لاتىن تىلى

ئورنى Wikipedia
لاتىن تىلى

ۋاتىكان شەھىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەتدە قوللىندۇ.

تارىخ[تەھرىرلەش]

لاتىن تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستېمىسىنىڭ ئىتالىيە تىل تارمىقىغا كىرىدىغان تىل بولۇپ ،ئەسلىدە ئىتالىيىنىڭ Latium رايونىدىكى(ئىتالىيەلىكلەرLazioدەپ ئاتايدۇ)كىشىلەرنىڭ بىرخىل دىئالېكتى ئىدى.مۇشۇ رايوندا رېم ئىمپېرىيىسى تەرەققى قىلىپ زورايغانلقتىن بۇ دىئالېكت پۈتۈم ئىتالىيە رايونىغا تارقالغان،ھەمدە ئىتالىيىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن .خرىستىئان دىنى يارۋوپاغا تارقالغاندىن كىيىن لاتىن تىلىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ زورايغان .ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پوپلار ۋە خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىلى بولۇپ قالغان ،پەننى ماقالىلەرنى مۇشۇ تىلدا يازغان .دۇنيادا ھازىر بۇ تىلنى ۋاتكاندىن ئىبارەت بىر دۆلەتلا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ ،ئىلىن-پەن ئاتالغۇلىرى ،ئىلمى ماقالىلەر ،جانلىقلارنىڭ ئىلمى نامى ....قاتارلىق ساھەلەردە يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. لاتىن تىلى ئۇنۋېرسال تىپتىكى تىل بولۇپ،سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بۇ تىل گىرامماتېكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ .ئىشلەتكەندە ئومۇمەن سۆزگە مەلۇم سۆز ئارقا قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ ياكى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق ياكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆزگەرتىلىپ ئىشلىتىلىدۇ . لاتىن ھەرپلىرى خەلقئارادا رىم ھەرىپى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ھەرپ بەلگىسى(قالغان ئىككىسى:خۇاشيا خەنزۇ يېزىقى،ئەرەب رەقىمى)بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇ ھەرپلەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-7-ئەسىرلەردە گېرىتسيە ھەرپلىرىنى Etruscan ھەرىپىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق رىملىقلارنىڭ يېزىقىغا ئايلانغان ،رىملىقلارنىڭ ھەربى يۈرۈشىنىڭ كېڭىيشىغا ئەگىشىپ ،رىملىقلارنىڭ مەدەنىيىتى سۈپىتىدە ،غەربى ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان .لاتىن يېزىقى ئەڭ دەسلەپكى 21ھەرپ بولۇپ ،شۇ ۋاقىتتىكى خەنزۇ يېزىقىغا ئوخشاش تىنىش بەلگىسى يوق ،پەقەت چوڭ ۋە كىچىك يېزىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بار ئىدى.كىيىن تەرەققى قىلىپ ،بولۇپمۇ تەلەپپۇزى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىپ 26گە يەتكەن .يەنى G、J、K、V、Wقاتارلىق ھەرپلەر قوشۇلغان .ھەمدە چوڭ كىچىك ھەرخىل نۇسخىسى پەيدا بولغان . لاتىن يېزىقى ئاددى،رەتلىك ،چىرايلىق،ئوقۇش ۋە ئۇلاپ يېزىشقا ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،فرانسىيە،پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇ يېزىققا ۋارىسلىق قىلىپ ،لاتىن يېزىقلىق مىللەتلەرنى شەكىللەندۈردى.<<ئىنجىل>>مۇ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ،ھەمدە خرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشى،مۇستەملىكىسى تەسىردىن نۆۋەتتە غەربى ياۋروپا،ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر،ئوكئانىيە ،ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بۇ يېزىقنى ئىشلەتمەكتە .خەنزۇتىلىنىڭ پىنيىنىمۇ مۇشۇ ھەرپ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن . لاتىن يېزىقى ۋە لاتىن تىلى دۇنياۋى تىل ۋە يېزىق.ھازىرقى تىببى ئىلمىدىمۇ مۇھىم قۇرال ھېسابلىنىدۇ .تىببى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن لاتىن يېزىقى قوللىنىلىدۇ.دۇنيا تىلمۇ لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن . ئەڭ دەسلەپكى لاتىن ئېلىپبەسى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى7-ئەسىردە،جەمئى21ھەرپ): Aa Bb Cc Dd Ee Ff Zz Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx كلاسسىك لاتىن ئېلىپبەسى(مىلادى 41-يىلى،جەمئى 23ھەرپ ): Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx Yy Zz ھازىرقى لاتىن ئېلىپبەسى(26ھەرپ): Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Jj Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Uu Vv Ww Xx Yy Zz بۇ ھەرپلەرنى ئاساس قىلىپ ھەرپ تۈزگەن مىللەتلەردىن ئاساسلىقى :ئىنگلىزلار،گېرمانلار،فرانسۇزلار،ئىتاليانلار،گوللاندىيىلىكلەر.....بار .لاتىن تىلى ۋە ئېنگىلىزتىلى ئوخشاش تىل سىستېمىسى ھەمدە ئوخشىمىغان تىل تارمىقىغا كىرىدۇ .ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى لاتىن يېزىقنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىدىن كەلگەن.

شېۋە[تەھرىرلەش]

گرامماتىكا[تەھرىرلەش]

سۆزلۈك[تەھرىرلەش]

Questa lingua fa cagareeeeee

يېزىق[تەھرىرلەش]

فونولوگىيە[تەھرىرلەش]

قاراڭ[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]