ماگرىت ساچىر

ئورنى Wikipedia


ماگرىت ساچىر ئەنگىلىيەنىڭ 19-ئەسىردىن بۇيانقى تىنچ دەرۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم باش ۋەزىرى، ئۇ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي پەزەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئارقىلىق، ئەنگىلىيەنىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى ئۆزگەرتكەن.

ئۇ دۇنيا سەھىنىسىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم شەخس، ئۇ رونات رېگان بىلەن ئىدېئولوگىيەدە ئوخشاشلىقا ئىگە، بۇ ئۇنىڭ دۇنياۋى مەسىلەردە مۇھىم رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولغان، ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئەنگىلىيە سىياسىي ئەربابلىرى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدەك بۇنداق مۇھىم رول ئوينىيالمايدۇ.

ئۇنىڭ ھەقىقىي مۇرتلىرى ئۇنى ئەركىن بازاردىكى مۇقەددەس ئايال، ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسىيەسىنى ھەرتەرەپلىمە قىسقارتىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى دەپ قارايدۇ. رىئال تۇرمۇشتا بولسا، ئۇ ناھايىتى ئەمەلىيەتچال سىياسىي ئەرباب بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزىنى نابۇت قىلىش ئويى يوق، مەسىلەن پاراۋانلىق سىياسىتىنىڭ ئاساسىنى گۇمران قىلىشقا ئوخشاش.

بىراق، ئۇ باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە زور بۇرۇلۇشلارنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنىڭ سىياسىي مىراسلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تاشقى پىرىۋوت ۋە ئەمگەك بازىرىنى قويىۋىتىش؛ ئەڭ يۇقىرى باج تاپشۇرۇش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قانۇنىي ئورنىدا بۇرۇلۇش ياساپ، رادىكال كۈچلەرنى ئاساس قىلغان ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنى بىتچىت قىلىش؛ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كەسىپنىڭ كۆپىنچىسىدە خۇسۇسىسىيلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ شۇنداقلا پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ پۇل-قولىدىكى كىشەننى ئىلىۋىتىش قاتارلىقلار.

ماكرو ئىگىلىكى سىياسىتى جەھەتتە، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھۆكۈمەت ئەڭ دەسلەپتە پۇل سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ پۇل سىياسىتىكى رولىنى چۆرىدىگەن ھالدا ماجرا كىلىپ چىقتى، لىكىن كېينېسسىئانىزملىق مالىيە سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، پۇل سىياسىتىغا تايىنىش يەنىلا ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن.

ئۇ ياۋرۇپادىمۇ مۇھىم رول ئويناپ، بىرلىككە كەلگەن بازار بەرپا قىلىش پىلانى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، ئۇ بۇنى ئەركىن سودىنى سىرتقا كېڭەيتىشتىكى ياخشى سىناق دەپ قارىغان. ئەمما ئۇ ئارىلىشىش سىياسىتىنىڭ ئىلىپ كىلىدىغان نەتىجىسىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان شۇنداقلا پۇل بىرلىكى سىياسىتىگە قەتئي قارشى تۇرغان. ئۇ 1988-يىلىدىكى بىر نۇتىقىدا بىزنىڭ ئەنگىلىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى مۇۋەپپىقيەتلىك ھالدا قىسقارتىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ياۋرۇپا قاتلىمىدا ئەسلى ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن ئەمەس دېگەن. بۇ سۆز ئۇ ۋە ئۇ تەۋە ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىۋلار پارتىيىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېساپلىنىدۇ.

دۇنيا سەھنىسىدە، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئۇنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا ئەركىن بازارنى قوغدىغانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىدىن كەلگەن. خۇسۇسىيلاشتۇرۇش مەسىلىدە، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى سوتسىيالىستىك دۆلەت تەركىبى ساقلىنىپ قالغان دۆلەتتىمۇ ئومۇمىي مۈلۈكنى قىسقارتقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن.

ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خۇسۇسىيلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا باشلىىدى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىياسى مىراسىغا قانداق باھا بىرىش كېرەك؟