مۇھەممەد ئىقبال

ئورنى Wikipedia

ئاتاقلىق شەرق ئىسلام شائىرى ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال

(1873 ـ 1938 ـ يىللار)

1873 - يىلىدا پاكىستاننىڭ پەنجاپ ۋىلايىتىگە قاراشلىق پىيالكان يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىدى. دادىسى مۇھەممەد نۇر تەقۋا بىر كىشى بولۇپ، ھەم دىنى ھەمدە دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغول بولاتتى. ھالال ئىشلەپ تاپقان پۇلى بىلەن ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايتتى. ئانىسىمۇ دادىسىغا ئوخشاش تەقۋادار بىر ئايال ئىدى. ھەتتا يولدىشى پارىخورلۇقتا نامى چىققان بىرسىنىڭ يېنىدا ئىشلىگەندە يولدىشىنىڭ ئالغان پۇلىنىمۇ پارىخورلۇقتىن كەلگەن پۇل بولۇپ قالمىسۇن دەپ بەك دىققەت قىلاتتى. يولدىشىنىڭ ئالغان پۇلىنىڭ پارىخورلۇقتىن كەلمىگىنىنى بىلگەندىن كېيىن كۆڭلى خاتىرجەم بولاتتى. دادىسى مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ بىر كۈنى ئۇنىڭغا "قۇرئاننى چۈشەنمەكچى بولساڭ ئۇنى خۇددى ساڭا چۈشۈرۈلۇۋاتقاندەك ئوقۇ" دېگەن ئىدى.

ئىقبال دەسلەپكى ساۋادىنى ئۆيىدە دادىسىدىن ئالدى ۋە كېيىن قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن مەدرىسكە باردى. بۇ يەردە قۇرئاننىڭ كۆپ قىسىمىنى يادقا ئالدى. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن دادىسىنىڭ مىر ھۈسەيىن ئىسىملىك دوستى ئىشلەيدىغان مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. مىر ھۈسەيىن ئەرەب ۋە پارس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئىقبالغا ئەرەب ئەدەبىياتىنى ئۆگەتتى. ئىقبال بۇ مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن لاھوردىكى بىر ھۆكۈمەت مەكتىبىگە ئوقۇشقا كىردى.

لاھۇردا نۇرغۇنلىغان مەكتەبلەر بار ئىدى. ئىقبال بۇ يەردە ئېنگىلىزچە ۋە پەلسەپەدىن ئوقۇتقۇچىلىق دېپلومى ئالغاندىن كېيىن، لاھۇردىكى شەرق تىللىرى فاكولتىتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەندى. ئۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يازغان شېئىرلىرى بىلەن ئاستا ـ ئاستا نام چىقىرىشقا باشلىدى.

1905 ـ يىلى لوندوندىكى كامبىرىژ ئۇنىۋېرستېتىگە ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە باردى ۋە كامبىرىژ ئونىۋېرستېتىنىڭ پەلسەپە ۋە ئىقتىساد فاكولتىتىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن تۈگەتتى. لوندوندا تۇرغان بۇ ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىقبال ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى پاكولتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە بىر قاتار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئاچتى ۋە بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرى بىلەن لوندوندا نام چىقاردى. يەنە لوندوندا تۇرغان بۇ جەرياندا قانۇن كەسپىدە ئوقۇپ، سوتچىلىق ئۇنۋانى ئالدى ۋە گېرمانىيەگە بېرىپ مىيونخېن ئونىۋېرستېتىدا پەلسەپە كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇدى. 1908 ـ يىلى ھىندىستانغا قايتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ماقالىلىرى ۋە شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن تەنتەنە بىلەن قارشى ئېلىندى. ئىقبال ھىندىستاندا ئىشنى ئادۇكاتلىقتىن باشلىدى. ئۇنىڭ ئادۇكاتلىق ساھەسىدە قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ۋە دۇرۇسلۇقتا ھەممىگە ئۈلگە بولدى. ئۇ توغرۇلۇقىغا ۋە يېڭىپ چىقىشىغا ئىشەنمىگەن دەۋالارنى ئەسلا قوبۇل قىلمايتتى. كېيىن لوندوندا بىر ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى مەكتەبنىڭ ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۈلۈمىگە ئوقۇتقۇچىلىققا كىردى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇيەردىن ئايرىلدى. نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى سورىغانلارغا ئۇ "ئىنگىلىزلەرنىڭ قولىدا ئىشلەش بەك تەس، مەن كۆڭلۈم خالىغان نەرسىنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا سۆزلىيەلمىدىم، ھازىر ئەركىن بولدۇم، ئەمدى خالىغىنىمنى دېيەلەيمەن ۋە خالىغىنىمنى قىلالايمەن" دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئۇ ھۆكۈمەتتىكى بۇ ئىشىدىن ئىستىپا بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ھېچبىر زامان مائارىپ ساھەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويمىدى. لوندوندىكى ئىسلام ئىنىستىتوتىدا داۋاملىق دەرس بەردى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇنىۋېرستىتلەردە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئافغان مائارىپ جەمىئىيىتىگە ئەزا بولدى.

