لەڭپۇڭ

ئورنى Wikipedia

لەڭپۇڭ بولسا ئۇيۇتما ، يۇمران تەرخەمەك ، تۇز ، ئاچچىقسۇ ، ياغ ، يېڭى قىزىل لازا ، شېكەر  قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،ناھايىتى يىيشلىك .

نامى لەڭپۇڭ
ئۇيغۇرچە ئەسلى نامى لىغىرداق

ماتىرياللار[تەھرىرلەش]

ئۇيۇتما 250 گرام، يۇمران تەرخەمەك بىر تال، تۇز 5 گرام، ئاچچىقسۇ 10 گرام، ياغ بەش گرام، يېڭى قىزىل لازا ئىككى تال، شېكەر بەش گرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. ئۇيۇتمىغا سۇ چېچىۋەتكەندىن كېيىن كىچىك-كىچىك تۆت چاسا قىلىپ توغراپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.

2. لازىنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىپ ئادالىغاندىن كېيىن قايناق سۇغا سېلىپ ئېلىپ ئۇششاق چاناپ ئۇيۇتمىنىڭ ئۈستىگە چېچىلىدۇ.

3. تەرخەمەكنى ئادالاپ ئۇششاق قەلەمچە قىلىپ ئۇيۇتمىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ. ئاندىن تۇز، شېكەر، ئاچچىقسۇ، چۈچۈتۈلگەن ياغ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى