ماشىننىڭ ئادەملىشىشى ۋە ئادەمنىڭ ماشىنىلىشىشى

ئورنى Wikipedia

قاسىم سىدىق

1. ”تەبىئى ئادەم“ ۋە ”ئىجىتمائىي ئادەم“

بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادىمىز ھەققىدە ئانترۇ پولۇگلار(ئىنسانشۇناسلار) ئىچىدە ”بىر ئاتا تەلىماتى“ ۋە ”كۆپ ئاتا تەلىماتى“ دىن ئىبارەت تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت. ھازىر ئىلىم ئەھلى تولاراق ”بىر ئاتا تەلىماتى“غا مايىل. ھالبۇكى، بۇخىل كۆزقاراش ئىسلام ۋە خىرستىيان تەلىماتىنىڭ ”ئادەم ئاتا“ ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى بىلەن مۇئەييەن مەنىدە ئورتاقلىققا ئىگە.

ئىنسانشۇناسلارنىڭ قانداق بەس-مۇنازىرە قىلىشىدىن قەتئى نەزەر، بىر نوقتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولدۇكى، ئەڭ ئىپتىدائى ئادەم ياكى ئەڭ ئىپتىدائى ئادەملەر جەزمەن ھازىرقىدەك ئىجىتمائىيلاشقان ئادەم بولماي، بەلكى رۇشەن ئىندىۋىدۇئاللىققا (خاسلىققا) ئىگە تەبىئى ئادەملەردۇر.

”تەبىئى ئادەم“

”تەبىئى ئادەم“نىڭ ھاياتىلىق تارىخىدىكى بىرلىككە كەلگەن ئارخىپى ئىنسانشۇناسلار تەرىپىدىن تىخى تۇرغۇزۇلغىنى يوق. شۇنداقلا، مىنىڭ بىلىشىمچە بۇ ھەقتە سىسېتىمىلىق توختۇلۇش قولىمىزدىكى تېمىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. پەقەت بىر نوقتا رۇشەنكى، زامان ۋە ماكان نوقتىسىدىن ئالغاندا، ”تەبىئى ئادەم“ ۋە ”تەبىئى ئادەم“لەرنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.

چىن مەنىدىكى، ئەڭ دەسلەپكى ”تەبىئى ئادەم“ زادى قانداق خۇسۇسيەتلەرگە ئىگە؟ ئۇنى ھازىرىقى زامان ئىلم-پەن نەتىجىلىرى ئاساسىدا

مۇنداق تەسۋىرلەشكە بولىدۇ:

(1) ئەڭ دەسلەپكى ”تەبىئى ئادەم“. ئىجىتمائىي فۇرما ۋە ئىجىتمائىي ئاڭغا ئىگە ئەمەس. (2) ئىجىتمائىي ئالاقە ۋە بىلىش قورالى بولغان جانلىق تىلىغا ئىگە ئەمەس. (3) لوگىكا چەكلىمىسىگە ئىگە ئەمەس. (4) فىزىئولوگىيلىك مەقسەتكە ئىگە. (5) يۇكسەك ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە. (6) يۇكسەك ئىجاتچانلىق روھىغا ئىگە. (7) يۇكسەك تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئىگە. (8)يۇكسەك پىداكارلىق روھىغا ئىگە. (9) ھەرقانداق شەكىلدىكى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە ئەمەس.

يۇقۇرقى جاپاكەش ئادەمنىڭ مەدەنيەت تارىخىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگۇرۇشلەرگە سەۋەپ بولغان تۈپ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ يۈكسەك ئىجاتچانلىق روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىدە. دەرۋەقە، تەبىئى فىزىلۇگىك ئېھتىياج (ھاياتلىق ئېھتىياجى) بۇ ئادەمدىن ئىجادى پىكىر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ساددا ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇر، ئىجاتكارلىق ۋە يۇكسەك پىداكارلىق روھى،ھىچقانداق لوگىكىلىق چەكىمىگە ئىگە بولمىغان بۇ ئادەمدە، ئەركىن جارى بولىدىغان تۈپ خۇسۇسيەتلەردۇر. بۇ ھەقتە داۋرىننىڭ ”تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى“ ۋە ”ئىنسانلارنىڭ كىلىپ چىقىشى“ ناملىق كىلاسسىك ئەسەرلىرى بىزگە زۆرۇر مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.

”ئىجىتمائىي ئادەم“

”ئىجىتمائىي ئادەم“ تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسيەتلەرگە ئىگە:

(1) ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە ئەمەس. (2) ئىجادچانلىققا ئىگە ئەمەس. (3) لوگىكا چەكلىمىسىگە ئىگە. (4) ئىجىتمائىي ئاڭ ۋە فۇرمىغا ئىگە.

(5) ئىجىتمائىي ئالاقە ۋە بىلىش قورالى بولغان جانلىق تىلغا ھەم ئىشارەت تىلىغا ئىگە. (6) ھەرقانداق شەكىلدىكى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە.

”ئىجىتمائىي ئادەم“، ئىجىتمائىي مائارىپنىڭ مەھسۇلى. بۇ يەردە ئۇزۇل-كېسىل مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بۇلىدۇكى، ھېچقانداق شەكىلدىكى مائارىپ تەربىيىسىنى كۆرمىگەن ئادەم، ”ئىجىتمائىي ئادەم“ بولالمايدۇ. مەيلى قايسى دەۋىردە بولمىسۇن، ئىجىتمائىي ئادەمگە ئايلانغان ھەرقانداق شەخىس ئىككى قاتلاملىق ئادەمدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بىرى، ”تەبىئىي ئادەم“ قاتلىمى، يەنە بىرى، ”ئىجىتمائىي ئادەم“ قاتلىمىدۇر.

يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارنى ئىپتىدائىي، تەبىئىي ئادەمنىڭ ھازىرقى زاماندىكى مودېلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىز بۇ بۇۋاقنى روبىنزۇن كىرۇزۇ(1) بىر زامانلاردا ياشىغان ئارالغا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ھىچقانداق تەربىيە بەرمەي، چوڭ قىلالىساق ئەڭ ئىپتىدائىي، تەبىئىي ئادەمنىڭ جانلىق تىپىغا ئېرىشىمىز. كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، تەربىيە قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بارلىق ئادەملەر، ئىككى قاتلاملىق ئادەملەردۇر.

2. ئىپتىدائىي مائارىپ

تارىخى نوقتىدىن قارىغاندا مائارىپنى ئىپتىدائىي مائارىپ ۋە زامانىۋى مائارىپتىن ئىبارەت ئىككى تۇرگە ئايرىشقا بولىدۇ. زامانىۋى مائارىپ ھەققىدە ئىزاھات خاراكتىرلىك ئەسەرلەر شۇنچە نۇرغۇن يېزىلدىكى، بۇ يەردە قايتا توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئاپتۇر پەقەت تېما ئىھتىياجىنى

كۆزدە تۇتۇپ، ئىپتىدائىي مائارىپ ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ.

ئىپتىدائىي مائارىپ تارىخىنىڭ باشلىنىش نوقتىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. مائارىپنىڭ نېگىزلىق ئېنىقلىمىسى ”ئۆگىنىش“ نى كۆزدە تۇتقاندا،بۇخىل تارىخنى، ئىنسانىيەت تارىخىدىن قەدىمىي تارىخ دەپ، ئۈزۇل-كېسىل مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇ. مەيلى قايسى خىل جانلىققا نىسبەتەن ئېيتىلسۇن، قاچان ۋە قەيەردە ”ئۆگىنىش“ ۋە ”ئۆگىتىش“ ئەمەليىتى شەكىللەنگەنىكەن. شۇ يەردە، شۇ جانلىقلار تۇرىدۇ ۋە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئىپتىدائىي مائارىپ تارىخىغا ھۇل بېسىلدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. (بو نوقتىدا ۋاقىت ۋە سەھىپە چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئارتۇق توختىلالمايمىز.) ”ئۆگىتىش“ ۋە ”ئۆگىنىش“ ئەمەليىتىنىڭ تارىختىكى ۋاقىت تەرتىۋى قانداق ئىدى؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىش، ماقالىمىزنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى.

ھازىقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىزگە شۇنداق ھوقۇق بېرىدۇكى، ئەڭ ئىپتىدائىي مائارىپ بىرخىل ئىستىخىيىلىك مائارىپ بولۇپلا قالماي، ئالدى بىلەن ”ئۆگىتىش“جەريانى ئەمەس. بەلكى ”ئۆگىنىش“ جەريانىدۇر! پۈتكۈل جانلىقلار تارىخىدىن قارىغاندا، ئۆگىنىش ئەمەليىتى، ئۆگىتىش ئەمەليىتىدىن ئىلگىرى تۈرىدۇ. بىر جانلىق ئۆزى بىلەن تۈرداش ياكى تۈرداش بولمىغان يەنە بىر جانلىقنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز دورىغىنىدا، ئۇ دەل ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئەمەليىتىنى باشتىن كەچۇرگەن بولىدۇ. مانا بۇ تەبىئى، ئىستىخىيىلىك بىر جەرياندىن ئىبارەت. قەدىمقى يۇنانلىقلارنىڭ ”تەقلىتچىلىك تەلىماتى“ نى بىر يولى ئىنكار قىلىۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەن بۇ تەلىماتنى يەنىلا ھاياتىي قۇدىرەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. ”مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاش“ كېرەك.

”ئۆگىتىش“ ئەمەليىتى، ئىجىتمائىي ئاڭنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھەرقانداق شەكىلدىكى ”ئۆگىتىش“، مۇئەييەن ”پىرۇگرامما“ نى چىقىش قىلىدۇ.

كۆرۈنۇپ تۇرۇپتۇكى، ئەڭ ئىپتىدائىي ئادەملەر، ناھايتى ئىجدىھاتلىق ئادەملەر، جاپاكەش ئادەملەر ۋە ئۆزلۇكىدىن ئۆگەنگۇچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ دەرىسخانىسى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پايانسىز ۋە رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسى ئىدى.

3. ”ئىجادى نەرسە“ ۋە ”تەقلىدي نەرسە“

تۇنجى ئىجاتكار

ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادىمىز قاچان، قەيەردە بىرەر ھەرىكەت ياكى بىرەر نەرسىنى كەشىپ قىلغان ئىكەن، دەل شۇكىشى (ياكى مەخلۇق) ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئىجاتكار ھېسابلىنىدۇ.

”ئىجادىي نەرسە“

”ئىجادىي نەرسە“ – يۇكسەك ئىندىۋىدۇئاللىققا ۋە تەڭداشسىزلىققا ئىگە نەرسىدىن ئىبارەت.

”ئىجادىي نەرسە“ پۈتكۈل مەدەنيەت تارىخىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى. مەدەنىيەت تارىخى، قەدىمقى زامان مۇتەپپەككۈرلىرى، ئالىملرى، سىياسىئۇنلىرىدىن تارتىپ، ھازىرقى زامان مۇتەپپەككۇرلىرى، ئالىملىرى ۋە سىياسىئۇنلىرى ياراتقان تارىخ. مەدەنىيەت تارىخى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە پۈتكۇل ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئومۇمىي پائاليىتىنىڭ ئىپادىلىنىش تارىخىدىن ئىبارەت.

”تەقلىدى نەرسە“

”تەقلىدى نەرسە“ – ئىجادىي نەرسىنىڭ كۆچۈرۇلمىسى، شۇنداقلا ئومۇملاشتۇرۇلغان، كۆپەيتىلگەن نوسخسىدىن ئىبارەت. ھەرقانداق شەكىلدىكى“تەقلىدى نەرسە“ ئىككى ئاساسىي شەرىت ئۇستىدە قارار تاپىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئىجادىي نەرسە، يەنە بىرى، مائارىپ.

بىرلىككە كەلگەن جەمىيەت

بىرلىككە كەلگەن ھەرقانداق جەمىيەت ”تەقلىدى نەرسە“ لەرنىڭ يىغىندىسى. ئىجىتمائىي تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئاڭ-ئىدىيە ساھەسىدىكى ئورتاقلىقلار، ھاياتلىق ھەركىتى ۋەھاكازالاردىكى ئورتاقلىقلارنىڭ ھەممىسى ”ئىجادىي نەرسە“ نىڭ كۆچۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت. كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى،“ئىجادىي نەرسە“، جەمىيەت تەرەقىياتىنىڭ يادۇرۇسى ۋە ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچى. بۇ يادرۇنى مەركەز قىلغان سىستېما بولسا، ”ئىجادىي نەرسە“ نىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇلغان تەقلىدى گەۋدىسىدىن ئىبارەت. ”ئىجادىي نەرسە“ بولمىسا، ”تەقلىدىي نەرسە“ بولمايدۇ. ”تەقلدىي نەرسە“ بولمىسا، بىرلىككە كەلگەن جەمىيەتتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

خىرستۇس مۇئەييەن مەنىدە ”ئىجتىمائىي ئادەم“ ۋە ”ئىجادىي نەرسە“ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، بىر پۈتۈن خىرستىيان دۇنياسىنى ياراتتى. مۇئەييەن مەنىدە ئېتىشقا بولىدۇكى، خىرىستىيان دۇنياسى، ئەيسانى ئەندىزە قىلغان ”تەقلىدى نەرسە“دىن ئىبارەت. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىسلام دۇنياسىمۇ، مۇھەممەت پەيغەمبەرنى مەركەز قىلغان تەقلىد دۇنياسىدۇر.

سىممىترىك دۇنيا

”ئىجادىي نەرسە“ بىلەن ”تەقلىدىي نەرسە“ ئوتتۇرىسىدا بىرمۇ-بىر ماسلىق تۈزۈلگەن بولسا، ئومۇمىي سىستېما سىممىتىرىك سىستېما بولۇپ ھىسابىلىنىدۇ ۋە مۇشۇ ئەندىزە بىلەن قۇرۇلغان دۇنيا سىممىتىرىك دۇنيادىن ئىبارەت. ئۇنىڭ خۇسۇسيىتى:

(1) بۇخىل دۇنيا، تەكرارى جەريانلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. (2) بۇخىل دۇنيا، كونسىرۋاتىپ دۇنيادىن ئىبارەت. (3) بۇخىل دۇنيا، ئۆلۈك دۇنيادىن ئىبارەت. بىز“ئىجادىي نەرسە“نى ھاياتلىق ھەرىكىتى ۋە ھاياتلىق روھىنىڭ يادرۇسى دەپ قارىغىنىمىزدا، ئەھۋال دەل شۇنداق بولىدۇ. سەۋەبى سىممىتىرىك دۇنيا، ئۆزى سادىق بولغان ئەندىزدىن باشقا ھەرقانداق ”ئىجادىي نەرسە“ نى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بۇخىل دۇنيا ھەقىقى مەنىدىكى ئۆلۈك دۇنياغا ئايلىنىدۇ. (4) بۇخىل دۇنيا تۇرغۇن، بىرلىككە كەلگەن دۇنيادىن ئىبارەت.

غەيىرى سىممىتىرىك دۇنيا

”ئىجادىي نەرسە“بىلەن ”تەقلىدىي نەرسە“ بىرمۇ-بىر ماسلىق تۈزمىسە بۇ خىل دۇنيا غەيرى سىممىتىرىك دۇنيا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. غەيرى سىممىتىرىك ھالەت ئومۇمەن ئىككى نوقتىدا ئىپادىلىنىدۇ.

(1) ئەندىزە سوبيېكتى بولغان“ئىجادىي نەرسە“دىكى ئۆزگۇرۇش ۋە ئىچكى زىدىيەتلەر.

(2) ئەندىزە ئوبيېكتى بولغان ”تەقلىدىي نەرسە“دىكى ئۆزگۈرۈش ۋە ئىچكى زىدىيەتلەر.

دېمەك، ھەرئىككى نۇقتىدا ياكى بىر نوقتىدا ئەسلىگە سادىق بولماسلىق ھالىتى مەۋجۇت ئىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل دۇنيا سىممىتىرىك دۇنيا بولالمايدۇ. غەيرى سىممىتىرىك دۇنيانىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى:

(1) ئۆزگۈرۇشچان بولىدۇ. (2) ئىچكى زىدىيەتلەرگە تولغان بولىدۇ. (3) بىرلىككە كەلمىگەن بولىدۇ. (4) ھاياتى قۇدىرەتكە تولغان بولىدۇ. كۆرىنىپ تۇرۇپتۇكى، ئىنسانيەت جەمىيىتى تاھازىرغىچە مەيلى ئىلىم-پەن مەيلى باشقا نوقتىلاردىن ئېتايلى، غەيرى سىممىتىرىك ھالەتنى ساقلاپ كەلدى ۋە ساقلاپ كەلمەكتە.

”ئىجادىي نەرسە“نىڭ ئىنقىلابيلىقى

(1) تارىخى نوقتىدىن ۋە ئومۇمىيلىقتىن قارىغاندا، ”ئىجادىي نەرسە“ئىنقىلابى بولىدۇ. ”قۇياش مەركەز تەلىماتى“، ”نىسبىيلىق نەزىريىسى“ قاتارلىقلار بۇنىڭ رۇشەن دەلىلى. گالىلىي، نيۇتۇن، ئارخېمىد قاتارلىقلارنىڭ تەلىماتى ئەينى ۋاقىتتا، ئەنە شۇنداق ئىنقىلابىي ھادىسە سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ، ئىلم-پەن تارىخىدا ئالەمشۇمۇل بۇرۇلۇش ياسىمىغانمىدى؟!.

(2) ”ئىجادىي نەرسە“ ئۆز نۆۋىتىدە، ئۆزى تۇغۇلغان جەمىيەتكە نىسىبەتەن ”قارشى ئىلنمايدىغان نەرسە“ بولۇپ قالىدۇ. بىرۇنونىڭ ئوتتا كۆيدۇرۈلىشى، گالىلينىڭ جازالىنىشى،ئېنىشتېيننىڭ مەسخىرىگە ئۇچۇرشى رىئال پاكىت.

(3) ”ئىجادىي نەرسە“ ئۆز نۆۋىتىدە، مۇقەرەر نەرسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نوپۇزلۇق تەلىماتلار، ئۆز زامانىسىدا قانچە كەمسىتىلىشىدىن قەتئىنەزەر ھامان غەلبىگە ئېرىشىپ كەلدى.

(4) ”ئىجادىي نەرسە“ تارىخى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن، ”كونسىرۋاتىپ نەرسە“ گە ئايلىنىپ قالىدۇ. نىيۇتۇن مەلۇم مەنىدە ئېنىشتېيننىڭ دۇنياغا كىلىشىگە ”ئاداۋەت“ تۇتمىدىمۇ؟!

”تەقلىدىي نەرسە“نىڭ كونسىرۋاتىپلىقى

(1) ”تەقلىدىي نەرسە“ ئومۇملاشقان نەرسە بولغانلىقى ئۇچۇن، ئۆز مەنبەسىدىن باشقا غەيرى تەقلىدىي نەرسىلەرنى چەتكە قاقىدۇ. پىتولمى كوپىرنىكنىڭ تۇغۇلىشىنى ئون سەككىز ئەسىر كەينىگە سۇرۋەتمىدىمۇ؟!

(2) ”تەقلىدىي نەرسە“ نوپۇز تىكلەپ، ”مۇقەددەس نەرسە“گە ئايلانسا، ئۆز مەنبەسىدىن باشقا ھەرقانداق ئىنقىلابى خاراكتېرگە ئىگە، ”ئىجادىي نەرسە“نى چەكلەيدۇ. ”مۇقەددەس نەرسە“ چېقىلغىلى بولمايدىغان نەرسە بولغانلىقى ئۇچۇن، ئەڭ كونسىرۋاتىپ بولىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، گۇمانلىنىش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقى، ئىنسانىيەت ئۆزى كەشىپ قىلغان ”مۇقەددەس نەرسە“ نىڭ زەربىسىگە تا ھازىرغىچە ئۇچىراپ كەلمەكتە.

