كرىۋوي روگ

ئورنى Wikipedia

كرىۋوي روگ ئۇكرائىننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان مۇھىم پولات سانائەت مەركىزى.

نامى كرىۋوي روگ
دۆلىتى ئۇكرائىنا
خەنزۇچە نامى 克里沃羅格
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

ئۇكرائىننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان مۇھىم پولات سانائەت مەركىزى. يىلىغا پۈتۈن سوېت ئىتتىپاقى بويىچە پولا ئىشلەپچىقىرىشتا ماگىنتو گورسكى، ژدانوۋلاردىن قالسا 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 684 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) . شەھەر ئەتراپىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ تۆمۈر كانلىرى جايلاشقان. دونباس كۆمۈرلۈكى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ 400 كىلومېتىر كېلىدۇ، كروۋوي روگ 17-ئەسىردە قۇرۇلغان، 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەتراپىدىكى تۆمۈر كانلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. سانائەتتە پولات سانائىتىدىن باشقا كان ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، رۇدا قېزىش، كوكس كۆيدۈرۈش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تېرە-خۇرۇم، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەردە كان سانائەت شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.