مۇھەممەد ئىقبال ۋەتىنىدىكى سىياسى پائالىيەتلەرگىمۇ قېتىلدى ۋە بۇجەھەتتە خەلقىگە يول باشچى بولدى. ئۇنىڭ سىياسەتتىكى ئاساسى ئىدىيىسى "سىياسەت ― ئىشلەش، ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە دەۋەت قىلىش" ئىدى.

ھىندىستانلىق مۇسۇلمان مۇھاجىتلارنىڭ ئىسمى بىلەن يازغان شېئىرلىرى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆرىشىدە غايەت زور رول ئوينىغان ئىدى. 1926 ـ يىلى پەنجاپ ۋىلايىتىنىڭ باش سوتچىلىقىغا سايلاندى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرگە مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولغان " رابىتەتول ئىسلامىيە" ئىسىملىك بىر جەمىئىيەتتىمۇ ئىشلىدى.

1930 ـ يىللاردا پاكىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى ھەققىدە ئۆزىگە خاس چۈشەنچلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىقبال ھىندىستاننىڭ تىل، ئىرىق ۋە دىنغا ئاساسەن بۆلۈنۈشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇ بۇ چۈشەنچلىرىنى كېيىنكى ۋاقىتتا پاكىستان دۆلەت رەئىسى بولغان مەھەممەت ئەلى جەنناھقىمۇ سۆزلىگەن ئىدى. يازغان شېئىر ۋە ماقالىلىرىدا بۇ ھەقتە كۆپ توختالغان ئىدى. 1932 ـ يىلى لوندوندا ئاساسى قانۇن تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن ئېچىلغان قۇرۇلتايغا قاتناشتى ۋە بۇ جەرياندا ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى. دوختۇرلار پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇنى ساقايتالمىدى. 1938 ـ يىلى ۋاپات بولدى. بۇ ۋاقىتلاردا ئىقبال ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغان ئىدى.

"ئۆلۈم ۋە ئازابنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلماق مۆمىننىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر."

مۇھەممەد ئىقبال تەقۋا بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى ۋە دادىسىنىڭ دوستى مىر ھۈسەيىننىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، تەقۋادارلىق ۋە كىشىلىك خارەكتېرىنىڭ يېتىلىشىدە يۇقىرى دەرىجىدە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىدى. چۈنكى ئۇستاز مىر ھۈسەيىن شاگىرتلىرىغا ئاساسلىقى ئەقىدە ئىسلامى، كىشىلىكنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىسلام ئەدەبىياتى ھەققىدە بەك تەسىر كۆرسەتتى. شۇنداقلا شاگىرتلىرىنىڭ ھەر بىرىنى مۇكەممەل كىشىلىك خارەكتېرىگە ئىگە قىلىپ تەربىيىلەپ چىقاتتى. ئىقبال بەك ئەقىللىق ۋە ھېسسىياتچان ئىدى. كىچىك ياشتىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ شېئىرلار كېيىنچە نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. ئىقبالنىڭ شېئىرى ۋە ئەدىبىيات جەھەتتە ناھايىتى يۇقىرى تالانتىغا ئىگە بولىشى ئۇنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەربىيە كۆرگەنلىكىنىڭ، دىنى جەھەتتە يېتىشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئۇ تېخى 33 ياشتىلا پەلسەپە، ئىقتىساد، قانۇن ۋە ئەدىبىياتقا ئوخشاش بىر قاتار ساھەلەردە ئوقۇدى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوملارنى ئالدى. بۇ ھەقتە يازغان بەزى ئەسەرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ گۈزەل ئەسەرلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر پايدىلانغان ئىدى.

ئىقبال بىر پەيلاسۇپ ۋە ياكى بىر ۋائىز ئەمەس ئىدى. ھەممىدىن مۇھىمى ئاﷲقا چىن دىلىدىن ئىمان ئېيتقان جاسارەتلىك، ئۆزىگە ئىشەنگەن، ئۆزىگە خاس چۈشەنچلىرى بولغان بىر كىشى ئىدى. شېئىرلىرىدا ھەقىقەتنى كۈيلەيتتى. بۇ خىسلەتلىرى بىلەن ئىقبال ھەقىقى بىر مۇجاھىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئىسلاھ يولىدا قىلغان ئىشلىرى...

مۇھەممەد ئىقبال ھاياتقا بولغان چۈشەنچلىرىنى ۋە قاراشلىرىنى شېئىرلىرىدا ئىپادە ئەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىسلاھ ھەققىدىكى ئاساسى چۈشەنچلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1 ـ مۇھەممەد ئىقبال ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى چىن دىلىدىن سۆيەتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگرىسى بولمايدۇ. چۈنكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى بىر دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە يازغان نۇرغۇن قەھرىمانلىق داستانلىرى بار ئىدى. ئۇ مەيلى شەرقتىكى مەيلى غەربتىكى مۇسۇلمانلارنى بولسۇن ھەممىنى مۇقەددەس بىلەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئىنسانلارنى سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان بىردىنبىر ھۆكۈمەت ئىسلام ھۆكۈمىتى ئىدى. يازغان شېئىرلىرىدا دائىم ئىسلام ھاكىمىيىتى سەلتەنەت سۈرگەن دەۋرلىرىنى مەدھىيلەيتتى.

ئىقبال ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچبىر زامان يوقالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىسلام ئۇممىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بىر ئىدېئولوگىيە ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى سۆزلەيتتى. باشقا تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرىنى كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا يازاتتى. بىر شېئىردا بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان ئىدى.

ھەق بولغان ئەزان بىلەن دائىم بىرگە بولغان،

ئىسلام ئۈممىتى مەڭگۈ قالىدۇ.

لائىلاھە ئىللەھلاھنىڭ ئىشقىدىن،

قەلىبلەر تۇتاشماقتىدۇر.

ئەگەر ئۇ، ئۆتمۈشتە ئىسلام مەدەنىيىتى دەۋرى سۈرگەن ھەرقانداق بىر يەرگە بارسا ۋە ئۇ يەرنىڭ خارابلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرسە كۆڭلى يېرىم بولاتتى. 1908 ـ يىلى ياۋروپادىن ھىندىستانغا قايتىشىدا سېكىللى ئارىلىغا بارىدۇ ۋە ئۇيەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۆز ـ ئۆزىگە:

كۆزەڭنىڭ يېشى بىلەن ئەمەس،

تۆكۈلگەن قېنىڭ بىلەن يىغلا.

بۇ يەر ھەقىقى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كۆمۈلگەن يېرىدۇر، دەپ يىغلايدۇ.

1932 ـ يىلى لوندوندىكى قۇرۇلتايدىن قايتىشىدا ئىسپانىيەگە بارىدۇ. ئۇ يەردە قۇرتوبە مەسچىتىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە بىر مۇسۇلمان شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۆجىزىسى بولغان بۇ مەسجىدنىڭ ئالدىدا ھاياجىنىنى باسالمايدۇ ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ناماز ئوقۇلمىغان بۇ مەسجىدنىڭ ئىچىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ.

ئىقبال مۇسۇلمانلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بەك ئۈمىدۋار ئىدى. بىر كۈنى قۇرتۇبىدا " بۈيۈك ۋادى" دېگەن دەريانىڭ بويىدا تۇرۇپ شۇنداق دېگەن ئىدى: " ئەي ئۇلۇغ دەريا ھازىر سېنىڭ قىرغاقلىرىڭدا تۇرغان بۇكىشى ناھايىتى گۈزەل بىر خىيال ئىچىدىدۇر. بۇ ئادەم كەلگۈسىنىڭ ئەينىكىدە يېڭى بىر دەۋىر كۆرىۋاتىدۇ. بۇ دەۋرىنىڭ سۆيۈنچىلىرى كېلىشكە باشلىدى. پەقەت ۋاقىتلىق ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. ئەگەر ياۋروپا بۇ دەۋرىنى بىلەلىگەن بولسا ئىدى، ئەقلىنى يوقىتىپ ساراڭ بولغان بولاتتى."

