېزىتى> دېگەن ناملار بىلەن ئىزچىل نەشر قىلىنغان، 1956 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گېزىتنىڭ نامى <قەشقەر گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن.

گېزىت نەشر قىلىنىشى بىلەنلا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشقىمۇ سەھىپە ئاجرىتىلىپ، ئەينى يىللاردىكى ئەڭ ئاساسلىق مەتبۇئات سورۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھازىر <قەشقەر گېزىتى> نىڭ <قەشقەر گۈلزارى ۋە >گۈلزارغا نەزەر< دىن ئىبارەت ئىككى ئەدەبىي بېتى بار. >قەشقەر گۈلزارى< 1956 - يىلدىن تارتىپ مەخسۇس بەت بولۇپ ئاجرىتىلغان. بۇ بەت ھازىرغىچە >خەلق ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى<، >ئىلھام دېڭىزى<، >زور كوئېنلون<، >قەشقەر گۈلزارى< دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. بۇ بەت ھازىر ھەپتىدە بىر سان چىقىدۇ. بۇ بەتكە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ قىسقا ھېكايە، شېئىر، نەسىرلىرى بېرىلىدۇ. >گۈلزارغا نەزەر< 1992 - يىلدىن تارتىپ تەسىس قىلىنغان ئەسەرلەر ھەققىدىكى قىسقا ئوبزورلار، ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قىسقا ماقالىلەر، ئەدەبىي ئوبزورلار، ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قىسقا ئوبزورلار، ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قىسقا ماقالىلەر، مۇلاھىزىلەر بېرىلىدۇ، ھازىرچە قەرەلسىز چىقىرىلىۋاتىدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]