كۆزنەك ئېكرانى

ئورنى Wikipedia

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

كۆزنەك ئېكرانى بولسا، كۆزنەك گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كەڭ شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن تەييارلىغان، تاللاپ كۆرۈش ۋە بىۋاستە كۆرۈشنى ئاساسلىق ئىقتىدار قىلغان شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋىدېئو ئەپ دېتالى.

كۆزنەك ئەپىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرچە تىلدىكى كىنو، تېلېۋىزىيە-تىياتىرى، كارتون فىلىم، ئىجادىي پىروگىراممىلار ۋە قىزىقارلىق ۋىدېئولارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. 71 دانە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە تىلدىكى ئالقىشلىق بىۋاستە كۆرسىتىش قاناللىرى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ھەرقانداق قاناللارنى دەل ۋاقتىدا كۆرەلەيسىز. يېڭىدىن سەپلەنگەن فىلىملەرنى چۈشۈرۈۋېلىپ كۆرۈش، قاناللارنى ئالدىن زاكاز قىلىپ كۆرۈش، قايتۇرۇپ كۆرۈش، ھەرىكەتلىك رەسىم چىقىرىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

نادىر تەرجىمە فىلىملىرى[تەھرىرلەش]

بۇ پەقەتلا كۆزنەك ئېكرانىدا قويۇلىدىغان تەرجىمە فىلىملەردۇر .

«مەخپىي ۋەزىپە»ھەر كۈنى بىر قىسىم يېڭىلىنىدۇ

«زاماندىن ھالقىغان رىشتە»ھەر چارشەنبە،جۈمە كۈنلىرى2قىسىمدىن يېڭىلىنىدۇ

«ئالدىنقى يېرىم ئۆمرۈم » ھەر ھەپتىنىڭ تاق كۈنلىرى قويۇلىدۇ .

«خەلق نامىدىن » ھەر ھەپتىنىڭ جۈپ كۈنلىرى قويۇلىدۇ .

«پىنو كىئو» كۈندە بىر قىسىم يېڭىلىدۇ

يۇقارقى فىلىملەرنى تورداشلار توردا بىلەت تاشلىغاندىن كېيىن تاللاپ چىقىلغاندىن كېيىن كۆزنەك گۇرۇپپىسى تەرجىمە-تەھرىرلەپ ئىشلىگەن.بۇندىن باشقا تېخىمۇ كۆپ فىلىملەر تەييارلانماقتا. كۆزنەك ئېكرانىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا ياكى ئېكران بېتىدە كەڭ  تورداشلىرىمىز بېلەت تاشلاپ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان فىلىمنى تەرجىمە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرسە بولىدۇ .

ھىندىستان مۇھەببەت فىلىملىرى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ يېڭى فىلىملەر بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئالقىشلىق فىلىملەردىن«دانگال»،«مەڭگۈلۈك مۇھەببەت»،«قالتىس ئوغرى»،«سۇلتاننىڭ ھېكايىسى»قاتارلىق 100دىن ئارتۇق ئېسىل ھىندىستان فىلىمى سىزنى كۈتمەكتە.

كۆزنەك ئىجادىي فىلىملىرى[تەھرىرلەش]

«كوت-كوت بازار»كوچىدىكى ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر مەسىلىگە بولغان كۆز قارشى بايان قىلىنىدۇ

«كىنو ھەپتىلىكى»دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قويۇلىۋاتقان ئەڭ يېڭى كىنو ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ

«سىرداشلار كۇلۇبى»تىرىك مۇزىكا،سەھنە ئالدى ۋە كەينى،ھەقىقىي ناخشىچى سىزنى كۈتمەكتە

«مېنىڭ ماشىنام»ماشىنا توغرىلىق نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز

«سۇپىر ئاشپەز»بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىۋالسىڭىز گۆھەرگە ئايلىنىسىز

مەنبە[تەھرىرلەش]

نۇر تورى ، ئىزدە قامۇسى