لەيلىگۈل

ئورنى Wikipedia
لەيلىگۈل

لەيلىگۈل لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، لەيلىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، زەھەر قايتۇرۇش، يىرىڭلارنى چىقىرىش، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تونۇشتۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

لەيلىگۈل لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، لەيلىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تەخمىنەن ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ، غولى تىك، شېخى ئاز بولىدۇ؛ يىلتىزى يوغان، سېمىز ،تۈۋرۈكسىمان، ئەتلىك كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بار، شەكلى يۈرەكسىمان ياكى تۇخۇمسىمان. 3~7 غىچە تېيىز يېرىلغان، يوپۇرماق يۈزى يىرىك، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشىسىمان بولىدۇ؛ گۈلى قىزىل، ئاق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلەردە بولۇپ، قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ؛ غوزا شەكىللىك، مېۋىسى يالپاق شار شەكلىدە بولۇپ، گۈل كاسسىسىغا يۆگىلىپ تۇرىدۇ.

دورىلىق قىسمى[تەھرىرلەش]

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ياز پەسىللىرى ئېچىلغان ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، سورۇپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

تەبىئىتى[تەھرىرلەش]

ھۆل سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

زەھەر قايتۇرۇش، يىرىڭلارنى چىقىرىش، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىش مىقدارى[تەھرىرلەش]

ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

رېتسىپلار[تەھرىرلەش]

لەيلىگۈلدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

لەيلىگۈلدىن تۆت گرام ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، يۇتقۇنچاققا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك تۇيۇلىدىغان تۇيغۇنى يوقىتىدۇ. 35 گرام لەيلىگۈلنى سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، تۆت گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كېلىش بىلەن تەڭ قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

100 گرام لەيلىگۈلنى سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇپ، سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.