كۇزباس

ئورنى Wikipedia

روسىيە غەربىي سىبىرىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان چوڭ كۆمۈر كان رايونى، كۆمۈر زاپىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، كۆمۈر مەھسۇلاتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

روسىيە غەربىي سىبىرىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان چوڭ كۆمۈر كان رايونى، كۆمۈر زاپىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، كۆمۈر مەھسۇلاتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كۇزباس كۇزنېتىسكى تاغلىقى بىلەن سالايىر تېغىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، مەيدانى 26 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆمۈر زاپىسى 300 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى كۆمۈر زاپىسىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدۇ. كۆمۈرنىڭ سۈپىتى ياخشى، قاتلىمى قېلىن بولۇپ، كۆپىنچىسى كوكس تاۋلاشقا بولىدۇ. بۇ كۆمۈرلۈك 1851-يىلى ئېچىلىشقا باشلىغان. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئورال، كۇزباس مېتاللۇرگىيە بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلغان.

سانائەت تەرەققىياتى[تەھرىرلەش]

ھازىر بۇ رايون سوۋېت ئىتتىپاقى ئورالنىڭ شەرقىدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت رايونى ھېسابلىنىدۇ، بۇ جايدا پولات-تۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كوكس تاۋلاش، ماشىنىسازلىق، رەڭلىك مېتاللۇرگىيە قاتارلىق ئېغىر سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپى يېڭى كۇزنېتىسكى، كېمېروۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.