4. ماشىنىنىڭ ئادەملىشىشى ۋە ئادەمنىڭ ماشىنلىشىشى

ماشىنا دىگەن نىمە؟

(1) ”ماشىنا“ – ئابىستىراكىت (ۋە ياكى كونكىرېىت)، ماددى شەكىلگە ئىگە بولمىغان ئىنسان تېخنىكىلىق تەپەككۇرىنىڭ ماددىيلىشىشى ۋە ئوپتىكلىق ئوبرازىغا ئايلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. دېمەك، ماشىنا ئادەمنىڭ كۆچۇرۇلمىسى، فۇنكىسيە نوقتىسىدىن ئالغاندا، ماشىنا ئادەمنىڭ تەقلىدىدۇر. ئادەمنىڭ فىزۇلۇگىك مىخانىزىملىرىنىڭ فۇنكىسيىسى بىلەن ماشىنىنىڭ فۇنكىسيىسى ئۆزئارا ماسلىق تۈزگەنلىكى ئۈچۈن، فۇنكىسيە نوقتىسىدا ئادەم بىلەن ماشىنا بىرخىل سىممىتىرىك ھالەتكە ئىگە.

(2) ”ماشىنا“ – تۈپ ئالاھىدىلىك نۇقتىسىدىن ئېتقاندا، ئالدىن تەييارلانغان پىرۇگراممانى مىخانىك ھالدا تەكرارلىغۇچى نەرسىدىن ئىبارەت. ئارخېمىدىنىڭ پىشاڭىدىن تارتىپ، ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغار ئېلېكتىرۇنلۇق مېڭىگىچە بولغان بارلىق ماشىنلار سىستېمىسى ئادەمنىڭ تەقلىدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

(3) شۇنداق دەپ ھۆكۇم قىلىشقا بولىدۇكى: ئالدىن تەييارلانغان مۇئەييەن ”پىراگرامما“نى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز، مىخانىك ياكى ئورگانىك تەكرارلىغۇچى ھەرقانداق نەرسە، فۇنكىسيە نۇقتىسىدىن ئېتقاندا ماشىنا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ماشىنىنىڭ ئادەملىشىشى

ھەرقانداق شەكىلدىكى ”ماشىنا“ فۇنكىسيە نۇقتىسىدىن ئادەمنىڭ تەقلىدىي، شۇنداق ئىكەن بارلىق ماشىنىلار سىستېمىسىنى ئادەمنىڭ ئۈچۈنچى قاتلىمى دەپ قاراش كېرەك (تەبىئىي ئادەم قاتلىمى، ئىجىتمائىي ئادەم قاتلىمى، مىخانىك ئادەم قاتلىمى) بۇ قاتلام ئەلۋەتتە، بىئولوگىيىلىك ۋە پىسخېلۇگىيىلىك قاتلام ئەمەس. ئۈزۇل-كېسىل مىخانىك قاتلام. ئالدىنقى ئىككى قاتلام ئوتتۇرىسىدا ھەم بىئولۇگىيىلىك ھەم لوگىكىلىق باغلىنىش بولسا، كېيىنكى قاتلام بىلەن ئالدىنىقى ئىككى قاتلام ئوتتۇرىسىدا پەقەت لوگىكىلىق باغلىنىش مەۋجۇت. بۇ نوقتىدا كونكىرېىت توختۇلۇش، مەخسۇس بىر تېما تەلەپ قىلىدۇ.

