كارۋانلارنىڭ گۈل تاجىسى — قوڭغۇراق

ئورنى Wikipedia

        ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇر كارۋانلىرىنىڭ ‹‹يىپەك يولى››غا قەدەم تاشلىشى مىلادى 2 – ئەسرىدىن باشلانغان بولۇپ ، قاراخانىلار دەرۋىدە تازا روناق تاپقان، شۇ چاغلاردا ئۇ خۇددى ياز پەسلىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىدەپ ئۇلغىيىپ ئۆركەشلىگەن ئىدى. شۇڭا كارۋانلارنىڭ تاغ – داۋانلاردىن ئاشقان سۈرلۈك ، ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك قىياپىتى گويا بىر ئۈزۈلمەس سىمفونىيىگە ئوخشاپ قالغان. كارۋانلار ئۇزۇن سەپ تارتىپ ماڭغان دەل شۇ مەزگىلدە قوڭغۇراقتىن چىققان ئاجايىپ يېقىملىق ئاۋازلار كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرغان.

     قوڭغۇراق — ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىيات ئىشلىرىغا قوشقان يەنە بىر ئۇلۇغ تۆھپىسى بولۇپ ، ئۇ دۇنيا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا قوشۇلۇشقا مۇناسىپ .


       ئۇنداقتا كارۋان دېگەن نېمە ؟ قوڭغۇراقچۇ ؟

     بىردىن ئۈچكىچە بولغان تۆگىگە ھەرخىل تاۋارلارنى تېڭىپ باشقا ئەل – يۇرت ۋە دۆلەتلەرگە ئاپىرىپ سېتىپ ، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق تاۋار سېتىۋېلىپ ئاۋام خەلقنى تەمىنلىگەن سودىگەرلەر قىسقىچە كارۋان دەپ ئاتىلىدۇ.

      كارۋانلار يېتىلەپ ماڭغان تۆگىلەرنىڭ باش ياكى ئەڭ ئاخىرىدىكى بۇغرا تۆگىلىرىگە ئېسىلغان كولدورما قىسقىچە قوڭغۇراق دەپ ئاتىلىدۇ.

      قوڭغۇراق بوم ۋە زىلدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان. ئۇنىڭ شەكلى ئۇزۇن ، يۇمىلاق بولۇپ ، باش تەرىپى كىچىكرەك ، ئاياغ تەرىپى چوڭراق كەلگەن . ئۇيغۇر كارۋانلىرى ئىشلەتكەن قوڭغۇراق ئاق مىس ، پولات ، چويۇن بىرىكمىسىدە ئىشلەنگەنلىكتىن ، ئاۋازى تولىمۇ جاراڭلىق ھەم يېقىملىق چىققان. شۇڭا ئۇ قىش، ئەتىياز پەسلىدە 10 چاقىرىم ، ياز ، كۈز پەسلىدە ئۈچ چاقىرىم يىراقلىقتا ئاۋاز بېرەلىگەن. ئۇنىڭ چوڭلىرى 80 سانتېمېتىر ، كىچىكلىرى 30 سانتېمېتىر ئەتراپىدا بولغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئىلگىرى ئوردا ۋە بىرقىسىم مەكتەپلەردىمۇ قوڭغۇراق ئىشلىتلگەن.

      ئاۋام خەلق قوڭغۇراقنى كارۋانلارنىڭ ‹‹گۈلتاجى››دەپ نام بېرىشىدە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئاساسى بار:

      1. قوڭغۇراقنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ، كارۋانلارنى كېچىلىك سەپىرىدە بىرەر تۆگىسىنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.

      2. قوڭغۇراقنىڭ يېقىملىق ئاۋازاى ، كارۋاننىڭ قاچان ، قەيەرگە يېتىپ كەلگەنلىكىدىن شەھەر ، كەنت ، ئۆتەڭ ھەمدە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ئالدىن خەۋەر بەرگەن.

      3. قوڭغۇراقنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ، كارۋانلار سەپەر ئۈستىدە ئۇخلاپ قېلىپ ، كۈتۈلمىگەن بىرەر غەيرىي پىشكەللىك يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىمكانىيەت ياراتقان.

      قوڭغۇراقنىڭ ياسىلىشى ۋە تېخنىكا ماھارىتىدىن تولىمۇ ئاددىيلىق ھەم تولىمۇ قەدىمىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا بىرەر خەت ، يىلنامە ياكى بىرەر ئۇستىنىڭ نام – شەرىپىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. مۇشۇلاردىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ، قوڭغۇراقنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن ، يەنى قاراخانىلار دەۋرىگە تەئەللۇقلۇق بولۇش ئېھتىمالى بار.

      ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قېتىملىق سودا ئۈچۈن يەتتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، ئۇسسسۇزلۇق ۋە ئاچارچىلققا چىداپ ، ئەسلىدىكى ئېگىز – پەس، ئەگرى – توقاي تاغ – داۋان ۋە قۇم – بارخانلىرىدىن ئېشىپ ئۆز ئارزۇ –ئارمانلىرىغا يەتكەن ھەمدە زېرەك ، باتۇر ، بەردەم روھىنى بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا قالدۇرغان.  [1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ؛ۋاقىت: 2009- 01- 16 14:57؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-01/16/content_144782.htm؛