مۇھەممەد ئىقبال ياۋروپادا ئوقۇپ ئۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان بولسىمۇ ئەمما ھېچ بىر ۋاقىت ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئالدانمىدى. ئۇ ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانلارنى قېرىنداشلىققا ۋە سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. چۈنكى ياۋروپانىڭ مەدەنىيىتى پەقەت ماددى جەھەتتىكى بىر مەدەنىيەت ئىدى ۋە بۇ مەدەنىيەت ئۇسۇلى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى باش ئەگدۈرگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەبىئەت قانۇنىيىتىگە قارشى چىقىۋاتاتتى. ئىمانسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ھودۇقۇش ئىچىدە ئاچچىق تولغىنىۋاتاتتى. بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىسلاھ قىلىش، مەرھەمەت قىلىش ئارتۇقچىلىقى يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقبال دائىم مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ ياشلارغا بۇ مەدەنىيەتنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئالدىنىپ، ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكلىرىنى سۆزلەيتتى.

ئەمما ئېچىنىشلىق يىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىلىرى بۇ توزاققا چۈشۈپ پۈتۈن ئىززىتىنى يوقىتىپ ئاجىزلىدى ۋە مەۋجۇتلىقىنى يوقاتتى. ئىقبال ماقالە ۋە شېئىرلىرىدا مۇسۇلمانلارنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى قوغداشقا ۋە ئىسلامنى ئۆگىتىشكە دەۋەت قىلدى. چۈنكى، "مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى ۋە ئەركىنلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى مەنبەسى بولغان قۇرئان كېرىم ۋە سۈنئەتتە" دەيتتى. قانداق ۋاقىتتا ئىسلام دىنى ۋە رەسۇلۇللاھ ھەققىدە سۆزلىسە غۇرۇر بىلەن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى.

"ئەگەر يۇلتۇزلار ۋە سەييارىلار باش ئەگسە بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار، چۈنكى مەن، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ۋە ئىنسانلار بىلەن جىنلارنىڭ رەھبىرى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەدكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ توپا – چاڭلىرىغا ئايلاندىم ۋە بەخىتلىك ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە سۈرتىدىغان سۈرمىسى بولدۇم!"

2 - ئىقبالنىڭ چۈشەنچلىرىنىڭ ئاساسى ― ئۇنىڭ ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بەرگەن ئىنسانلارنىڭ نەپسىنى تەربىيلەش ھەققىدىكى چۈشەنچلىرىدۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ سائادەتكە ئېرىشىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاساسى ئىنساننىڭ نەپسىگە بولغان تەربىيىسىنى ئاساس قىلماقتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقبال دائىم ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى بىلشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ يولدا دائىم جىھات قىلىشى كېرەكلىكىنى سۆزلەيتتىى. ئەڭ دەسلەپ ئىنسان ئۆز نەپسى بىلەن جىھات قىلىشى كېرەك دەيتتى. ئىقبال جىھات ۋە تىرىشچانلىقتا ھايات، ھورۇنلۇق ۋە بىخوتلۇقتا ئۆلۈم بولغانلىقىنى سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە نەپسىنى دائىم قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈچلۈك قوغدىيالايدىغان دەرىجىدە تەييارلىشى ئىنسانغا خوشاللىق بېرەتتى. ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى ھەققىدە شۇنداق دېگەن ئىدى:

"باشقىلارنىڭ نېمىتىدىن ئۆزەڭنىڭ رىسقىنى ئىزلىمە، قۇياشنىڭ نۇرىدىن كەلگەن بولسىمۇ ھېچ كىشىدىن سۇ چاغلىق بىر نەرسە بولسىمۇ سورىما، ئاﷲقا ئىشەن ۋە تىرىش، بۇ قىممەتلىك مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ يۈزىنى يەرگە ئۇرما، بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەر ئات بىلەن كېتىۋاتقاندا قولىدىكى قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئەتراپتىكى ھېچ كىمدىن ياردەم سورىماي شەخسەن ئۆزى ئاتتىن چۈشۈپ قامچىسىنى ئالدى."

ئەگەر ئىنسان نەپسىنى شەھۋەتتىن ۋە تۈرلۈك قورقۇنچىلاردىن پاكىزلاپ، ئۆز ئۆزىگە ھاكىم بولالىسا ھېچ قانداق بىر ئىنسان ئۇنى بوزەك قىلالمايدۇ. ئىسلام نەپسنى تەربىيلەشكە ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بەرمەكتە ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلماقتا. ئىنساننىڭ نەپسىنى گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەتلەر بىلەن بېزىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىمەكتە ۋە نەپسىگە بولغان تەربىيىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقتا.