ئادەمنىڭ ئۈچۇنچى قاتلىمى تەدرىجى ھالدا يوقلۇقتىن بارلىققا، ئادىيلىقتىن، مۇرەككەپلىككە ۋە تەكەممۇللۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىپ بارغۇچى قاتلامدىن ئىبارەت. ئىلىم ئەھلىگە مەلۇمكى، ئېلېكتىرۇنلۇق مېڭىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، ”ماشىنا“ نىڭ ”ئادەم“ لىشىشىدىكى بۇرۇلۇش نوقتىلىرىنىڭ بىرى.

كونكىرېىت ئادەم فۇنكسيىسى بىلەن كونكىرېىت بىر“ماشىنا“نىڭ فۇنكىسيىسى ئوتتۇرىسىدا، قانچىلىك ئوڭ تاناسىپلىق (سىممىتىرىكلىك) مۇناسىۋەت شەكىللەنسە، بۇ ”ماشىنا“ شۇنچىلىك ”ئادەم“ لەشكەن بولىدۇ. نۆۋەتتىكى تىخنىكا ئىنقىلابى، دەل مۇشۇ ۋەزىپىنى تۈپ مەقسەت قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مۇبادا ئادەم مېڭىسىنىڭ ئەڭ ئالىي فۇنكىسيىسى بولغان، ئىجادىي تەپەككۇر فۇنكىسيىسىنى ”ماشىنا“غا كۆچۇرۇش مۇمكىن بولسا، ئۇھالدا ”ماشىنا“، ”ئادەم“نىڭ بارلىق ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆز زىمىسىگە ئالالايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى بىر نوقتىدا ”ماشىنا“، ”ئادەم“دىن ئېشىپ كەتتى، ئۇ بولسىمۇ – سۇرئەت!

ئادەمنىڭ ماشىنلىشىشى

بارلىق ”تەقلىدىي نەرسە“لەر، سۇنئى نەرسىلەردىن ئىبارەت. ئۈزۈل-كېسىل لۇگىكىلىق ئىدىيە شۇنداق قارايدۇ. ئىجادچانلىققا ئىگە بولمىغان ئادەم، شەك-شۇبھسىزكى ”تەقلىدىي نەرسە“ۋە سۈنئىي نەرسىدىن ئىبارەت. ئادەم، ئادەمنىڭ تەقلىدىي. مانا بۇ ئىجىتمائىي ئىنساننىڭ فۇرمىسى. بۇ يەردە بىز ئاناتومىك، ئانتىروپومتىرىيلىك خاسلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىپ ئولتۇرمايمىز. بۇخىل خاسلىقلار تەبىئى ئادەم قاتلىمىدىكى خاسلىقلار بولۇپ، ئجدىمائىي ئادەمنىڭ فۇنكىسيىسىنى تەتقىق قىلشتا ھېچقانچە ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. بىر ئادەمنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى، ئالدىنقى بىر ئادەمنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى (پىرۇگىرامما) بىلەن بىرمۇ –بىر ماسلىق تۈزسە، مانا بۇ تولۇق ماس تەقلىد ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ئادەم گويا بىر پىروگىرامما سۈپىتىدە، كېيىنكى ئادەم (ماشىنا) گە كىرگۈزۇلىدۇ. ئەگەر بۇ ”ماشىنا“ پىروگىراممىغا مۇتلەق بوي سۇنسا، ئو ئەلۋەتتە مۇكەممەل ”ماشىنا“بولىدۇ. ئەگەر بۇ ”ماشىنا“ پىروگىراممىنى ئۆزگەرتىۋەتسە ياكى بويسۇنمىسا، ”بۇزۇلغان ماشىنا“ ھېسابلىنىپ، ”رېمونىت“ قىلىنىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. پىتولمىنىڭ ”يەر مەركەز تەلىماتى“ بىر پىروگىرامما سۈپىتىدە، تاكى كوپىرنىكقىچە، تەقلىتچى ئىلىم ئەھلىدىن ئىبارەت ”ماشىنا“ لار سىستېمىسىغا كىرگۈزۇلۇپ، ئۇزىنىڭ قاششاق ۋە كونسىرىۋاتىپ ئىمپېىريىسىنى ياراتمىدىمۇ؟! گالىلى قاتارلىقلار بۇ پىروگىراممىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولىۋىدى ئۇلار ”رېمۇنىت“ قىلىندى. ھەتتا، بىرۇنو“چۇۋۇپ“ (2) تاشلاندى.

