كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى

ئورنى Wikipedia
كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى

East Turkistan Canadian Assosiation

قۇرۇلۇشى 2018-يىلى 14-ئۆكتەبىر
تىپى NGO
باش شتاب تورونتو، كانادا
رەسمىي تىللار ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە
رەئىس تۇيغۇن ئابدۇۋەلى
تور بەت

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Kanada Sherqiy Türkistan Jemiyiti) بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كانادادىكى ئەڭ ۋەكىللىك تەشكىلاتىدۇر.مەزكۇر تەشكىلات 2018-يىلى 14-ئۆكتەبىر كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 200 دىن ئارتۇق تورونتو، ۋانكوۋېر، مونتېرىيال، ئالبېرتا، كالگارى قاتارلىق 5 شەھەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ بارلىققا كەلگەن.[1]

ئارقا كۆرۈنىشى[تەھرىرلەش]

كانادا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەردىن بىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان بىر دۆلەت. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنىمۇ كۈچلۈك ئاڭلىتىشقا بولغان تەقەززا، كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق قوللايدىغان بىر تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر نىشان، بىر مەقسەت ئاستىغا ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. ئەنە شۇ نىشان بىلەن 2018-يىلى 14-ئۆكتەبىر كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

تۇنجى سايلام[تەھرىرلەش]

تۇنجى سايلام كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تورونتو، ۋانكوۋېر، مونتېرىيال، ئالبېرتا، كالگارى قاتارلىق 5 شەھەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغان سايلىمى نەتىجىسىدە 184 ئاۋاز بىلەن 15 يىل بۇرۇن كاناداغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر شائىرى، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى مەزكۇر تەشكىلات رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ مۇراسىمدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى سۆيۈپ تۇرۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.

رەئىس[تەھرىرلەش]

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىم كانادادا ياشاۋاتقانلىقى 15 يىل بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا 8 يىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن. [2]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

مۇناسىۋەتلىك[تەھرىرلەش]

تەشكىلاتلار[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان[تەھرىرلەش]

جۇمھۇرىيەتلەر:

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]