مەسىلەن: ئېتىقات نەپسىنى گۇمانلاردىن، قورقۇ ۋە شەھۋەتتىن يىراق تۇتۇپ ھەقىقى تەۋھىدنى ئىنساننىڭ قەلبىگە جايلاشتۇرۇپ، دائىم ئىنساننى ھورۇنلۇقتىن ساقلاپ، ئۇنى تىرىشىشقا ۋە كەلگۈسىگە ھازىرلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

3 - ئىقبالنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان مەقسەتلىرىدىن بېرى ― دۇنياۋى ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇش ئىدى. ئۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەرقانچە قەدىر - قىممىتىنى چۈشەنگەن ۋە نەپسىنى تەربىيلەشنى مۇھىم دەپ بىلگەن بولسىمۇ بۇلارنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا شەخسنى جامائەت ئۈچۈن، جامائەتنى شەخس ئۈچۈن بىر ئەينەك دەپ بىلەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە ھەر بىر شەخس ئۆزىنى ياخشى تەربىيىلىسە جامائەتكە بولغان ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلىيالايتتى. ئەگەر خاتا قىلسا ياخشى تەربىيىلەنگەن جامائەت ئۇنى تۈزىتەتتى. بۇ ھەقتە بىر شېئىرىدا شۇنداق دېگەن ئىدى:

"ئەگەر شەخس بىر جامائەتكە تەۋە بولسا، بىر تامچە بولسىمۇ دەريا بولىدۇ. ئۇنىڭ روھى، بەدىنى، يوشۇرۇن ۋە ئوچۇق بولغان ھەممە نەرسىسى ئۇنىڭ تەۋە بولغان جامائىتىگە ئائىتتۇر."

نەتىجىدە، بۇ جامائەتنىڭ بىر مەقسىدى ۋە پرىنسىپلىرى بولىشى كېرەك. يەنە بۇ مەقسەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن شەخسنىڭ ۋە جامائەتنىڭ سائادىتى بولىشى كېرەك. بۇندىن باشقا بۇ مەقسەتلەر پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ سائادىتىنى قوغدىشى كېرەك، ئىسلام ئىنسانلارنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىردىنبىر مۇقەددەس دىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقبال پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىنسانلارنىڭ سائادىتىنى قوغدايدىغان بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى دائىم سۆزلىگەن ۋە بۇ خىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى. ئۇ بۇ جەرياندا ھېچقانداق بىر ئىرقى ئايرىمچىلىققا قېتىلمىغان ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىن ئايرىمچىلىقى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئىسلام تەبلىغ قىلىنغان ھەممە يەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى سۆزلەيتتى.

"ئىرقىي ئايرىمچىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ۋە ئىسلامى مۇناسىۋەتلەرنى يوق قىلدى". نەتىجىدە ھىندىستاندا ياشىغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇستەقىل بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئېتىقاد ۋە مەقسەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىلەن ئىتتىپاق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ پاكىستاننىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىغانلارنىڭ بىرى بولغان ئىدى. ئىقبالنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن يەتتە يىل كېيىن، يەنى 1937 ـ يىلى پاكىستاننىڭ قۇرۇلىشى ئىدى. چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن بىللە ھىندىستاندا بىر تەرەپتىن ھىندىلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېنگىلىسلەرنىڭ تالان - تاراج قىلشى ئاستىدا قالغان مۇسۇلمانلارنى ئاز بولسىمۇ بىخەتەرلىككە ئىرىشتۈرگەن ئىدى.

پاكىستان ئىسلامىي ھاكىمىيەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىدى. ئۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇزۇر - ھالاۋىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرادىسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك ئىدى. گەرچە پاكىستان بۇ جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئارزۇ قىلىنغان مەقسەتتىن كۆپ ئۇزاقتا. پاكىستاننىڭ قۇرۇلىشى ھەققىدە بىر تەتقىقاتچىنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش "قىسقا زاماندا دۆلەت بولغان ۋە ئىسلاھات يولىدا بەزى ئىلگىرىلەشلەر بولغان، پاكىستاننىڭ ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش يولىدىكى غەيرىتىنى ئەسلا ئاددى كۆرمەيمىز". ئاﷲ رەھمەت قىلسۇن!