يۇقارقىلاردىن شۇنداق يەكۇن چىقىرىش مۇمكىنكى، ئادەمنىڭ ئىجتمائىلشىش دەرىجىسى بىلەن ماشىنلىشىش دەرىجىسى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

يەنە مائارىپ ھەققىدە

مائارىپ ئومۇمەن بىرلىككە كەلگەن ئىدىيىلەرنى ئۆزىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش نىشانى قىلغاچقا، ئۇ ئۇمۇمىي جەھەتتىن بىر كونسىرىۋاتىپ سىستېما. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تىخىمۇ شۇنداق. بۇخىل كونسىرىۋاتىپلىق ئەلۋەتتە، زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە مائارىپ بۇخىل خۇسۇسيىتىنى مۇئەييەن چەك ئىچىدە تەرىك ئەتمەسلىكى كېرەك. لېكىن بۇ دىگەنلىك، مائارىپ ئۆز بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان ھەرقانداق ”ئادەم“ نى ”ماشىنا“غا ئايلاندۇرۋەتسۇن دىگەنلىك ئەمەس.

مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىدى ۋە ئەڭ ئالىي نىشانى تەبىئى ئادەمنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇرى، گۇمانلىنىش ئىقتىدارى ۋە پىداكارلىق روھى قاتارلىقلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش بولۇشى كېرەك. ئەگەر يۇقىرقى ئىقتىدار ۋە روھلار تۈپ نىشان قىلنماي، ئەكسىنچە چەكلىنىدىكەن ئۇ ھالدا ئىلم-پەن تارىخى كىرزىسكە يولۇقىدۇ. بىر دۆلەت، بىر مىللەتكە نىسىبەتەن بۇ تولىمۇ ئېغىر پاجىئە!

ئېلېكتىرۇنلۇق ئوقۇتۇش بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىز مەسىلىگە دىيالىكتىكا نۇقتىسىدىن نەزەر تاشلىشىمىز كېرەك. ئېلېكتىرۇنلۇق ئوقوتۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە مىتۇدى توغرا تاللانمىسا، تۆتىنجى ئادەم قاتلىمى مەيدانغا كېلەمدۇ. قانداق؟ بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۇزۇشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر، ”ماشىنا“، ”ئىجىتمائىي ئادەم“ دىن ئىگىلىگەن مىخانىك ئىقتىدارنى، يەنە بىر ئەۋلات ”ئادەم“لەرگە ئۈگەتسە، تەبىئىي ھالدا، ”تەبىئىي ئادەم“ نىڭ ئىقتىدارى تەرىك قىلنىدۇ-دة، بىئولوگىيىلىك سۈپەتكە ھەم مىخانىك فۇنكىسيىگە ئىگە ”ئادەم“ (ماشىنا) لەر قاتلىمى مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ بەلكىم مۇبالىغىدۇر، لېكىن بۇ نوقتىنى نەزەرگە ئىلىش بەكمۇ زۆرۇر.

ئاپتۇرنىڭ بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان تۈپ شۇئارى شۇكى، مائارىپنىڭ يۆنۈلۈشى ھەققىدە قايتا- قايتا ئويلىنىش لازىم. مائارىپنىڭ تۈپ نىشانىنى ”تەبىئىي ئادەم“ نىڭ بارلىق ئىجادىي ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۇرۇش، جارى قىلدۇرۇش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا قارىتىش كېرەك. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە.

ئىزاھلار:

(1) دانئېل دېفۇنىڭ ”دېڭىز سەرگەردانى روبىنزۇن كىرۇنزۇ“رومانىدىكى باش قەھىرمان.

(2) بىرۇنو-”قۇياش مەركەز تەلىماتى“ غا سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆيدۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1997-يىللىق 5-سانى

مەنبە: گۈللىنىش مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى